پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 44 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 826|ئىنكاس: 2

ئىپىپىتى بۇزۇلغان بوۋاق[ئۇلانما كۆچۈرۈش]تەلەي +1

Rank: 4

يوقلىما
20
قىزغىنلىق
219 سەر
تىللا
227 دانە
تۆھپە
146 سەر
شۆھرەت
188 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-19 21:55:13|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئىپىپىتى بۇزۇلغان بوۋاق



تۇردى ئەخمەت


سوتسىيالىستىك قانۇنچىلىق قۇرۇلۇشى راۋاجلىنىپ ، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش تەكىتلىنىۋاتقان ، ئادەملەرنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيسى ، بىلىم قۇرۇلمىسى ، كىشلەرنىڭ دۇنيا قارشى يېڭىلىنىپ ،سوتسىيالستىك ئېتىقاد ، كىشلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئىجتىمائى ئەخلاق كۈنسىرى تاكامۇللىشىپ ، بىر-بىرىگە بولغان مېھىرى-شەپقەت ، ۋاپا- ساداقەت قەلىبلەرنى سۆيۇندۇرىدىغان بۈگۇنكى جەمئىيتىمىزدە، ئىنسانىي غورور ، پاك ۋىجداننى بۇلغاپ، جەمئىيەتنىڭ كۈچلۈك لەنەت-نەپرىتىگە ئۇچۇراۋاتقان ھايۋان سۇپەت ئىنسانلار ھېلىھەممۇ مەۋجۈت . داۋۇت ئەنە شۇنداقلارنىڭ تىپىك مىسالى .
ئوتتۇز ياش- ئادەمنىڭ ئەقىل- پاراسىتى ، كۇچ-قۇۋېتى ئۇرغۇپ تۇردىغان ، ئىنسانىيەت ئۇچۈن بەخىت-سائادەت يارىتىدىغان ئالتۇن دەۋرى. ئەپسۇس ، مۇشۇنداق گۈزەل دەۋرگە قەدەم قويغان داۋۇت ئۆزنىڭ كەچۇرگۈسىز رەزىل قىلمىشى تۇپەيلىدىن پۈتكۇل جەمئىيەتنىڭ كۈچلۇك نەپرىتىگە ئۇچرىدى .
17ئايلىق بوۋاق نېمە دېگەن سەبېي ،نىمە دېگەن ئوماق ؟ ئۇنىڭ پۇتۇن ۋۇجۇدى ، قەلبى ئانا سۈتىدەك ئاق ھەم پاك . يۈمران بەدەنلىرى مامۇقتەك يۇمشاق . مانا مۇشۇنداق ئېسىل سۇپەتلەرگە ئىگە ، تىخى بىر يېرىم ياشقىمۇ كىرمىگەن ، قورسىقى ئاچسا <<ئىڭڭە >> لەپ يىغلاشنىلا بىلىدىغان بىر سەبىي بوۋاقنىڭ ئېپپىتى داۋۇت تەرىپىدىن نابۈت قىلىنىپ ، ئۇنىڭ تېخى ئاق -قارىنى پەرق ئېتىش ئىقتىدارى بولمىغان ، ئەينەكتەك سۈزۇك قەلبىدە ، ئاجايىپ يۇمران بەدىنىدە مەڭگۇ ئەسلىگە كەلمەيدىغان ئۆچمەس جاراھەت ئىزى قالدى . كىچىككىنە ئىنسانىي تۇيغۇغا ئىگە ھەرقانداق بىر ئادەم بۇ ئىشقا ئېچىنماي تۇرالمايدۇ ھەم شۇنداق قىلشقا تامامەن ھەقلىق .
2001-يىلى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى تاڭ سەھەر . ئالەم ئاستا -ئاستا سۈزۇلۈشكە باشلغاندا ئاسىيە شىرىن ئۇيقىسدىن ئاستا ئويغىنىپ قوپۇپ ، ئەمدىلا 17ئايلىق بولغان ئوماق قىزى پەزىلەتنى ئېرى داۋۇتنىڭ قوينىغا سولاپ قويۇپ تارەت ئالغىلى سىرتقا چىقىپ كەتتى . بىردەمدىن كېيىن، پەزىلەتنىڭ <<جىررىدە >> چىرقىراپ ئەنسىز يىغلاپ كەتكەن ئاۋازىنى ئاڭلىغان ئاسىيە دەرھال <<نېمە ئىش بولدى >> دەپ سورىدى داۋۇتتىن .
-ھىچ ئىش بولمىدى ، سىلەر ئىشىڭلىنى قىلىۋېرىڭلار ،- دېدى داۋۇت .
پەزىلەتنىڭ ئۇنى بارغانسىرى ئەۋج ئېلشقا باشلىدى . ئاسيە قىلىۋاتقان ئىشنى ھاپىلا-شاپىلا تۈگتىپ ئۆي ئىچىگە كىردى-دە ، چۆچۇپ داڭ قېتىپلا قالدى . پەزىلەت ئىككى قولنىڭ ئالقىنىغا يۈزىنى يىغىپ ، ئىككى تىزىنى كۆكىرىگە تىرەپ ، دۈم يېتىپ بوغۇلۇپ يىغلاۋاتاتتى . قىزىنىڭ چات ئارلىقى قىپقىزىل قانغا بويلىپ كەتكەنىدى . داۋۇتنىڭ يوتىلرىمۇ قان تۇراتتى . سەبى قىزنىڭ ئېچنىشلىق نالسى بىلەن بۇ ھالىنى كۆرگەن ھەرقانداق بىر ئادەمنىڭ يۈرەك باغرى ئىزىلىپ كېتەتتى . ئۆز باغرىنى يېرىپ چىققان كىچىك جاننىڭ بۇ ھالنى كۆرگەن ئاسىيەنىڭ كۆزلىرىدىن مۇنچاق-مۇنچاق ياشلار تاراملاپ ئاقتى . ئۇ ھۇشىدىن كەتكىلى تاسلا قالغانىدى . ئاسىيە ئېسنى يىغىپ يۈگۈرۈپ كېلىپ قىزىنى باغرىغا بېسىپ ئۆكسىپ يىغلىغىنىچە :
-نېمە بولدى ؟ قولىڭىزنى تىقىۋەتتىڭىزما؟-دەپ سورىيالىدى، - ياق، يوتامغا چىچىۋەتتى ،-دەپ جاۋاپ بەردى داۋۇت . ئەمەلىيەتتىمۇ بوۋاقنىڭ تائارەت يولىدىن تائارەت مىڭىپ كەتكەنتى
ئاسىيەنىڭ «قولىڭىزنى تىقىۋەتتىڭىزمۇ ؟» دەپ سورىشىدىمۇ مەلۇم سەۋەب بار ئىدى . ئۇ داۋۇتتىن بۇ سۇئالنى سورغاندىن كېيىن بىر نەچچە كۈن ئالدىدىكى بەزەن ئىشلارنى ئېسگە ئالغاندەك بولدى .
پەزىلەت ئەسلى باشقا بىرسىنىڭ بالسى بولۇپ ، يېرىم يىلنىڭ ئالدىدا ئاسىيە ئېرىدىن ئاجىرىشىپ كەتكەچكە پەزىلەت ئاسىيەگە قالغاندى .
ئاسىيە 2001-يىلى 1-ئايدا داۋۇت بىلەن توي قىلغاندى . داۋۇت بىر نەچچە قېتىم پەزىلەتنىڭ جىنسىي ئەزاسىنى سىلاپ تۇرۇپ «بالامنىڭ بۇ يېرى بەكمۇ سېمىز ....»-دەيتتى ، ئاسىيە -«بۇ نېمە قىلغىنىڭىز؟» دەپ سورسا ، ئۇ -«ئوينىشىپ قويدۇم ، مېنىڭ بالام ئەمەسمۇ؟»-دەپ جاۋاپ بەرگەنتى ....
ئاسىيە ئۆزىنى تەستە يىغىدىن توختىتىپ پەزىلەتنى كۆتۇرگەن پېتى ئۆز ئاتا-ئانسىنىڭ ئۆيىگە كېلىپ ، بولغان ئەھۋالنى يىغلاپ تۇرۇپ سۆزلىدى . ئانا-بالا بىردەم كۆز يېشى قىلغاندىن كېيىن، پەزىلەتنى كۆتۇرىپ ، سوت مەھكىمىسىدىن دەم ئېلشقا چىققان قوشنا ئايالنىڭ ئۆيىگە چىقىپ كۆرسەتتى . پەزىلەتنىڭ جنسىي ئەزاسىدىن تېخىچە قان توختىمىغانىدى . بۇ پىشقەدەم كادىر بوۋاققا قاراپ ئىچى سىيرىلغان ھالدا -« دەرھال ج خ ئىدارىسقا ئېلىپ بېرىپ ئەھۋالنى مەلۇم قىلىڭلار ، قالغان ئىشلار شۇ ۋاقىتتا ئۆز يولى بىلەن يۈرۈشىدۇ » دەپ جىددىي مەسلىھەت بەردى . ئۇلار پەزىلەتنى ج خ ئىدارىسغا ئېلپ باردى .
ج خ خادىملىرى بۇ ئىشتىن قاتتىق چۆچۇپ كەتتى ھەم جىددىي ھەرىكەتكە كېلىپ، شۇ كۇنىلا داۋۇتنى تۇتۇپ قانۇن بويىچە توختىتىپ قويدى . پەزىلەتنى دوختۇرخانىغا ئالدۇردى ، دوختۈرلارنىڭ تىكىش ئوپراتسىيىسى قىلىپ جىددى قوتقۇزۇش نەتىجسسدە پەزىلەتنىڭ ھاياتى قۇتقۇزۇپ قېلىندى . ئەمما ئۇنىڭ قانداق ئۆسۈپ يېتىلىشى ، كەلگۇسى تەقدىرىنىڭ قانداق بولۇشىنى تەسەۋۋۇر قىلىش تەس ئىدى .
قانۇن دوختۇرى پەزىلەتنىڭ كېسەل تارىخى ئارخىپىغا ئاساسەن ، ئۇنىڭ زەخمە دەرىجىسنى باھالاپ چىقتى . بالاش نەتىجسدە :«زىيانكەشلىككە ئۇچۇرغۇچىنىڭ جىنسىي ئەزا ئارلىقى قىسمى ئىككىنچى دەرىجىدە يېرىلىپ زەخمىلىنىپ ، زەخمە ئورنى تولۇق ئەسلىگە كېلەلمىگەن . قىزلىق پەردىسى يىرتىلغان ، زەخمىلەنگۇچىنىڭ زەخمىسى ئىككى مەھكىمە ، ئىككى مىنىستىرلىكنىڭ ئادەملەرنىڭ ئېغىر زەخمىلىنىش دەرىجىسنى باھالاش ئۆلچىمىنىڭ 79-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ئىغىر زەخمە » دەپ ئوتتۇرغا قويۇلغاندى .
جىنايەت گۇماندارى داۋۇت 2001-يىلى 3-ئاينىڭ 1- كۈنى قانۈن بويىچە قولغا ئېلىندى . ئەمما بارلىق تەكشۇرۇشلەر تازا كۆڭۈلدىكىدەك بولمىدى . جىنايەت گوماندارى داۋۇت تەھقىقلەش ،ئەيىبلەش ، سوت قىلىش باسقۇچلىرىنىڭ ھەممىسىدە «پەزىلەت ئانىسى سىرتقا چىقىپ كەتكەندىن كىيىن قاتتىق يىغلاپ تېرىكتۇردى . مەن ئۇنى يوتامغا ئېلىپ جىنسىي ئەزاسىغا سول قولۇمنى تىقىۋەتتىم »- دەپ تۇرۇۋالدى . بەلكى بۇ ھىيلىگەر تۈلكە ئاسىيەنىڭ ئۆز ۋاقتىدىكى خاتا ھالدا سورىغان « قولڭىزنى تىقۋەتتڭزمۇ؟»- دېگەن بىر ئېغىز سۆزىدىن باشتىن -ئاياق پايدىلانغان بولۇشى مومكىن . دېلو بىجىرگۇچى خادىملار جىنايەت گۇماندارى داۋۇتقا ئۇزۇن مەزگىل ئىدىيىۋى- تەربىيە خىزمىتى ئىشلىگەن بولسىمۇ، ھېچقانداق ئۈنۈمى بولمىدى . كۆرپىدىكى قان داغلىرى تېخنىكىلىق تەكشۇرلۈپ ئانالىز قىلىنغان بولسىمۇ ، باشقا يېڭى دەلىل- ئىسپاتقا ئېرشىش مۇمكىن بولمىدى . ئاخىرى داۋۇتقا زەخمىلەندۇرۇش جىنايىتى بويىچە مۇددەتلىك 10يىللىق قاماق جازاسى ھۆكۇم قىلىندى .
نۆۋەتتە ، جەمئىيتىمىزدە ئورۇنسىز سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ، نىكاھتىن ئاجىرىشىدىغان ياش ئاتا-ئانلار كۆپىيىپ قالدى. ئۇلار بىر دەملىك ھېسسياتنىڭ كەينىگە كىرىپ ئاجىرشىپ، بىر مەزگىل ئۆز بەختىنى تاپقاندەك قىلسىمۇ، ئەمما ، ئاتا-ئانا مېھرىگە قانماي تىرىك يىتىم بولۇپ قالغان سەبىي پەرزەنتلەرنىڭ جىسمانى ۋە روھى جەھەتتىن قانداق ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ئويلىشىپمۇ باقمايدۇ، ئاتا-ئانا ئۇچۇن پەرزەنت بەختىدىنمۇ ئارتۇق بەخت بولمسا كېرەك. پەزىلەتنىڭمۇ كەلگۈسىدە نۇرغۇن ئارزۇ-ئارمانلىرى ، كىشنى مەس قىلغىدەك شېرىن ، مۇھەببەتلىك تۇرمۈشلىرى بولار ئىدى . پەزىلەت ناۋادا بېجىرىم ئۆسۈپ ، يېتىلپ كەلگۈسىدە ئەقلىگە تولغاندا، ئۆزىنىڭ ئۆگەي دادىسى تەرىپىدىن ناپۇت قىلىنغان بىر ئاجىزە ئىكەنلىكىنى بىلگەندە نېمە بولۇپ كېتەر؟ « مېنىڭ ئاتا-ئانام ئاجىرىشىپ كەتمىگەن بولسا ، تولىمۇ كىچىك ، سەبىي بوۋاق ۋاقتىمدا ئىنسان قەلبىدىن چىققان ياۋۇز نائەھلى تەرىپىدىن دەپسەندە قىلىنىپ ، بۇنداق ئېچنىشلىق ئاقىۋەتكە دۇچار بولماسلىقىم تامامەن مۇمكىن ئىدى ....» دەپ ئويلار؟ بىر ئۆمۈر روھى ئازاپ ئىسكەنجسدە ئۆتەر ؟ ئەپسۇس ، مىڭ ئەپسۇس.....

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
16 سەر
تىللا
58 دانە
تۆھپە
17 سەر
شۆھرەت
21 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-20 00:55:44|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنداق ئادىمىي ھايۋانلارغا ھەر قانداق جازا يېنىكلىك قىلىدۇ.
تۇرغۇن ئېلى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
324 سەر
تىللا
351 دانە
تۆھپە
222 سەر
شۆھرەت
105 سەر

مۇنبەر باشلىقىمائارىپچىتۆھپىكار باشقۇرغۇچى

يوللىغان ۋاقتى 2011-9-20 22:53:55|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نادانلىقتا ياشىغىچە مىڭ يىل، دانالىقتا ياشىغىن بىر يىل.

ھايۋانمۇ ئۇنداق قىلمايدۇ؟؟....
ئەتە ئۈلۈپ كىتىدىغاندەك ياخشى ئەمەللەردە بول.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

تاقاش

بېكەت باشلىقى تەۋسىيىسى

بايقاش تورى سىزنى قارشى ئالىدۇ!
بايقاش تورىدىكى سەرخىل مەزمۇنلارنى سزنىڭ كۈرۈشىڭىزنى كۈتۈپ تۇرماقتا، مەزمۇنلارنىڭ تۇلۇق كۆرۈشىڭىز ئۈچۈن تىزىملىتىپ كىرىشنى ئۇنۇتماڭ.... بايقاش گۇرۇپپىسى

كۆرۈش »

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园

ئارخىپ|يانفۇن|( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2011-10-10 10:10, Processed in 0.233697 second(s), 32 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش