جوۋ گوپىڭ: ئانا تىل مائارىپنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى
ۋاقىت : 2013-12-27 19:41│ مەنبەسى : ئىلقۇت│ يوللىغۇچى : admin│ كۆرۇلىشى :
قېتىم
جوۋ گوپىڭ: ئانا تىل مائارىپنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى

نيېتېش مۇنداق دېگەن: «ئانا تىل ھەقىقىي مائارىپنىڭ باشلىنىشىدىكى ئەڭ مۇھىم ۋە ئەڭ بىۋاسىتە ئوبېيكت»، ياخشى بولغان ئانا تىل تەربىيەسى كېيىنكى بارلىق مائارىپ خىزمىتىنىڭ تەبىئىي ۋە مول-ھوسۇللۇق تۇپرىقى بولىدۇ؛ ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنى كىچىكىدىن تارتىپلا ئانا تىلغا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىشقا ئۆگىتىشى، ئۇلارنىڭ تىلغا بولغان ھۆرمىتىنى قوزغىشى، ئەڭ ياخشىسى تىلغا بولغان يۈكسەك قىزغىنلىقىنى قوزغىشى كېرەك. مەن ئۇنىڭ بۇ پىكرىگە ئىنتايىن قوشۇلىمەن.
مائارىپ ئەقىل-ئىدراك يېتىلدۈرىدىغان جەريان، ئانا تىل بولسا ئەقىل-ئىدراك يېتىلدۈرۈشتىكى ئەڭ مۇھىم مۇھىتنىڭ بىرى. ئانا تىل خۇددىي مەدەنىيەتنىڭ ئانا سۈتىگە ئوخشايدۇ، بىز ئانا تىلنىڭ ئوزۇقلاندۇرۇشى بىلەن تەپەككۇر قىلىش، ئىپادىلەش، ئالاقە قىلىشنى ئۆگىنىمىز. گەرچە كېيىنكى مائارىپتا ئوخشىمىغان ساھە ۋە پەن ئايرىمىسى بولسىمۇ، لېكىن بارلىق مائارىپنىڭ ئەڭ ئاساسى تەلىپى توغرا ئوقۇش، ئويلاش ۋە يېزىشتۇر، بۇ خىل توغرىلىق ياخشى بولغان ئانا تىل تەربىيەسى ئاساسىدا يېتىلىدۇ. تىلغا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىش ھەربىر سۆزنى توغرا ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلىدۇ، بۇ باشقىلارنىڭ ئۇقۇشماسلىقىدىن ساقلىنىش بولۇپلا قالماي يەنە، ئەقىل-ئىدراكنىڭ يېتىلىشىگە ئەستايىدىل پوزىتسىيە تۇتقانلىقتۇر.
باشقىلارغا يازغان خېتى ئىنتايىن بىپەرۋا ئادەمنىڭ تەپەككۇر يۈرگۈزگەندە ئەستايىدىل بولۇشى ناتايىن. ئەكسىچە ھەممە ئىشتا مەنىۋىي ئەمگەككە ئىنتايىن ئەجىر سىڭدۈرىدىغان ئادەم ئۆزىنىڭ ئەمگەك مېۋىسىنى قەدىرلىگەنلىكتىن خەتكە نىسبەتەن بىر خىل چېچەن پاكىز بولىدۇ.
ئەگەر مەدەنىيەتنى بىر خىل ساپا دېسەك، ئۇنداقتا ئانا تىل دەل شۇ ساپانىڭ ئۇلى، ساپادىكى كەمتۈكلۈك ئېنىقلا تىلدا ئىپادىلىنىدۇ. گەپ-سۆزى قوپال ئادەمنى بىز ساپاسىز دەيمىز، قۇرۇق گەپ-سۆز قىلىدىغان ئادەمنى بىز ساختا مەدەنىيەتلىك دەيمىز. ئىش-ھەرىكەتتىكى ئېسىل پەزىلەت ئادەتتە پۈتۈن دىققىتى بىلەن تەربىيەلىنىش ۋە ئۆز-ئۆزىنى تەربىيەلەشتىن كېلىدۇ، تىلدىكى ئېسىل پەزىلەتمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش. جامائەتچىلىككە ئېلان قىلىنىدىغان ماقالە بولسۇن ياكى مەلۇم بىرسىگە يازغان خەت بولسۇن ۋە ياكى پەقەت ئۆزىلا كۆرىدىغان كۈندىلىك خاتىرە بولسۇن ھەممىسىدە سۆزنىڭ توغرا ئىشلىتىلىشى ۋە گرامماتىكىسى شۇنداقلا مەزمۇنىنىڭ توغرا بولۇشىغا دىققەت قىلىدۇ، بىرەر خاتا جۈملە ئىشلىتىپ قويۇشنى خالىمايدۇ، شۇ خىل ئىزچىللىق، ياخشى بولغان خەت ئادىتى تەبئىي ئىقتىدارغا ئايلىنىدۇ، بۇ ئېنىقلا خەتتىكى ساپادۇر، چۈنكى ساپا دېگەنلىك تەبىئىي ئىقتىدارغا ئايلانغان ياخشى ئادەت خالاس.
يۈز يىلدىن ئىلگىرى نيېتېش گىرمانىيە ياشلىرىنىڭ گىرمانىيە كلاسسىك يازغۇچىلىرىدىن ئەمەس بەلكى ئاخبارات ۋاستىلىرىدىن ئانا تىل ئۆگىنىپ، ئۇلارنىڭ تېخى تولۇق يېتىلمىگەن قەلبىگە خەۋەرلەرنىڭ گۈزەللىك ئېستېتىكىسىنىڭ تامغىسى بېسىلىۋاتقانلىقى ئۈچۈن قايغۇرغانىدى.
ئەگەر نيېتېش ھازىرقى تور دەۋرىدە ياشاپ قالغان بولسا، ئۇ قانداق ئويلىغان بولاتتى. مەن ئەسلىدە تور تىلىنىڭ تەرەققىي قىلىشى يېزىقچىلىقنىڭ ئومۇملىشىش دائىرىسى ۋە بايان قىلىشنىڭ ئەركىن بوشلۇقىنى كېڭەيتىدۇ دەپ ئويلاپتىكەنمەن، بۇ ئەلۋەتتە ياخشى ئىش، لېكىن بىز يەنە نيېتېش دېگەندەك خەۋەرلەرنىڭ گۈزەللىك ئېستىتىكىسىنىڭ يامرىشىدىن ئېھتىيات قىلىشىمىز كېرەك.
تور ئەدەبىياتى ئادەتتە ئالدىراش ئىشلەنگەن ئەسەر بولىدۇ، شۇڭلاشقا مۇنداق ئىككى ئاقىۋەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بىرىنچىسى مەزمۇندىكى تېيىزلىق، تەييارلىق ۋە توپلاشنىڭ كەمچىل بولۇشى سەۋەبلىك ئىچ-قارنىنى بوشىتىدىغان ۋە مودا كۆڭۈل ئېچىش سورۇنى بولۇپ قالىدۇ؛ ئىككىنچىسى تىلدىكى بىپەرۋالىق، بۇ ئاسانلا تىلغا بىپەرۋا مۇئامىلە قىلىدىغان ئادەتنى شەكىللەندۈرۈپ، خاتا سۆز ۋە كېسەل جۈملىلەرنىڭ ئاپەت رايونىغا ئايلىنىدۇ.
ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئۆزىنىڭ كلاسسىك ئېسىل ئەسەرلىرى بار، شۇڭا مەن شۇ ئەسەرلەرنىڭ ئانا تىل ئۆگىنىشنىڭ ئۈلگىسى بولۇشىنى، تور ئەدەبىياتىنى ئۆلگە قىلماسلىقىنى تەۋسىيە قىلىمەن.
( تەھرىر : admin) |