ئاناتىل توغرىسىدىكى بەس - مۇنازىرە CCTV دولان تەرجىمىسى جوڭگو تور تېلېۋىيىزىيە ئىستانسىسى خەۋىرى ( ئاخبارات 1+1 ): جوڭگودا 50 دىن ئارتۇق ئازسانلىق مىللەت بولۇپ، ئازسانلىق مىللەت پەرزەنىتلىرى يەسلى، باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپ تەربىيىسىنى قوبۇلقىلغاندىن كىيىن ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان بولسىمۇ، بىراق ئۆزئاناتىلدا ئوقۇتىش ئەلىپبەرىۋاتقان مەكتەپتىن زادى قانچىسى بار؟. دوڭچىئەن: ( ئاخبارات 1+1 ) نى كۆرۇشىڭلارنى قارشى ئالىمەن، ئىنتانسىمىز مۇخبىرى بەي يەنسوڭ يېقىندا ئىچكى مۇڭغۇلنىڭ خەيلاردا مۇشۇ مەسىلە ئۇستىدە زىيارەت ئېلىپباردى، بەي يەنسوڭنىڭ ئۆزىمۇ موڭغۇل بولۇپ، خەيلاردا چوڭ بولغان، ئۇ سىللەردىن موڭغۇلچە ئەھۋال سورايدۇ. بەي يەنسوڭ: دوڭچىئەن ۋە كۆپچىلىك ياخشىمۇ سىللەر، مەن ھازىر خۇلونبىر تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدىن خەۋەر بىرىۋاتىمەن. رىياسەتچى: يەنسوڭ، گىپىڭىزنى بولىۋەتتىم، سىزبايا موڭغۇلچە ئەھۋال سورىدىڭىز، مۇمكىن بولسا « ( ئاخبارات 1+1 ) نى كۆرىشىڭلارنى قارشى ئالىمىز » دىگەننى موڭغۇلچە دەپباقسىڭىز. بەي يەنسوڭ: كەچۇرىڭ بۇ گەپنى موڭغۇلچە دىيەلمەيمەن، مەنمۇ ئادەتتە موڭغۇلچە كۆپ سۆزلىيەلمەيمەن. تۇۋەندە مەن كۆرۇرمەنلەرگە يۇرتىم خولۇنبىرنى تۇنىشتۇرىمەن، مەن مۇشۇجايدا تۇغىلىپ چوڭ بولغان، مىنىڭ بۇۋام موڭغۇلچە سۆزلەيدۇ بىرئېغىزمۇ خەنزۇچە بىلمەيتى، دادام موڭغۇلچە ۋە خەنزۇچە سۆزلەيدۇ، چۇنكى ئۇ ئەشۇدەۋىردىكى 1-ئەۋلات زىيالى، ماڭا كەلگەندە پەقەت تۇرمۇشتىكى ئادەتتىكى موڭغۇلچە گەپلەرنىلا بىلىمەن ۋە چۇشىنەلەيمەن، شۇڭا دائىم خەنزۇچە رىياسەتچىلىك قىلىمەن، مىنىڭ بالامغا كەلگەندە بىر ئېغىزمۇ موڭغۇلچە بىلمەيدۇ بىراق ئەنگىلىزچىدە ياخشى، مانىبۇ تىپىك 4-ئەۋلات موڭغۇل؛ بەلكى باشقا ئازسانلىق مىللەتلەرمۇ مۇشىنداق تەغدىرگە دۇچكەلگەن بولىشى مۇمكىن. تەيۋەنلىك ئاتاغلىق موڭغۇل يازغۇچى موروڭنىڭ ناخشا قىلىپ ئوقۇلغان « ئاتام ئوتلاق ئانام دەريا » دىگەن داڭلىق شېئىرىدكى « ئاناتىلدا سۆزلىيەلمەس بولدىم » دىگەن مىسراسى بىزگە نۇرغۇن سۇئاللارنى قويىدۇ، نۆۋەتتە بىزنىڭ ئاناتىل مائارىپىمىزنىڭ تەرەققىياتى قايسى باسقۇچتا تۇرۋاتىدۇ؟ قانداق خىرىسقا دۇچكەلدى؟ قايسى مەسىللەر ساقلانماقتا ؟...دىگەندەك بىرقاتار سۇئاللار مىنى يۇرىتىمغا قايتىپ كۆرىپ بېقىشقا تۇرىتكە بولدى، ئۇنداقتا گىپىمىزنى خۇلونبىردىكى بىر باشلانغۇچ مەكتەپتىن باشلايلى. چۇشەندۇرگۇچى: موڭغۇل مائارىپىدىكى ئەندىشە. بەي يەنسوڭ: ھازىر مەن تۇرىۋاتقان بۇ مەكتەپ ئىچكى موڭغۇلنىڭ خولۇنبىر شەھرىدىكى 106 يىللىق تارىخقا ئىگە، موڭغۇل تىل ئوقۇتىشنى ئاساسقىلغان مىللىي مەكتەپ. بۇ مەكتەپ خۇلونبىر شەھرىنىڭ خەيلار رايۇنىدا بولسىمۇ بىراق 200 نەچچەمىڭ كۇۋادىراتنى كىلومىتىرلىق خىلونبىر چوڭ يايلىقىدا، ماگىنىتقا ئوخشاش تارتىش كۇچىگە ئىگە، سەۋەبى نۇرغۇنلىغان ئاتا-ئانىلار پەرزەنتىنى ئاناتىلدا ئوقۇتىش ئۇچىن، نەچچىمىڭ چاقىرىملىق يىراقتىن بۇ مەكتەپكە ئەكىلىدۇ. چۇشەندۇرگىچى: كۆرىۋاتقىنىڭلار 1-يىللىق 1-سىنىپ، چوۋلا بىلەن نەۋرە سىڭلىسى مۇشۇ سىنىپتا، ھازىر ماتىماتىكا دەرسى ئوتىۋاتىدۇ، بۇ مەكتەپتە چوۋلاغا ئوخشاش ئازسانلىق مىللەت پەرزەنتىدىن 588 بار بولۇپ، بۇلارنىڭ ℅90 كۆپرەگى چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلغان ئەتراپتىكى 4 ناھىيەدىن كەلگەن، ئۇلار موڭغۇلچىدىن باشقا يەنە، خەنزۇچە ۋە ئەنگىلىزچە ئوقۇيدۇ ھەمدە مىللىي ئەنئەنە تەربىيىسى ۋە ئوتلاق مەدىنىيىتىنى بالىلارغا سىڭدۇرىدۇ. بەي يەنسوڭ: ئاتاتىل مائارىپىدا باشلانغۇچ تەربىيىسى بەك مۇھىم، نىمە ئۇچىن مۇنداق دەيمىز؟ چۇنكى پەقەت باشلانغۇچ مائارىپلا ئاناتىلنى ساقلاپقالىدۇ، تولىقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرىدا بۇ مەخسەتكە يەتكىلى بولمايدۇ، شۇنىڭ ئۇچىن ئاناتىل ئوقۇتىشىدا باشلانغۇچ مەكتەپ ئاساس دەيمىز. خۇلونبىر باشلانغۇچ مەكتىۋىنىڭ نۆۋەتتىكى تەرەققىياتى كىشىنى خۇشال قىلىدۇ، بۇ مەكتەپنىڭ 2008-يىلدىكى ئوقۇغۇچىسى 256 نەپەر، 2010-يىلى 376 نەپەر بولسا، 2011-يىلى 588 نەپەرگە يەتكەن، بۇ 3 يىلدا ئوقۇغۇچى ئۇزلىكسىز كۇپەيگەن بولسىمۇ بىراق ئازسانلىق مىللەت ئوقۇتقۇچىسىدىن پەقەت 17 نەپەر تۇلىقلانغان. خۇشاللىنىشقا تىگىشلىكى شۇكى، بۇ يىلدىن باشلاپ ئىچكى موڭغۇلدىكى بارلىق ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەر ئاناتىلدا ئوقۇتىش ئېلىپبارسا ئوقۇش ھەققى ۋە كىتاپ ھەققى ھەقسىز بولىشتىن باشقا ھەركۇنى 3 يۇەندىن تاماق تولىقلىمىسى باركەن، يەنە بىر تەرەپتىن ئوقۇغۇچى سانى كۇپىيىشنىڭ سەۋەبى مۇنەۋۋەر مەكتەپلەرنىڭ ئازبولغانلىقى ۋە كۆپلىگەن چارۋىچىلىق رايۇندا ئاناتىل مەكتەپلىرىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرىلغانلىقى ئۇچىن، ئاتا-ئانىلار نەچچى مىڭ چاقىرىم يولنى يىراق كۆرمەي پەرزەنتىنى بۇ مەكتەپتە ئاناتىلدا ئوقۇتقان. نۆۋەتتە خولۇنبىردىكى باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ھەممىسى قوشتىل مائارىپىنى يولغا قويغان بولۇپ، ماتىماتىكا قاتارلىق دەرىسلەرنى ئاناتىلدا ئوقۇسىمۇ يەنە خەنزۇ تىلى ۋە ئەنگىلىز تىلى ئوقۇيدىغان بولۇپ، ئەمىلىيەتتە ئۇچتىللىق مەكتەپكە ئۆزگىرىپ قالغان. ئاتا-ئانىلار پەرزەنتىنى ئاناتىلدا ئوقۇتىشقا نۇرغۇن خىرىسقا دۇچكەلگەن، خولۇنبىر باشلانغۇچ مەكتىۋىدىكى 588 نەپەر ئوقۇغۇچى ئىچىدە پەقەت 80 نەپەر ئوقۇغۇچى مۇشۇ يەرلىك بولۇپ قالغىنى ئەتراپتىكى نەچچىيۇز، نەچچىمىڭ چاقىرىملىق ناھىيەلەردىن كەلگەن. ئۇلار ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلىپ ياتاقتا يېتىپ ئوقۇيدۇ، بەزى بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىسى مۇشۇ شەھەردىن ئۆي ئىجارە ئېلىپ بالىسىغا تاماق ئېتىپ بەرگەن، ئۇلار ئانىل ئوقۇتىشى ئۇچۇن ناھايىتى نۇرغۇن بەدەل تولەۋاتىدۇ. دىمىسىمۇ ئاناتىل ئوقۇتىشى ئىنتايىن مۇھىم، خۇددى « بىيجىڭ ياشلار گىزىتى » نىڭ ئوبزۇرچىسى جاڭ تىئەنۋېينىڭ « جوڭخۇا مىللەتلىرىگە نىسبەتەن ئېيىتقاندا، ھەرقانداق بىر مىللەتنىڭ مەدىنىيىتى ئاجىزلىشىپ يوقالسا، ئورتاق مەدىنىيەتمۇ يوقىلىدۇ » دىگەن بۇ سۆزى بەكمۇ توغرا ئېيتىلغان. نۆۋەتتە بىز كۆڭىل بولىۋاتقان مەيلى موڭغۇل تىلى، ئۇيغۇر تىلى ۋە تىبەت تىلى بولسۇن ھەممىسى جوڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنىڭ تەركىۋى قىسمى، بۇلاردىن بىز بىرخىل مەدىنىيەت ئەنئەنىسىنى كۆرەلەيمىز، نۆۋەتتە بىز بۇ تىللارنىڭ ناھايىتى چوڭ خىرىسقا دۇچكەلگىننى ئېتىراپ قىلماي تۇرالمايمىز، تۇۋەندە مۇتىخەسىسلەرنىڭ بايانىنى ئاڭلاپ باقايلى. بايىن باتۇر ( ئىچكى مۇڭغۇل مائارىپ نەشىرياتىنىڭ باشلىقى ): « ئېلىپبە » دەرىسلىگى باشلانغۇچقا يېڭى كىرگەن ئوقۇغۇچىلار ئوقۇيدىغان تۇنجى ئوقۇشلىق، 1992-يىلى بىز 68 مىڭ نۇسخا باساتتۇق، 2005-يىلغا كەلگەندە ئاران 22 مىڭ 200 پارچە باستۇق، 15 يىل ئىچىدە ئاناتىلدا ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىدىن 45 مىڭ ئوقۇغۇچى كىمەيدى، بىراق بىزنىڭ نۇپۇسمىز ئۇزلىكسىز ئېشىۋاتىدۇ، نۇرغۇن موڭغۇل ئوقۇغۇچىلار ئاناتىلدا ئوقۇشتىن مەھرۇم قالدى. بەي يەنسوڭ: خوش ئۇنداقتا نۇرغۇن ئوقۇغۇچى نەگەكەتتى؟ مەن مۇتىخەسىسلەردىن مەسلىھەت سورىسام مۇداق جاۋاپ بەردى. بىرىنجىدىن نوۋەتتە موڭغۇل ياكى باشقا ئازسانلىق مىللەتكە نىسبەتەن، پەرزەنت كۆرىش ئازلىغان، نۇرغۇن موڭغۇل ئائىلىدە 3 پەرزەنىت كۆرگەنلەر ناھايىتى ئاز، ئاساسەن ئىككى ياكى بىردىن پەرزەنىت كۆرگەچكە، ئوقۇغۇچى مەنبەسى ئازلاپ كەتكەن. ئىككىنجىدىن موڭغۇللاردا كۆپلىگەن ئائىلە باشقا مىللەت بىلەن نىكاھلانغاچقا ئۇلار پەرزەنتىنى ئوقۇتىشتا خەنزۇ مەكتەپنى تاللىغان. تىلنىڭ ئەڭچوڭ ئالاھىيدىلىكى قانچىكى يېپىق مۇھىتتا تىل ئۆز ئالاھىيدىلىكىنى شۇنچە ياخشى ساقلاپ قالىدۇ، ئېچىۋىتىلگەن مۇھىت تىلنىڭ ئاسسىمىلاتسىيسىنى كۇچەيتىدۇ. بىز خۇلىن مەكتىۋىگە خوشنا بولغان، خەنزۇ تىلدىكى غالىبىيەت باشلانغۇچ مەكتىۋىنى كۆرىپ باقايلى، بىرىجى يىللىقتىكى 24 موڭغۇل ئوقۇغۇچى ئىچىدە پەقەت بىرنەپەر ئوقۇغۇچى موڭغۇلچە سۆزلىيەلەيدىكەن، سەۋەبى بۇ ئوقۇغۇچى خۇلىن باشلانغۇچ مەكتىۋىدىكى ئاناتىلدا ئوقۇيدىغان موڭغۇل ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىر ياتاقتا ياتىدىكەن، غالىبىيەت مەكتىۋىدە جەمئى 1809 ئوقۇغۇچى بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە موڭغۇل ئوقۇغۇچى 769 نەپەر بولۇپ %43 ئىگەللىگەن. بۇنىڭغا خوشنا بولغان 5-ئوتتۇرا مەكتەپتە 2475 ئوقۇغۇچى بولۇپ، موڭغۇل ئوقۇغۇچى 936 نەپەر، ئومۇمى ئوقۇغۇچىنىڭ %36.7 ئىگەللىگەن. ئۇنداقتا ھۆكۇمەت ئاناتىل ئوقۇتىشىغا كۆڭىل بولمىدىمۇ؟ ئۇنداق ئەمەس، بايا دىگەندەك ھۆكۇمەت ئوقۇش پۇلى ۋە كىتاپ پۇلىنى كەچۇرىم قىلغاندىن سىرت يەنە تاماق ياردەم پۇلى بىرىۋاتىدۇ، بىراق تىل ئۇگىنىش شەخىسنىڭ ئەركىنلىكى بولغاچقا مەجبۇرلاشقا بولمايدۇ، ھۆكۇمەت خەنزۇچە ئوقۇغان موڭغۇل ئوقۇغۇچىنى پەقەت مەجبۇرلىمىغان ئەلىۋەتتە. بۇنى ئاتا-ئانا بولغۇچى پەرزەنتىنىڭ كىيىنكى تەرەققىيات ئىستىقبالىنى كۆزلەپ ئۆزلىرى بىكىتكەن. تۇۋەندە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى داۋاملىق كۆرىپ باقايلى. موڭغۇل تىلى مائارىپىدا قىيىنچىلىق چوڭ، رىغبەتلەندۇرىش تەدبىرى يىتەرسىز. موڭغۇل تىلى مائارىپىنىڭ پۇتكۇل خۇلىنبىردىكى مەكتەپلەردە تەسىس قىلىنىشى فىرامىدا شەكلىدە بولۇپ، باشلانغۇچ مەكتەپ كۆپ بولسىمۇ بىراق تۇلىقسىزغا چىققاندا ئازلاپ كەتكەن، مەن فىرامىدانىڭ ئەڭ چوقىسى بولغان خۇلىنبىر 1-ئوتتۇرا مەكتىۋىدە تۇرىۋاتىمەن، بۇ مەكتەپ پۇتكۇل خۇلىنبىردىكى بىردىنبىر ئاناتىلدا دەرىس ئۆتىدىغان ئوتتۇرا مەكتەپ، شۇنىڭ ئۇچىن پۇتكۇل موڭغۇللار كۆزقارچۇغىنى ئاسرىغاندەك بەك قەدىرلەيدۇ، چۇنكى بۇ موڭغۇل يايالاق مەدىنىيىتى، ئەنئەنىسى ۋە ئاناتىلنى قوغدايدىغان مۇستەككەم قورغان بولۇپ، مەكتەپتە تەنتەربىيە دەرسىدە پۇتۇنلەي موڭغۇلچە ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە دەرسى ئۆتىلىدۇ. چۇشەندۇرگۇچى: بۇ مەكتەپ ئەنئەنىۋى تەنتەربىيەدىن باشقا يەنە موڭغۇللارنىڭ ئاتباش غىجەك چىلىش دەرسىنىمۇ تەسىس قىلغان، خۇلۇنبىر شەھرىدىكى 57 مىڭ ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىللىرى ئىچىدە، پەقەت مۇشۇ مەكتەپتىكى 1700 موڭغۇل ئوقۇغۇچى ئاناتىلدا دەرىس ئوقۇيدۇ. بۇ مەكتەپتىكى موڭغۇلچە ئوقۇغان %80 ئوقۇغۇچى ئالىي مەكتەپكە ئۆتكەن، بۇلارنىڭ موڭغۇل تىلىدىن باشقا دەرىسلىرى خەنزۇ ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئوخشاش بولسىمۇ بىراق ھەممىسىنى موڭغۇل تىلىدا ئوقۇيدۇ. موڭغۇلچە تەكرارلاش ماتىرىيالى كەمچىل بولغاچقا ئوقۇتقۇچىلار تەرجىمە قىلىپ باستۇرىپ، ئوقۇغۇچىلارغا تەمىنلەيدۇ. بەي يەنسوڭ: بۇ يەردىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كۆپلىگەن ۋاختى تەكرارلاش دەرىسلىكىنى تەرجىمە قىلىش بولۇپ، ئوقۇتىشقا بەلگۇلىك قىيىنچىلىق ئەكەلگەن. ۋۇ شاڭلوڭ ( خەيلار 1-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مۇدىرى ): بىز بۇ مەسىلىنى يوقۇرىغا ئىنكاس قىلغان، ھازىرقى باسما زاۋۇتلىرى شىركەت بولغاچقا، تىراژى ئاز بولغان ماتىرىيالنى باسمايدىكەن، مائارىپ نەشىرياتىمۇ قەغەز قىممەت بولغاچقا زىيان چىقىشتىن ئەنسىرەيدىكەن، ھۆكۇمەتتىن تۇلىقلىما بىرىشنى ئىلتىماس قىلغان تەخى ھەلبولمىدى. چۇشەندۇرگۇچى: مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ئەنسىرەيدىغىنى ئوقۇغۇچى مەنبەسى، ئىلگىرى ھەر يىلى 1300 موڭغۇل ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلغان بولسا، ھازىر ئازلاپ 700 گە چۇشىپ قالغان. ئاز بولمىغان ئوقۇتقۇچىلارمۇ پەرزەنتىنى خەنزۇ مەكتەپكە بەرگەن، بىر قورساق قەرىنداشلاردىن بىرسى موڭغۇلچە مەكتەپنى بىرسى خەنزۇچە مەكتەپنى تاللايدىغان ئەھۋاللار مەۋجۇت. موڭغۇل ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاناتىلدا ئوقۇشىغا ئىلھام بىرىش ئۇچىن، يەسلىدىن ئوتتۇرا مەكتەپكىچە بولغان ئوقۇتىشنى پۇتۇنلەي ھەقسىز قىلىش كىرەك. ئالىي مەكتەپكە ئوتكەن موڭغۇل ئوقۇغۇچىلارغا خەنزۇچە تەييارلىق سىنىپ ئېچىش ئاناتىلنى ساقلاپ قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى. باۋ ۋىنيىڭ ( خۇلۇنبىر شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ): مەيلى مەمۇرىي ۋە كەسپىي ئورۇنغا خادىم قۇبۇلقىلىشتا بولسۇن، چۇقىم موڭغۇللارغا ئاناتىلدا ئىمتىھان ئېلىش لازىم، مۇشنداق بولسا كۆپلىگەن موڭغۇل ياشلىرى مەمۇرىي ۋە كەسپىي ئورۇنغا كىرەلەيدۇ. بەي يەنسوڭ: نۆۋەتتىكى ئاناتىل مائارىپىدا دەرىسلىك مەسىلىسىدە ھەچقانداق مەسىلە مەۋجۇت ئەمەس، بىراق تەكرارلاش ماتىرىيالى ۋە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھاننىڭ سۇئال قەغىزىدە مەسىلە ئاز ئەمەس، بايا ئېيتىپ ئۆتكەندەك، نۇرغۇن ئوقۇتقۇچىنىڭ ۋاختى ماتىرىيالنى تەرجىمە قىلىشقا سەرىپ بولىۋاتىدۇ، بۇ ھازىرقى ئۇچۇر دەۋىردە پۇتىنلەي ھەلقىلغىلى بولىدىغان مەسىلە، ئىچكى موڭغۇلدىكى مائارىپ ئورۇنلىرى ئادەم تەشكىللەپ مۇناسىۋەتلىك ماتىرىيالنى تەرجىمە قىلىپ، مەخسۇس تورمۇنبىرى قورۇپ تارقىتىشقا تامامەن بولىدۇ، بۇنى ئۇيغۇر ۋە تىبەت مىللىتىگىمۇ پۇتۇنلەي كىڭەيتىشكە بولىدۇ، مەسىلە بۇ ئىشنى ھۆكۇمەتنىڭ قىلىش-قىلماسلىقىدىن ئىبارەت. بىز مىللىي ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاناتىلدا ئوقۇشىغا ئىلھام بىرىشىمىز، ئاناتىلدا ئوقۇغان ئوقۇغۇچىلارمۇ دۆلەتنىڭ ئالىي مائارىپ تەربىيەسىدىن مەنپەتلەنلىنىشى ھەرگىز زىيان تارىتقۇچىسى بوپقالماسلىقى، مائارىپىمىزدا چۇقىم كۆپخىل تاللاش بولىشى، ھەرگىز ھەممىنى بىرتاياقتا ھەيدىمەسلىك لازىم. يېقىنقى يىللاردا ئىچكى موڭغۇلدا مەمۇرىي قۇبول قىلىشتا خەنزۇچە، موڭغۇلچە سۇئال چىقېرىپ جەمىيەتنىڭ ياخشى باھاسىغا ئىرىشكەن بولسىمۇ، بىراق ئاناتىلدا قانچە ئادەم ئىمتىھانغا قاتناشتى؟ قانچىسى قۇبۇل قىلىندى؟ مانىبۇ پۇتۇن جەمىيەت ئورتاق ئويلىنىشقا تىگىشلىك مەسىلە. ب د ت پەن-مائارىپ تەشكىلاتىنىڭ جوڭگودا تۇرىشلىق ۋەكىللىك باشقارمىسىنىڭ ئەمەلدارى « ھەربىرتىل بىر خىل قىممەت قارىشى، مەدىنىيەت، پەلسەپە ۋە تەپەككۇر قارىشىغا ئىگە، ھەممىسى ئىنسانىيەتنىڭ شەكىلسىز مەدىنىيەت بايلىقىنىڭ ئىپادىسى، نۆۋەتتە دۇنيادا 7000 دىن ئارتۇق تىل بولسىمۇ، بىراق يېرىمى يوقىلىش تەھدىتىگە دۇچ كەلمەكتە، موڭغۇل تىلىمۇ ئۇيغۇر تىلىغا ئوخشاش چوڭ تىل بولسىمۇ لىكىن يۇلىققان مەسىلە ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، يوقىلىش تەھدىتىگە ئۇچراۋاتىدۇ » دىدى. بىز ئازسانلىق مىللەت تىل تەرەققىياتىغا، خۇددى ئۆز مەدىيەت ئەنئەنىمىزگە كۆڭۇل بولگەنگە ئوخشاش كوڭىل بولىشىمىز ۋە پۇتۇن جەمىيەت ئورتاق ئويلىنىشىمىز لازىم. مەن ئاخىردا كۆپچىلىككە ئاناتىلىمدا خەيرىخوش دەيمەن. مەنبە: http://blog.sina.com.cn/main_v5/ ... og_60f25ed70102du2y |