- تىزىملاتقان
- 2011-6-21
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-5-5
- ھوقۇقى
- 150
- جۇغلانما
- 2455
- نادىر
- 17
- تېما
- 93
- يازما
- 137
 
- يوقلىما
- 11
قىزغىنلىق- 662 سەر
تىللا- 555 دانە
تۆھپە- 354 سەر
شۆھرەت- 43 سەر
  
| كېرىيە ناھىيە مۇغاللا بازارلىق باشلانغۇچ مەكتەپ6-يىللىق تىل ئەدەبىيات سۈپەت تەكشۈرۈش ئىمتاھان سۇئالى
1-سۇئال: توغرا جاۋابنىڭ رەت نۇمۇرىنى تاللاپ تىرناق ئىچىگە يېزىڭ؛ (12نۇمۇر) 1)«ئىدىقۇت ئوغلانى»دېگەن تېكىستنىڭ ئاپتۇرى ( ) A: خۇدابەردى ئابدۇللا B: جەن تىيەنيۇ C: ئۆمەرجان سىدىق 2)«16يىل ئاۋۋالقى ئەسلىمە»دېگەن تېكىستنىڭ ئاپتۇرى ( ) A: لى شىڭخۇا B: رىپىن C: رۇزى سايىت 3)قاراتما سۆزلەر ( ) دىن تۈزىلىدۇ A: بىر قانچە سۆزدىن B: بىرلا سۆزدىن C: بىرلا سۆزدىنمۇ، بىر قانچە سۆزدىنمۇ تۈزۈلىدۇ 4)«ئاجىز»بىلەن«يار يۆلەكسىز»دېگەن سۆزلەر ئۆز-ئارا ( ) A: قارىمۇ-قارشى مەنىلىك سۆزلەر B: شەكىلداش سۆزلەر C: جۈپ سۆزلەر D: مەنىداش سۆزلەر 2-سۇئال : تۆۋەندىكى جۈملىلەرگە ھۈكۈم قىلىڭ ؛ ( 15 نۇمۇر ) 1)قىستۇرما سۆزلەر پەقەت بىرلا سۆزدىنلا تۈزلىدۇ ( ) 2)1986-يىلى9-ئايدا لاتىن ئامرىكىسىدىكى پارانا دەرياسى بويىدا بىر قېتىملىق ئۆزگىچە دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. ( ) 3)«ۋانكا»دېگەن ئەسەرنىڭ ئاپتۇرى چىخوپ. ( ) 4)پوشكىن(1937-1799)روسىيەلىك شائىر. ( ) 5)دوسلۇق-ئەخلاقنىڭ ئاساسى. بۇ مىسىر نەجىپ مەھپۇز«پۇخرالار داستانى»دىن ئېلىنغان. ( ) 3-سۇئال: بوش ئورۇننى تولدۇرۇڭ؛ (14نۇمۇر ) 1)( )-يىلى قالبېك( )نىڭ قۇترىتىشى بىلەن( )توپىلاڭ كۆتۈرۈپ ( )نى بولاڭ-تالاڭ قىلدى. 2)1998-يىلى كىيورى خانىم بىلەن ئېرىنىڭ ( )ئاكتىپ ئىلمىنىت- ( )نى بايقىغانلىقىنىڭ ( )يىللىقى. 4-سۇئال: مەنىسىنى يېزىڭ؛ (15نۇمۇر) 1) ئېكىلوگىيىلىك تەڭپۇڭلۇق- 2)مۇراجىئەت- 3)ئېدىقۇت- 4)ئەلۋەك- 5)مۇراسسە- 5-سۇئال: تۆۋەندىكى شەرتلەر بويىچە جۈملە تۈزۈڭ؛ (12نۇمۇر) 1)سۆزدە گۈزۈل بۇلۇش ئىپادىلەنگەن جۈملىدىن بىرنى يېزىڭ؛
2)مۇبالىغە سۆزى ئىشلىتىلگەن جۈملىدىن بىرنى يېزىڭ؛
6-سۇئال:سۇئالغا جاۋاب بېرىڭ؛ (12نۇمۇر) شانلىق مەدەنىيەت ئەنئەنىسىگە ئىگە بۇ قەدىمقى مىللەت ئۇزاق ئەسىرلىك تەرەققىيات جەريانىدا ئۆزلىرىنىڭ جاپا-مۇشەقىتى، خۇشاللىق-قايغۇسى، گۈزەللىك تۇيغۇسى، تەبىئەتكە بولغان قارشى، ھادىسلەرگە بولغان ئوي-پەرەزلىرىنى بۈركۈت روھى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، خۇددى بۈركۈتتەك ياشاپ كەلمەكتە. 1) بۇ پارچە قايسى تېكىستتىن ئېلىنغان؟
2) بۈركۈت روھى قانداق روھ ؟
7-سۇئال: «ئانا يۇرتۇم»دېگەن تېمىدا بايان ماقالىسى يېزىڭ؛ ئاۋۋال مۇھىم نوقتىنى ئويلىنىۋېلىپ، ئاندىن كونكىرت يېزىپ چىقىڭ؛ سۆز-جۈملىلەرنىڭ باغلىنىشىغا، تىنىش بەلگۈلەرنىڭ مۇۋاپىق ئىشلىتىلىشىگە، ئىملانىڭ توغرا، چىرايلىق بولىشىغا ئەھمىيەت بىرىڭ؛ (20نۇمۇر)
|
|