ئاياللار ياقتۇرمايدىغان بىچارە ئەرلەر
1.پۇل چىقىرىشقا كەلگەندە ھەركىتى ئاياللارنىڭكىدىن ئاستا ئەرلەر؛ 2.چېچى دائىم مايلىشىپ تۇرىدىغان،چېچىنى يۇمايدىغان ،تارىمايدىغان ئەرلەر؛ 3.پۈتۈن بەدىنىدىن تەر پۇرىقى كېلىپ تۇرسىمۇ،بۇنى ئۆزىدىكى «ئەرلىك پۇرىقى»دەپ قارايدىغان ئەرلەر؛ 4.بۇرۇن تۈكلىرى سىرتىغا چىقىپ تۇرىدىغان ئەرلەر؛ 5.دائىم ئۆزىنى ماختاپلا يۈرىدىغان ئەرلەر؛ 6.ئېغىزى پۇرايدىغان ئەرلەر؛ 7.دائىم ئاياللارنىڭ پېيىدە يۈرىدىغان ئەرلەر؛ 8.ئاياللارنى چۈشىنىدىغانلىقى ھەققىدە جار سېلىپلا يۈرىدىغان ئەرلەر؛ 9.خوتۇنىنى ئۇرىدىغان ئەرلەر؛ 10.تۈكۈرۈكىنى چاچرىتىپ سۆزلەيدىغان ئەرلەر؛ 11.غەيۋەتخور ئەرلەر؛ 12.ساقىلى ۋە تىرنىقىنى ۋاقتىدا ئالمايدىغان ئەرلەر؛ 13.ئاياللارنى پەس كۆرىدىغان ئەرلەر؛ 14.چىشلىرىدىكى تاماق قالدۇقلىرى بىلەن كارى يوق ئەرلەر؛ 15.گەپنى ئەگىتىپ سۆزلەيدىغان ئەزمە ئەرلەر؛ 16.تاماقنى شالاپشىتىپ يەيدىغان ئەرلەر؛ 17.ھاراقكەش،قىمارۋاز ئەرلەر؛ 18.ئايالچىغا مايىل كىيىملەرگە ئامراق ئەرلەر؛ 19.قۇلىقىغا ھالقا ،بوينىغا زەنجىر ئېسىپ يۇرىدىغان ئەرلەر؛ 20.ئىشخانىدا كالتە ئىشتان كىيىپ يۈرىدىغان ئەرلەر؛ 21.قولىغا ئىككىدىن ئارتۇق ئۈزۈك سېلىۋالىدىغان ئەلەر؛ 22.توختىماي بۇرنىنى كولاردىغان ئەرلەر؛ 23.ئىدارىدىكىلەر بىلن تاكاللىشىپ قالسا ئاچچىقىنى خوتۇن-باللىرىدىن ئالىدىغان ئەرلەر. 24.ھە دېسىلا خوتۇنى قېينانىسى ئۈستىدىن باشقىلارغا دادلايدىغان ئەرلەر؛ 25.ئىچىدە گەپ ياتمايدىغان ئەرلەر؛ 26.ئۆيىدە بولغان ئىشلارنى تالا تۈزىدە دەپ يۈرىدىغان ئەرلەر؛ 27.دائىم ئاياللار بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇرىدىغان ئەرلەر. 28.ئازراق ھوقۇق تېگىپ قالسىلا ئۆزىنى بىلەلمەي قالىدىغان ئەرلەر؛ 29.تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرىدىغان ئەرلەر؛ 30.ئۆزى قىلغان ئىشقا ئۆزى ئىگە بولمايدىغان ئەرلەر؛ 31.ئائىلىسىگە كۆيۈنمەيدىغان ئەرلەر؛ 32.كېچە-كېچىلەپ ئۆيگە كىرمەيدىغان ئەرلەر؛ 33.ھەسەتخور ئەلەر؛ 34.چىدىماس ئەرلەر؛ 35.شەخسىيەتچى ئەرلەر. 36.ئايالى ياكى مۇھەببىتىنىڭ يامان گېىپىنى سىزگە سۆزلەپ بېرىدىغان ئەرلەر. 37.ئۆزى بۇرۇن يۈگەن مۇھەببىتىنى بىر تېيىنغا يارىماس قىلىۋېتىدىغان ئەرلەر؛ 38.ئاتا-ئانىسىنى ۋە ياشانغانلارنى ھۆرمەتلىمەيدىغان ئەرلەر؛ 39.ئادەتتىن تاشقىرى كۈنلەمچى ئەرلەر؛ 40.ھەممىلا ئىشتىن گۇمانلىنىپ يۈرىدىغان ئەرلەر؛ 41.ئۆزىگە ئىشەنچىسى يوق،ھە دېسىلا تۇرمۇشتىن ئاغرىنىپ يۈرىدىغان ئەرلەر؛ |