تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 3168 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • tursunjan تۈنۈگۈن 17:13 [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردە باشقۇرغۇچىلار بارتۇرۇپ نىمىشقا تىما تەستىقلانمايدۇ ؟

  • ئامان تۈنۈگۈن 01:59 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئات بوش توپىدا ئاسان مۈدۈرۈپ كېتىدۇ، ئادەم شېرىن-شېكەر سۆزلەر ئىچىدە ئاسان يىقىلىپ چۈشىدۇ.

  • ئامان تۈنۈگۈن 01:57 [ئىنكاس(0)] [...]

    پۇلنى خۇدا دەپ بىلگەن كىشى ئاقىۋەت چۈشىدە ئالۋاستىنى كۆرۈپ قارا باسىدۇ.

  • مەرزىيە ئۈلۈشكۈن 23:46 [ئىنكاس(0)] [...]

    دۈشمىنىڭ ناچار- يامان سۆزلىسە ،سەن ياخشى سۆزلە،سىنىڭ ھۆرمىتىڭگە نوقسان يەتمىسۇن.

  • مەرزىيە ئۈلۈشكۈن 19:33 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئايالنىڭ ئۇششاق نوقسانلىرىنى كەچۈرەلمىگەن ئەر،ئۇلارنىڭ بۆيۈك پەزىلەتلىرىدىن بەھرىمان بولالمايدۇ.

  • مەرزىيە ئۈلۈشكۈن 17:09 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئادەم ياشلىق ۋاقتىدىن باشلاپ تۇغرا نىيەت ۋە ياخشى ئەخلاق بىلەن تەربىيىلىنىشى لازىم.

  • زەپەر ئۈلۈشكۈن 10:56 [ئىنكاس(0)] [...]

    نىيتىڭ تۈز بولسا ئالقىش ياغىدۇ، نىيتىڭ پاك بولسا ئالقىش ياغار.

  • ئامان تۈنۈگۈن 01:59 [ئىنكاس(0)] [...]

    چاشقان ئۇۋىسىنىڭ يېنىدىلا مۈشۈكنى مازاق قىلالايدۇ.

  • ئامان تۈنۈگۈن 01:58 [ئىنكاس(0)] [...]

    بوران دەرەخنىڭ چۇڭقۇر يىلتىز تارتىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

  • ئامان تۈنۈگۈن 01:56 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئاتا-ئانىنىڭ بالىسىغا بېرىدىغان ئەڭ موھىم نەرسىسى پۇل ئەمەس، بەلكى  مېھرى-مۇھەببەت.

  • مەرزىيە ئۈلۈشكۈن 19:37 [ئىنكاس(0)] [...]

    ياخشى خوتۇننىڭ كۆڭلى ئوچۇق،ھەرىكىتى توغرا بولىدۇ،ئۇنى نازارەت قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق،

  • ئوغلانبەگ ئۈلۈشكۈن 19:03 [ئىنكاس(0)] [...]

    تىغ يارىسى ساقىيار،دىل يارىسى ساقايماس.

  • زەپەر ئۈلۈشكۈن 10:56 [ئىنكاس(0)] [...]

    نىيتى يامان گىپىدىن بىلىنەر .ئۇستا داپچى دېپىدىن بىلىنەر

  • ♣59_dum大_三_8 ئۈلۈشكۈن 00:07 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەگەر ئۇرغۇچى بۇلمىساڭ بازغان ،    سەندەل بۇلۇپ ئاستىدا قالسەن ھامان....!

كۆرۈش: 39|ئىنكاس: 3

بالىلارنىڭ پىسخىكىسىنى تەڭشەش ئۇسۇلى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

396

تېما

52

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

يوقلىما
92
قىزغىنلىق
4740 سەر
تىللا
2076 دانە
تۆھپە
7154 سەر
شۆھرەت
3312 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 16:58|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئامان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-2-5 17:08  

بالىلارنىڭ پىسخىكىسىنى تەڭشەش ئۇسۇلى

balilar.jpg.jpg

بالىلارنىڭ پسىخىكىسىدىكى تۇراقسىزلىق مۇۋاپىق تەڭشەش ئۇسۇللىرى ئارقىلىق ۋاقتىدا ھەل قىلىنمىسا، ئۇ بالىلارنىڭ خاراكتېرىدە ئېغىر دەرىجىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى پەيدا قىلىپ، بالىلارنى جىنايەت ئۆتكۈزۈش ۋە ئۆزىنى نابۇت قىلىش يولىغا سۆرەپ ماڭىدۇ. ئۇنىڭ كونكرېت ئالامەتلىرى: قايغۇرۇش، تەشۋىشلىنىش، بىئارام بولۇش، زىيادە سەزگۈرلۈك، ئۇيقۇسىزلىق، روھىي چۈشكۈنلۈك قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.
بالىلارنىڭ پسىخىكىسىدىكى تۇراقسىزلىقنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبلىرى كۆپ تەرەپلىمىلىك بولۇپ، مۇھىم مەنبەسى يەنىلا ئائىلە تەربىيىسىدىكى نۇقسانلار، ئوقۇش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر بىلەن جەمئىيەتنىڭ تەسىرى، بەرداشلىق بەرگۈسىز بېسىم، تۈگىتىشكە ئامالسىز قالغان زىددىيەت، يوقىتىۋەتكىلى بولمايدىغان چەكلىمىلىكلەردىن ئىبارەت. بۇ خىل ئەھۋاللار بالىلارنىڭ پسىخىكىسىدا بەزىبىر تۇراقسىزلىقلارنى پەيدا قىلىپ، ئۆگىنىشئاكتىپچانلىقى ۋە ئىجادچانلىقىنى چەكلەپلا قالماستىن، ئۇلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ.
بالىلارنىڭ پسخىكىسىدىكى بۇنداق تۇراقسىزلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئاتا–ئانىلار بالىلارنىڭ روھىي ھالىتىدە يۈز بېرىۋاتقان غەيرىي ئۆزگىرىشلەرنى ۋاقتىدا ئىگىلەشكە ماھىر بولۇپ، ئۇلارنىڭ پسىخىكىسىنى تەڭشەشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشى زۆرۈر.

مۇھىتنى يىڭىلاش ئۇسۇلى. ئادەم ناچار كەيپىيات، ئېغىر بېسىمغا دۇچ كەلگەن ۋاقىتتا سىرتقى مەنزىرىلەردىن ھۇزۇرلىنىپ، گۈزەل ئەسلىمىلەرنى ئويلاپ بەرسە، كۆڭلى ئېچىلىپ قالىدۇ. ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىنىڭ پسىخىكىسىدا تۇراقسىزلىق كۆرۈلگەننى ىىەزسە، شارائىتى يار بەرگەن دەرىجىدە ئۇلارنى گۈزەل ۋە مەنزىرىلىك جايلارغا ئاپىرىپ سەيلە قىلدۇرسا، كۆك ئاسمان،ئاپئاق بۇلۇت، زۇمرەتتەك سۇ، قۇشلار سايرىشىپ تۇرغان تەبىئىي مۇھىت بالىلارنى خۇشخۇي، ئازادە كەيپىياتقا ئىگە قىلىپ، بارلىق غەم–ئەمدىشىلىرىڭ يامغۇردىن كېيىنكى بۇلۇتتەك تارقاپ كېتىدۇ .


ئىلھاملاندۇرۇش ئۇسۇلى. ئاتا–ئانىلار بالىلارغا ئۇلارنىڭ باتۇر، قەيسەر ئىكەنلىكىنى دائىم ھېس قىلدۇرۇپ، يولۇققان مەسىلىنى دادىل بىر تەرەپ قىلالايدىغانلىقىغا بولغان ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇپ، بېسىم ۋە ئوڭۇشسىزلىقلارغا توغرا قاراش، توغرا يۈزلىنىش توغرىسىدا مەسلىھەت بېرىش بىلەن بىللە، بالىغا ئۆزىنىڭ تېخى كىچىك ئىكەنلىكىنى، ئالدىدا نۇرغۇن پۇرسەتلەرنىڭ بارلىقىنى ئەسكەرتىپ ئىلھاملاندۇرۇش ئارقىلىق پسىخىكىسىنى تەڭشەشنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك .


كىتاب ئوقۇش ئۇسۇلى. بالىلارغا كىتاب ۋە گېزىت–ژۇرناللارنى كۆپ كۆرۈش ئارقىلىق بىلىمىنى ئاشۇرغىلى، مىجەز–خاراكتېرىنى تەڭشىگىلى، مەنىۋى دۇنياسىنى بېيىتقىلى بولىدىغانلىقىنى، بۇ ئارقىلىق يەنە پسىخىكىلىق ساغلاملىقنى ساقلىغىلى بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلدۇرۇش كېرەك. چۈنكى بەدىئىيلىكى يۇقىرى ئەسەرلەرنى، كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان گۈزەل سۆز–جۈملىلەرنى ئوقۇپ دىققەتنى بۇراش ئارقىلىقمۇ پسىخىكىنى تەڭشىگىلى بولىدۇ.


فىزىئولوگىيلىك ساقلىقنى ساقلاش ئۇسۇلى. بالىلار بىرەر ئاۋارىچىلىككە يولۇققاندا، ئاتا–ئانىلار ئۇلارغا ناخشا– مۇزىكا ئاڭلاش، ئۇسسۇل ئويناش، توپ ئويناش، سۇ ئۈزۈش، مۇزىكا ئاڭلاش، كىنو كۆرۈش، رەسىم سىزىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىش ئارقىلىق ئۇلارنى فىزىئولوگىيىلىك جەھەتتىن تەڭشەپ، كەشپىياتىنى ياخشىلىۋېلىشىغا يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەك .


ئۆزىنى چەتكە ئىلىش ئۇسۇلى. ئاتا–ئانىلار بالىلارنى كۆپرەك كۆزىتىپ، كۆپرەك پىكىر يۈرگۈزۈشى، بالىلار ئالدىدا قارىغۇلارچە ئۆزىنى كۆرسىتىشكە ئورۇنماسلىقى لازىم. ئەكسىچە بولغاندا، ئۆز ئوبرازىغا تەسىر يېتىپ، بالىنى تەشۋىشكە سېلىپ قويىدۇ.

قىياپەتنى گۇزەللەشتۇرۇش ئۇسۇلى. سىرتقى قىياپەتكە ئەھمىيەت بېرىش ئارقىلىقمۇ باشقىلارنىڭ دىققىتى ۋە ھۆرمىتىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. شۇڭا ئاتا ئانا بولغۇچىلار ئىقتىسادىي ئەھۋالى يار بەرگەن شارائىتتا پەرزەنتىنىڭ سىرتقى قىياپىتىنى يېڭىلاپ، پەرزەنتىنىڭ ئۆزىنى روھلۇق، چىرايلىق سېزىشىگە ئىلھام بېرىشى كېرەك.


تەپەككۇر ئۇسۇلىنى ئالماشتۇرۇش. ئادەم كۈندىلىك تۇرمۇشتا بەزىبىر ئادالەتسىزلىكلەرگە، ئادىل بولمىغان مۇئامىلىلەرگە ياكى كۆڭۈلسىز كەچمىشلەرگە يولۇققاندا، پىكىر قىلىش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىقمۇ ئۆزىدىكى پسىخىكا تەڭپۇڭسىزلىقىنى ئوڭشىۋالالايدۇ. شۇڭا ئاتا–ئانىلار پەرزەنتلىرىنىڭ پسىخىكىسىدا تەڭپۇڭسىزلىق كۆرۈلگەندە، ئۇلارنى قارشى تەرەپتىن ئۆزىگە ئوخشاش ھېس–تۇيغۇنى ئىزدەپ بېقىشقا، ئۆزىنى باشقىلارنىڭ ئورنىغا قويۇپ تۇرۇپ ئويلىنىپ بېقىشىقا دەۋەت قىلىش بىلەن بىرگە خىيال، تەپەككۇرىنى ئۆزىگە قاتتىق تەسىر قىلغان ئىشتىن ئۆزىگە خۇشاللىق ئېلىپ كېلىدىغان ئىشلارغا يۆتكەشكە ئىلھاملاندۇرۇشى كېرەك .


ۋاقىتنى ئۇنتۇش ئۇسۇلى. ۋاقىت بارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى. بالىلار تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىلگىرىكى ۋە ھازىرقى ئۆزىگە كۆڭۈلسىز بىلىنگەن ئىشلارنى ئۇنتۇپ كەتسە، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ پسىخىك تەڭپۇڭلۇقتا ئىلگىرىلەش بولىدۇ.

ئۆز–ئۆزىنى ئازاد قىلىش ئۇسۇلى. بالىلار ئۆزىنى ئەركىن–ئازادە قويۇۋېتىشنى ئۆگىنىۋېلىشى، كىشىلەر ئالدىدا سۆزلىگۈسى كەلسەسۆزلىشى، كۈلگۈسى كەلسە كۈلۈشى ، يىغلىغۇسى كەلسە يىغلىۋېلىشى كېرەك. ئاتا-ئانىلارمۇ بۇنداق ۋاقىتتا پەرزەنتىنىڭ روھىي ھالىتىنى توغرا چۈشىنىپ، ئۇلارغا ئاكتىپ ماسلىشىپ، بالىلارنىڭ كۆزىگە كىرىۋېلىشتىن قاتتىق ساقلىنىشى كېرەك .

ئوقۇشنى قىزغىن سۆيۇش. پۈتۈن زېھنى بىلەن ئوقۇشقا بېرىلىش- بالىلارنىڭ پسىخىكىسىنى تەڭشەشتە ئىنتايىن مۇھىم. بۇنداق ئەھۋاللار بىر قىسىم ئاز ساندىكى تىرىشچان ئوقۇغۇچىلاردا كۆرۈلسىمۇ، ئاتا–ئانىلار يەنىلا مەكتەپ بىلەن يېقىندىن ماسلىشىپ پەرزەنتىنىڭ پسىخىكىسىدىكى كۆڭۈلسىزلىكنى ئوقۇش قىزغىنلىقى بىلەن ھەل قىلىشىغا مەدەت بېرىشى لازىم.

مەنبە: «شجاڭ ئاياللىرى»ژورنىلى، ئاپتورى: ياسىنجان توخنىياز توغراق

كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ، كۆرمىگەننى كۆرەرسەن ئۆلمىگىنىڭ.

212

تېما

44

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
4666 سەر
تىللا
778 دانە
تۆھپە
7892 سەر
شۆھرەت
3752 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش شائىرىبابقاش يازغۇچىسىبايقاش مەلىكىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 17:47|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بالىلارنى تەربىيلەشتە ياخشى ئىشلارنى ئۆلچەم قىلىپ ئۇلارنى كىچىكىدىن باشلاپلا پەرۋىش قىلىشنى چىڭ تۇتۇش زورۈر . بالىغا كىچىكىدىن تەربىيە بېېرىلسە ، ئۇ چوڭ بولغۇچە پىشىپ يېتىلىپ ، ياخشى ئادەم بولىدۇ .  ھەم بۇ ياخشى خىسلەتلە ئۇنىڭ قېن- قېنىغا سىڭىپ كىرىپ  ، ئۇنىڭ كەلگۈسىدىكى تۇرمۇشىنى ئىستىقبالىنى يورۇتۇپ  برىشكە ئاسا بولىدۇ   .
رەھمەت

باھا سۆز

ئامان سىزگىمۇ رەخمەت خانقىز.  يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 17:49

13

تېما

7

دوست

1467

جۇغلانما

ئەزىز مېھمان

Rank: 1

قىزغىنلىق
174 سەر
تىللا
18 دانە
تۆھپە
756 سەر
شۆھرەت
201 سەر

مائارىپچى

يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 18:29|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بالىلارنى تەربىيلەشتە كەم بولسا بولمايدىغان بىلىملەر ئىكەن،رەخمەت سىزگە.

37

تېما

14

دوست

5667

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1717 سەر
تىللا
220 دانە
تۆھپە
857 سەر
شۆھرەت
766 سەر

مائارىپچىبايقاش شائىرىبايقاش قىزىقچىسىتىرىشچان ئەزا

يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 20:19|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىرنەچچە تۈرلۇك پىسخىكا جەھەتتىكى  تەربىيلەش ئۇسوللىرىنى بىلىۋالدىم.  دىققەت قىلىش كېرەككەن, رەخمەت .
ھەردۇقمۇشتا قامچا بار !
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-2-7 11:23, Processed in 0.239102 second(s), 43 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش