«غايىپ بولغان ئانا تىل ئىشەنچىسى» نى تېپىۋىلىش تۇغۇرسىدا
جاڭ خەييەن «شىنجاڭ گېزىتى» 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 21-كۈنىدىكى سانىدىن ئېلىندى. بىيجىڭ شەھىرى 21-ئۆكتەبىر، ئالى مەكتەپ ئىمتاھان ئىسلاھات لاھىيىسىنى ئېلان قىلىپ، ئىنگىلىز تىلىنىڭ ئالى مەكتەپ ئىمتاھانىدا ئىگەنلەيدىغان نىسپىتىنى تۆۋەنلەتتى. 2016-يىلىدىن باشلاپ بىيجىڭ ئالى مەكتەپ ئىمتاھنى ئىنگىلىز تىلى ئومۇمىي نومىرى 190 دىن 100 گە چۈشۈرۇلدى. ئەدەبىيات نومىرى 150 دىن 180 گە ئۆستۇرۇلدى. بىيجىڭدىكى بۇ ئىسلاھات «ئايرىم مىسال» بولسىمۇ، مەملىكىتىمزدە تېزدىن ئومۇمىلاشتۇرۇلمىسىمۇ، ئەمما ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان پايتەختتە، ئالى مەكتەپ ئىمتاھانىدا ئانا تىلغا تۇنجى قېتىم «مۇبالىغە ھالەت» تە ئەھمىيەت بېرىلدى. ئۇنىڭ يىتەكچى ئەھمىيتىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ. ئىشىنىمەنكى، بۇ جۇڭگۇلۇقلارنىڭ «ئانا تىل» ئىشەنچىسىنى تېپىۋىلىشىدىكى بىر سىگنال. قىزىم تۆت يېشىدىن تارتىپ ئىنگىلىز تىلىنى ئۈگۈنىشكە باشلىغان، خەنزۇچە خەت يېزىشىنى بىلمەي تۇرۇپلا ئىنگىلىزچىدىكى abc ھەرىپلىرىنى تۇنۇيتى، بۇ شەھەردىكى ئومۇمىيۈزلۈك ئەھۋال. جۇڭگۇدىكى بالىلارنىڭ ئىنگىلىزچە ئۈگۈنۈشگە شۇنچە بالدۇر «تەقەزا» بولىشى ئالى مەكتەپ ئىمتاھانىدا ئىنگىلىز تىلىدا يۇقىرى نومۇر ئېلىش ئۈچۈندۇر. ئاتا-ئانىلارنىڭ يەنە بىر ئۈمىدى ئەۋلاتلارنىڭ ئىنگىلىز تىلىنى ياخشى ئۈگىنىش ئارقىلىق ئىلغار دۇنيا بىلەن تونۇشۇپ، تېخىمۇ كەڭ نەزەر دائىرە ۋە پارلاق كەلگۇسىگە ئىگە بولۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ. جۇڭگۇدىكى بالىلار ۋە ئاتا-ئانىلار ئىنگىلىزچە ئۈگۈنىشكە كۆپ بەدەل تۆلىدى. بۇنىڭ بىلەن « شىندۇڭفاڭ»غا ئوخشاش ئىنگىلىز تىلى تەربىيلەش ئاپاراتلىرى بازار تىپىپ كەتتى. ئىنگىلىزچە ئۈگىنىش ۋاقتى «تارىخنامە» نى ئوقۇش، قالۇن قاتارلىق كىلاسسىك مۇزىكىلارنى ئاڭلاش ھەتتا «مۇھاكىمە ۋە بايان» نى كۆرۈش ۋاقتىنى ئىگەنلەپ كەتتى. ئەسلىدە قەدىمىي، نەپىس بولغان خەنزۇ تىلى ئۈگىنىش، خام خەتلەرنى تونۇش، بۆلەكلەرنىڭ مەزمۇنىنى تەھلىل قىلىش، ئاندىن مۇشۇككە قاراپ يولۋاس سىزىش ئۇسۇلىدا خاتا خەت ۋە كېسەل جۈملىلەر بىلەن تولغان ماقالە يېزىشتەك ھالەتكە چۈشۈپ قالدى. ھەتتا نۇرغۇنلىغان كىشى خەنزۇ تىلىدا سۆزلىشەلىسە، خەنزۇچە كىتاب-ژورناللارنى ئوقىيالىسىلا ئەدەبىيات سەۋيىسى تەبىئىيلا ئۆسىدۇ دەپ قارايدىغان، بالىلارنىڭ ئەدەبىيات ئۈگىنىش داۋامىدا ئىنسانىي غەمخۇرلۇق ھېسياتىنى يىتىلدۈرۈشنى ئەسلا ئويلىمىدى. ئىجتىمائىي قىممەت يۆلنىشىدە ئانا تىلنى مەقسەتسىز ھالدا كەمسىتىدىغان ئەھۋال كۆرۇلدى. نەچچە يىل ئالدىدا، شاڭخەيدىكى داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلار ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا چەتئەل تىلىنى ياخشى ئۈگەنسە ئىستىقبالى بولىدۇ، دەپ قاراپ، تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى ئىمتاھانىدا ئەدەبىياتتىن ئىمتاھان ئېلىنماي، ئىنگىلىز تىلىدىن ئىمتاھان ئېلىنىدۇ دەپ بەلگىلىمە چىقاردى. ئەدەبىياتقا سەل قاراش ھادىسىدىن شۇنى كۆرىۋىلىشقا بولىدىكى، يېڭىدىن خىزمەتكە چىققان مەمۇرلار تەييارلىغان 200-300 خەتلىك ھۆججەتتىن ئاز دېگەندىمۇ ئۈچ-تۆت خاتا خەتنى تاپقىلى بولىدۇ. ئىجتىمائىي پەن دۇكتۇر ئاسپىرانتلىرى «قەلەمنى تاشلاپ، ئەلەمنى ئالماق» دېگەن تەمسىلنىڭ مەنىسىنى بىلمەيدۇ. ئالى مەكتەپنىڭ تولۇق كۇرسىنى پۇتۇرگەنلەر مەزمۇنى ۋە تىلى راۋان بىرەر پارچە ماقالە يازالمايدۇ. مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانىسىستا يىقىندا ئېلىپ بارغان «خەنزۇ يېزىقىنى ئاڭلاپ يېزىش مۇسابىقىسى» نۇرغۇنلىغان ئاممىنى جەلپ قىلدى. چۈنكى بىزگە ئوخشاش نۇرغۇنلىغان «مەدەنىيەتلىك» كىشىلەر ئىلگىرى تونۇشلۇق بولغان شۇنچە كۆپ خەنزۇچە خەتنى پۇتۇنلەي يازالماس بولۇپ قالغانلىقىمىزنى ھېس قىلىشتۇق. ھازىر قولىمىزدا «ipad»، ئىنگىلىز تىلىنى ئاغزىمىزدىن چۈشۈرمەي «خەلقئارالىشىش» يولىغا ئاتلىنىپ، يۇرت-ماكانىمىزنى ئۇنتۇپ كېتىۋاتىمىز. بۇ ھەقىقەتەنمۇ كىشىنىڭ كۆڭلىنى پەرىشان قىلىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە، ئىلگىرى نامرات، قالاق جۇڭگۇ دۇنيانىڭ سىياسىي، ئىقتىزادىي سەھنىسىدىكى مۇھىم ئەزاغا ئايلاندى. جۇڭگۇنىڭ باش كۆتۈرۈشى جۇڭگۇلۇقلارغا دۇنياغا يۈزلىنىشتە تەمكىنلىك ئاتا قىلدى، شۇنداقلا بىر مەھەل غايىپ بولغان «ئانا تىل ئىشەنچىسى» نى تېپىۋىلىشىمىزغا تۈرتكە بولدى. بۇ «يەر شارى كەنتى»دە، بىز ئانا تىل ۋەكىللىك قىلىدىغان مەدەنىيەتنىڭلا بىر كىشىنىڭ ھەقىقىي سالاھىيەت ئۆلچىمى ئىكەنلىكىنى ئېنىق تونۇپ يەتتۇق. |