پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 85 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 101|ئىنكاس: 0

كېرىيە ناھىيىسىدە 5.5 بال يەر تەۋرىدى...[ئۇلانما كۆچۈرۈش]تەلەي +1

ئاتامان

ئاتامان

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

يوقلىما
62
قىزغىنلىق
2763 سەر
تىللا
2819 دانە
تۆھپە
2106 سەر
شۆھرەت
2525 سەر

ئاتامانمۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچى

يوللىغان ۋاقتى 2011-9-16 00:53:02|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

كېرىيە ناھىيىسىدە 5.5 بال يەر تەۋرىدى...


5CC2AD50BAA42AB4AF8F61540EC70C46.gif


شىنجاڭ يەر تەۋرەش ئىدارىسىنىڭ دەسلەپكى قەدەمدىكى تەكشۈرۈشىگە ئاساسلانغاندا، 9-ئاينىڭ 15-كۈنى سائەت 23 تىن 27 مىنۇت ئۆتكەندە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خوتەن ۋىلايىتى كېرىيە ناھىيىسىدە 5.5 بال يەر تەۋرەپ، تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 6 كىلومېتىرغا يەتكەن، بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەش شىمالىي كەڭلىك 36.5 گرادۇس، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 82.4 گرادۇسقا جايلاشقان.
ئىگىلىنىشىچە، يەر تەۋرەش يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق يەر تەۋرەش ئىدارىسى دەرھال جىددىي ئەھۋال لايىھەسىنى تۈزۈپ چىققان. شۇنداقلا تېلفۇن ئارقىلىق يەر تەۋرىگەن كېرىيە ناھىيىسى ئاچچان (阿羌) يېزىسىنىڭ ئاپەت ئەھۋالى تەكشۈرۈلگەن. دەسلەپكى قەدەمدە ئىگىلىنىشىچە، كېرىيە ناھىيىسى ۋە ئاچچان يېزىسىدا يەر تەۋرەش كۈچلۈك بولۇپ، ناھىيە ئاھالىلىرى ئۆيلىرىدىن چىقىپ كەتكەن، نىيە ناھيىسىدىمۇ تەۋرەش سېزىمى بولغان، لېكىن ئانچە كۈچلۈك ئەمەسكەن. ھازىرغىچە، ئادەملەرنىڭ ئۆلۈش-يارىلىنىش ۋە مال-مۈلۈكلەرنىڭ زىيانغا ئۇچراش ئەھۋالى توغرىسىدا بىرەر دوكلات تاپشۇرۇۋېلىنمىغان.
خوتەن ۋىلايىتى يەر تەۋرەش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى لى خوڭمىڭ تېزلىك بىلەن ئاپەت يۈز بەرگەن رايونلارنىڭ ئاپەتكە ئۇچراش ئەھۋالىنى دوكلات قىلغان. ئاپتونوم رايونلۇق يەر تەۋرەش جىددىي ئەھۋالىغا قوماندانلىق قىلىش مەركىزى ئاپتونوم رايونلۇق يەر تەۋرەش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى جاڭ يوڭنىڭ خىزمەت ئەترىتىنى باشلاپ يەر تەۋرىگەن رايونلاردا ئالاقىدار خىزمەتلەرنى ئىشلىشىنى قارار قىلغاچقا، نەق مەيدانغا بارىدىغان خىزمەت ئەترىتىدىكى 6 ئادەم 16-سېنتەبىر سەھەردە نۆۋەتچى ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ خوتەنگە يېتىپ كەلگەن.
ئاپتونوم رايونلۇق يەر تەۋرەش ئىدارىسى جىددىي يىغىن چاقىرىپ، دەسلەپكى قەدەەمدە بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەشنىڭ بىر قەدەر چوڭراق بولغان قالدۇق يەر تەۋرەش ئىكەنلىكىنى، يەر تەۋرەش يۈز بەرگەن رايونلاردا يېقىنقى بىر نەچچە كۈندە تېخىمۇ چوڭ تىپتىكى يەر تەۋرەشنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن.
خوتەن ۋىلايىتى كېرىيە ناھىيىسىدە 2008-يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى 120 كىلومېتىرلىق دائىرىدە 7.3 بال يەر تەۋىرىگەن. 1982-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنى 5.5 بال يەر تەۋرەش يۈز بەرگەن بولۇپ، ئۇنىڭ دائىرىسى 100 كىلومېتىردىن 200 كىلومتېر دائىرىگىچە كېڭەيگەن، 1900 يىلدىن بۇيان 20 قېتىم 5 بالدىن يۇقىرى يەر تەۋرىگەن، 2 قېتىم 6 بال ۋە 3 قېتىم 7 بال يەر تەۋرىگەن.
مەنبەسى :ئاسىيا كىندىكى تورى
بايقاش سىزنىڭ ئىللىق ئائىلىڭىز!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

تاقاش

بېكەت باشلىقى تەۋسىيىسى

بايقاش تورى سىزنى قارشى ئالىدۇ!
بايقاش تورىدىكى سەرخىل مەزمۇنلارنى سزنىڭ كۈرۈشىڭىزنى كۈتۈپ تۇرماقتا، مەزمۇنلارنىڭ تۇلۇق كۆرۈشىڭىز ئۈچۈن تىزىملىتىپ كىرىشنى ئۇنۇتماڭ.... بايقاش گۇرۇپپىسى

كۆرۈش »

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园

ئارخىپ|يانفۇن|( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2011-10-28 18:47, Processed in 0.262454 second(s), 34 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش