ئۈلگۈلۈك سىنىپ يىغىنلىرىنى باھالاش ئۆلچىمى لاھىيەسى
(سىنىپلاردا ئىچىلىدىغان ئۈلگۈلۈك سىنىپ يىغىنلىرى،مەخسۇس تىمىلىق سىنىپ يىغىنلىرى 100% نۇمۇر ئۆلچىمىدە باھالىنىدۇ.كونكىرىتنى مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە) 1. يىغىن تىمىسى%10 بۇنىڭدا؛ شۇ سائەتتە ئىچىلىدىغان ئۈلگۈلۈك سىنىپ يىغىنىنىڭ تىمىسى بەلگۈلەنگەن ،مۇناسىپ تىما ۋە تىزىس ،نۇقتۇلۇق سۆز جۈملىلەر دوسكىغا يىزىلغان بولوش 2. يىغىن نىشانى ۋە يىغىن تەيارلىغى%10 سىنىپ يىغىنى دەرسىدە بىلىش ھىسيات،ئىرادە ،ھەرىكەت نىشانلىرى ئەمەلگە ئاشقان،يىغىن باسقۇچلىرى ئېنىق،تەرتىپلىك،كونكىرىتنى بولغان،يىغىن مەقسىدى ئەمەلگە ئاشقان بولوش.يىغىندىن بۇرۇن ئاچىدىغان يىغىننىڭ تەيارلىق ئەھۋالىنى ئەخلاق مۇدىرى بىلەن كېڭەشكەن تەستىقتىن ئۆتكۈزگەن بولوش. 3. يىغىن مەزمۇنى%20 بۇنىڭدا يىغىن مەزمۇنى مول،يىڭى،ئىجادىي بولغان،ئوقوغۇچىلارنىڭ ياش ئالاھىدىلىگى نەزەرگە ئىلىنغان،دەۋىر روھى،ۋەزىيەت ئەھۋالى نەزەرگە ئىلىنغان،ئىلھاملاندۇرۇش،قوزغىتىش كۈچى بولغان بولوش. 4. جەريان%30 بۇنىڭدا ئوقوتقۇچى ئاساسى يېتەكچى ئوقوغۇچى ئاساسىي گەۋدە بولغان بولوش،ئوقوتقۇچى بىلەن ئوقوغۇچى،ئوقوغۇچى بىلەن ئوقوغۇچى تولوق ماسلاشقان، ئوقوغۇچىنىڭ ئۈگىنىش، داۋام،تازىلىق،ئىنتىزام، سالامەتلىك،ۋە تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈنگەن ئوقوغۇچىنىڭ ئەمەلىيىتى ئاساس قىلىنغان بولوش، ئوقوغۇچى شۇ سائەتلىك سىنىپ يىغىندا كۆڭۈلدىكى سۆزلىرىنى ئەيتالىغان، تەسىراتىنى سۆزلىيەلىگەن، ئەركىن پىكىر قىلالىغان بولوش.
5. ئوقوتقۇچى ساپاسى؛%20 ئوقوتقۇچىنىڭ ساپاسى يۇقۇرى،بىلىمى ئەتراپلىق،سىنىپ مۇدىرلىق تەجىربىسى مول، سىنىپ يىغىن ئىچىش سەنئىتى يۇقۇرى،سالاپەتلىك،يىقىملىق،ھىسىياتلىق بولوشى، يىڭىلىقنى قوبول قىلىشى،ئىجادىيلىغى، سەنئەتكارلىغى بولوش.
سىنىپ يىغىنى ئۈنۈمى.%10 ئوقوغۇچىلار قىزغىن قاتناشقان،نەپ ئالغان،سىنىپ يىغىنىدىكى مەزمۇنلارنى ئۆزلەشتۇرەلىگەن،روھى ئۇرغۇغان، پىكىرلىرى قاناتلانغان، ئورتاق ئىرادىگە كەلگەن بولوش،
|