پەنلەر ئوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق قانۇن تۇزۇم پايدىلىنىش ماتىرياللىرىپىلان ۋە خۇلاسە ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى
باش بەت

بىخەتەرلىك تەربىيسىنى كۇچەيتىپ،ھ

يوللانغان ۋاقتى: 2011-06-29 18:31 مەنبەسى: 未知 ئاپتورى: بەشتاش كۆرۈلۈشى: قېتىم
بىخەتەرلىك تەربىيىسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ ، ھاياتى بىخەتەرلىكىمىزنى قوغداش ئىڭىمىزنى يۇقىرى كۆتۈرەيلى! (بىخەتەرلىك تەربىيسى دوكلات

بىخەتەرلىك تەربىيىسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ ، ھاياتى بىخەتەرلىكىمىزنى قوغداش

 

ئىڭىمىزنى يۇقىرى كۆتۈرەيلى!

(بىخەتەرلىك تەربىيسى دوكلاتى)

 

بىخەتەرلىك تەربىيىسى - مەكتەپ تەلىم- تەربىيىسىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى. ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، مەكتەپ مۇھىتىنى ساپلاشتۇرۇشتىكى مۇھىم بولغان ماددى ئاساس.

نۆۋەتتە قانات يايدۇرۇلۇۋاتقان «ئۇلۇغ ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈپ ، گۈزەل ماكان بەرپا قىلىش» پائالىيتى ۋە ئىلغارلىقنى بەرپا قىلىپ، مۇنەۋەرلىكنى تالىشىش پائالىيتى  تۈرلۈك ئىشلىرىمىزنىڭ ئالغا سىلجىشىدىكى نۇرلۇق ماياك.

ئىسلاھات ۋە تەرەققىيات باسقۇچىدىكى ئىجتىمائىي زىددىيەتلەرنىڭ تەدرىجىي شەكىللىنىشى ۋە بىخەتەرلىك تۈزەش ۋەزىيىتىنىڭ بىر قەدەر مۇرەككەپ بولۇشىدەك ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىپ، بىخەتەر ئوقۇتۇش ئىلىپ بىرىش  خىزمىتىنىڭ مۇھىملىقى ۋە تەخىرسىزلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ يىتىپ، ئوقۇغۇچىلارغا بولغان بىخەتەرلىك خىزمىتىنىڭ مەسئۇلىيىتى ئىنتايىن مۇھىم دېگەن ئىدىيىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، مەسئۇلىيەت ئېڭىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، ئاجىز ھالقىلارغا قارىتا ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، بىخەتەرئوقۇتۇش ئىلىپ بىرىش خىزمىتىنى پۇختا قانات يايدۇرۇش ئىنتايىن زۆرۈر.

ئوقۇغۇچىلارغا بولغان بىخەتەرلىك تەربىيىسىنى كۈچەيتىپ، مەكتىپىمىزنىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، تەلىم- تەربىيە ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن، تۆۋەندىكىدەك بىر قاتار خىزمەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئىشلەش ئىنتايىن مۇھىم.

بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى (قاتناش، توك، سۇ، ئوت ئاپىتى، گازدىن زەھەرلىنىش قاتارلىقلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ) كۈچلۈك بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

قاتناش قائىدىسىگە ئاڭلىق رىئايە قىلىپ، باشقىلارنىڭ ۋە ئۆزىڭىزنىڭ ھاياتى بىخەتەرلىكىنى ھەر ۋاقت ئويلاپ تۇرۇشىڭىز كېرەك.

نۆۋەتتە جەمئىيەتنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ قاتناش قوراللىرىنىڭ سۈپىتى، تۈرى، سانى جەھەتتە غايەت زور نەتىجىلەر قولغا كىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھاياتى بىخەتەرلىكىگە ئەندىشە ئىلىپ كەلمەكتە. قاتناش ھادىسىلىرىنىڭ كۆپىيىشى ئىنسانلار ئۈچۈن زور بىر تەھدىت ھېسابلانماقتا.

پويىزنىڭ ھەر قانداق ئەھۋال ئاستىدا خالىغان جايدا ، خالىغان ۋاقىتتا توخىتىمايدىغانلىقنى قەتئىي ئەستىن چىقارماسلىقىمىز،   پويىز يولىغا ھەم پويىزنىڭ مىڭىش ھالىتىگە قىزىقىپ پويىز يولىنىڭ ئەتراپىغا بارماسلىقىمىز، پويىز يولىنىڭ ئەتراپىدا قوغلىشىپ ئوينىماسلىقىمىز، پويىز يولىنىڭ ئەتراپىدا قوي باقماسلىقىمىز، جۈملىدىن پويىز يولىدىن يىراق تۇرۇپ ، كۈتۈلمىگەن ۋەقەنىڭ ئالدىنى ئىلش ئۈچۈن ھۇشيارلىقنى تىخىمۇ  ئۆستۈرۈشىمىز كېرەك.

قاتناش ھادىسىلىرىنىڭ زىيىنىنى ھىچقانداق زىيانغا تەڭ قىلغىلى بولمايدۇ. شۇڭا ئوقۇغۇچىلار مەكتەپ ئىچىدە قەتئىي ۋىلىسپىت مىنمەسلىكى، توپىدا يۇمۇلاپ ئوينىماسلىقى ، يولدا ماڭغاندا قاتناش قائىدىسىگە رىئايە قىلىپ، ئوڭ قولنى بېسىپ مېڭىشى كېرەك. تورمۇزى يوق ۋىلىسپىتلەرگە مىنمەسلىكى بىر ۋىلىسپىتكە ئىككىدىن ئارتۇق ئادەم مېنىپ، ماشىنا بىلەن بەسلىشىدىغان، ۋىلىسپىتنى ھەددىدىن زىيادە تېز ھەيدەيدىغان، بىر- بىرىنى قوغلىشىپ يولنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدىغان ، سوپەك ۋە ھارۋىلارغا ئىسلىپ يول تالىشىدىغان ئەخلاقسىز ئىشلاردىن يېراق تۇرۇشى كىرەك.

مەكتەپنىڭ ئىچى- سىرتىدا بولسۇن ۋە ياكى ئائىلە، يولدا بولسۇن بىخەتەرلىكنىڭ زىيىنىغا بولغان تونۇشنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، توك سىملىرىنى خالىغانچە تۇتىدىغان، پەس ھەم ساڭگىلاپ قالغان سىملارغا ئېسىلىپ، كەپسىزلىك قىلىدىغان ئىشلاردىن قەتئىي ساقلىنىش، تام ئۆگزىلەرگە چىقىش ، دەل-دەرەخلەرگە چىقىش قاتارلىق پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانماسلىق ، دەرەخ كەسكەندە تۈۋىدە ھاڭۋىقىپ تۇرماسلىق، يوغان، ئۆزىنىڭ كۈچى يەتمەيدىغان نەرسىلەرنى كۆتۈرمەسلىك كېرەك. بولۇپمۇ ئوت ئاپىتى پەيدا قىلىدىغان خەتەرلىك ئەھۋالنىڭ ئالدىنى ئېلىپ سامان، يول بويىدىكى پاخال، شاخ- شۇمبىلارنىڭ ئەتىراپىغا ئوت ياقماسلىق ، سەرەڭگە ئوينىماسلىق كىرەك.

پوجاڭزا ۋە ئويۇنچۇق تاپانچا ئاتىدىغان، پوجاڭزا ساقلايدىغان ناچار ئىللەتنى قەتئىي تۈزىتىش، بۇنىڭ زىيىنىغا بولغان تونۇشنى ئۆستۈرۈپ، ياشانغانلار، مېيىپ- ئاجىزلار ۋە ھامىلدارلارنى چۆچۈتىدىغان، قۇرقۇتىدىغان، ئۇلارنىڭ يىقىلىشىغا، يارىدار بولۇشىغا سەۋەبچى بولىدىغان ئىشلاردىن ساقلىنىش، جەمئىيەتتە نېرۋىسى ئاجىز، مەجرۇھ ، مىيىپ كىشىلەرنى تېرىكتۈرمەسلىك، ئۇلارنىڭ زىيان- زەخمەت يەتكۈزۈپ قويۇشىدىن قاتتىق ئېھتىيات قىلىش كېرەك.

 نۇركابىل لىنىيىلىرىنى ئاسراپ، ئەتىراپىنى كولايدىغان، دۆلەتنىڭ ئالاقىلىشىش ئۈسكۈنىلىرىگە زىيان يەتكۈزىدىغان، توك ئەسلىھەلىرى بىلەن قالايمىقان ھەپىلىشىپ ئۆزىنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ھاياتى بىخەتەرلىكىنى زىيانغا ئۇچرىتىدىغان ئىشلاردىن پۈتۈنلەي قول ئۈزۈشى ئىنتايىن زۆرۈر.

ئەتتىگەندە مەكتەپكە كەلگەندە يولدا ئوڭ تەرەپتىن مىڭىش چوڭ يولنى كىسىپ ئۆتكەندە قاتناشنىڭ مىڭىش ھالىتىنى تەپسىلى كۆزىتىپ، قاتناش ھادىسىنىڭ كىلىپ چىقىشنىڭ ئالدىنى ئىلىش كىرەك. كەچتە ئائىلگە قايتقاندا ئوقۇتقۇچىنىڭ تەشكىللىشىگە ئاڭلىق بويسۇنۇپ ، ئوقۇتقۇچىنىڭ ئورۇنلاشتۇرغىنى بويىچە تەشكىللىك ئاساستا بىخەتەر ئائىلگە قايتىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كىرەك.

ناتونۇش كىشىلەر ئۇچرىغاندا ئۇلاردىن ھۇشيار بولۇش، ئالدام خالتىسىغا چۈشۈپ، ئالدىنىپ قىلىشىتىن ساقلىنىش، شېرىن- شىكەر سۆزلىرىگە ئىشەنمەسلىك، تاكسىغا يالغۇز چىقماسلىق، قاراڭغۇدا يول يۈرمەسلىك، ئادەم يوق خىلۋەت جايلاردىن ماڭماسلىق كېرەك.

ساۋاقداشلارنىڭ بىخەتەرلىككە بولغان تونۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيىتپ ، ھاياتى بىخەتەرلىكنى قوغداپ ئائىلسىگە ۋە باشقىلارغا ئورنىنى تولدۇرغۇسىز زىيانلارنى كەلتۈرمەسلىكنى ئۈمىد قىلمەن.

 

تەھىرلىگۇچى:بەشتاش

بەشتاشنىڭ باشقا تېمىلىرى:


[پايدىلىنىش ماتىرياللىرى] دوست بىكەت باشلىقلىرى سەمىگە: [ 2011-07-01 21:35:30 ]
[پىلان ۋە خۇلاسە] مەكتەپ -ئوقۇتقۇچى مەسئۇلىيەتنامە [ 2011-07-04 13:23:38 ]
[باشلانغۇچ ئېمتىھان سۇئاللىرى] 4-يىللىق 2-ماۋسۇم ئونۋىرسال ئىمتىھا [ 2011-06-29 19:17:34 ]
[باشلانغۇچ ئېمتىھان سۇئاللىرى] 4-يىللىق شىنجاڭ 2-ماۋسۇملۇق ئىمتىھا [ 2011-06-29 19:15:55 ]
[باشلانغۇچ ئېمتىھان سۇئاللىرى] 4-يىللىق 2-ماۋسۇملۇق ئەخلاق ئىمتىھا [ 2011-06-29 19:10:25 ]
[باشلانغۇچ ئېمتىھان سۇئاللىرى] 4-يىللىق 2-ماۋسۇم ئىلىم-پەن ئىمتىھا [ 2011-06-29 19:07:34 ]
[باشلانغۇچ ئېمتىھان سۇئاللىرى] 2-يىللىق شىنجاڭ 2-ماۋسۇملۇق ئىمتىھا [ 2011-06-29 19:04:09 ]
[باشلانغۇچ ئېمتىھان سۇئاللىرى] 5-يىللىق 2-ماۋسۇم شىنجاڭ ئىمتىھان س [ 2011-06-29 18:47:56 ]
[پايدىلىنىش ماتىرياللىرى] ھوشيارلىقنى ئۆستۇرۇپ،كىچىككىنە خ [ 2011-06-29 18:44:30 ]
[پايدىلىنىش ماتىرياللىرى] تۆمۇر يولغا بولغان تونۇشىمىزنى ئۆ [ 2011-06-29 18:41:38 ]



ياخشىكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر