ئۇيغۇرتىلى ____فونتىكا

ۋاقىت : 2013-11-15 11:47│ مەنبەسى : يوللىغۇچى : قەشقەرلىك│ كۆرۇلىشى : قېتىم

 

ئۇيغۇرتىلى ھەققىدە چۇشەنچە

 

پەيزىۋات ناھىيە قىزىلسۇ يېزاكىتابخانا: ھەسەنجان
 




1. قىسىم


1§ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبى تىلى

 مەركىزى دىئالىكىتنى يىتەكچى دىئالىكىت قىلغان ،ئۈرۈمچى تەلەپپۇزىنى ئاساس قىلىپ شەكىللەنگەن ئەدەبى تىل.
پىششقلانغان ۋە قېلىپلاشتۇرۇلغان ،ئۇيغۇر مىللىتى ئۈچۈن ئرتاق ئالاقە قۇرالى بولۇپ خىزمەت قىلۋاتقان تىل  ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبى تىلى دەپ ئاتىلىدۇ.ئۇ ئەدەبى يېزىق تىل ۋە ئەدەبى جانلىق تىل دەپ ئىككىگە بۆلىنىدۇ،ئەغزاكى ئەدەبى تىل تەلەپپۇز قائىدىسىنىڭ بەلگىلىمىللىرى ئاساسىدا ،ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئىشلىرىدا ،رادىئو-تىلىۋىزە ئاڭلىتىشلىرىدا ،كىنو تىياتىرلاردا ۋە ئاممىۋى سورۇنلاردىكى ھەرخىل نۇتۇق،سۆھبەتلەردە قوللىنىدۇ.
يازما ئەدەبى تىل ئىملا قائىدىسىنىڭ بەلگىلىمىللىرى ئاساسىدا سىياسى ۋە پەننى ئەسەرلەردە،دەرسلىك ۋە گېزىت-ژۇرناللاردا،ھۆججەت ۋە خەت ئالاقىلىلەردە قوللىنىدۇ.ئەدەبى تىل مىللەتنىڭ ،جۈملىدىن مىللى مائارىپنىڭ تەرەققىياتىدا ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدۇ.


2§ ئۇيغۇرتىلىنىڭ  دىئالىكىتلىرى
ئۇمۇى خەلق تىلىنىڭ بىرخىل تارمىقى يەنى ئۇمۇمى خەلىق تىلىنىڭ يەرل؛ىك دىئالكىكتى،بىر مىللى تىلنىڭ ئوخشاش بولمىغان رايونلاردا قوللىنىلىدىغان ۋە مەلۇم جەھەتتىن ئۆز-ئارا پەرەقلنپ تۇرىدىغان تىپىك ۋارياتلىرى دىئالىكىت دەپ ئاتىلىدۇ.ھازىرقى زامان ئۇيغۇرتىلىنڭ دىئالىكىتلىرى:مەركىزى دىئالىكىت،خوتەن دىئالىكتى،لوپنۇر دىئالىكىتىدۇر.

3§ تىلنىڭ تەركىبى قىسىملىرى
ھەرقانداق بىر تىلفونتىكا،گىراماتىكا،لىكسىكىدىن ئىبارەت ئۈچ قىسىمدىن تەركىب تاپىدۇ.
فوتىكا ــــ تىل تاۋۇشلىرى ھەققىدىكى پەن بولۇپ،تىل تاۋۇشلىرى سىستىمىسىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى ئۆزىنىڭ ۋەزىپىسى قىلىدۇ.ھازىرقى زامان ئۇيغۇرتىلىنىڭ فونتىكا قىسىى ئۇيغۇرتىلىنىڭ تاۋۇش سىستىمىسى،يەنى تىل تاۋۇشلىرىنىڭ خۇسۇسىيىتى ،فونىما ۋە ۋاريانت،ئۇيغۇرتىلىدىكى تاۋۇشلار ۋە  ئۇلارنىڭ تۈرلىرى،بوغۇم شەكلى ،ئۇرغۇ ۋە ئىنتوناتسىيە،تاۋۇشلارنىڭ ماسلىشىش قانۇنىيىتى ،تاۋۇش ئۆزگىرىش ھادىسسى ۋە ئۇلارنىڭ تۈرلىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئ.ىچىگە ئالىدۇ.ئۇيغۇرتىلىدىكى بارلىق سۆزلەرنىڭ يىغىندىسى لۇغۇت تەركىبى(لىكسىكا)نى تەشكىل قىلىدۇ.
گىرامماتىكا ـــــ سۆزلەرنىڭ ياسىلىشى،تۈرلىنىش قائىدىسىنىڭ ۋە سۆزلەردىن جۈملە تۈزۈش قائىدىسىنىڭ يىغىندىسى.

 

 

 

 

 

2 -  باب   فونتىكا
1§  تىل تاۋۇشلىرى توغرىسىدا چۈشەنچە
فونىتىكاــــ روس تىلى ئارقىلىق ئۇيغۇرتىلىغا كىرگەن ئاتالغۇ«تىل تاۋۇشلىرى» ۋە «تىل تاۋۇشلىرى توغرىسىدىكى بىلىم» دىەەن مەنىدە. فونتىكىنىڭ تەتقىقات ئوبيىكتى ـــــ تىلنىڭ ماددى پوستى بولغان تىل تاۋۇشلىرىغا ئالاقىدار بارلىق مەسىلىلەر مەلۇم بىر تىلنىڭ تاۋۇش سىستىمىسى،تىل تاۋۇشلىۋى ۋە ئۇنىڭ خۇسۇسىيىتى،تاۋۇش چىقىرىش ئەزالىرى ۋە تاۋۇش چىقىرىش ئۇسۇلى،تاۋۇش چىقىرىش ئورنى،شۇ تىلدا فونىما بولۇپ خىزمەت قىلىدغان تاۋۇشلار ۋە ئۇلارنىڭ ۋاريانتلىرى،تاۋۇشلارنىڭ تۈرلەرگە بۆلۈنۈشى،ئۆز-ئارا ماسلىشىش قانۇنىيەتلىرى ھەم بۇ جەرياندا پەيدا بولىدىغان ھەرخىل تاۋۇش ئۆزگىرىشلىرى ،تاۋۇشلەرنىڭ ئۆز ئارا قوشۇلۇش ئالاھىدىلىكى،فونتىكىلىق ئۆزگىرىشلىرى،بوغۇم تۈزۈلۈش شەكىللىرى ۋە ئۇرغۇ،ئىتوناتسىيە قاتارلقلارنى تەتقىق قىلىدۇ ۋە ئۆگىتىدۇ.
تاۋۇش بىلەن تىل تاۋۇشى بىر بىرىدىن پەرقلىنىدۇ.تاۋۇش ـــ تەبىئەتتىكى قۇلاق بىلەن ئاڭلاشقا بولىدىغان ھەرخىل ئاۋازلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تىل تاۋۇشلىرى ــــ ئىنسان تىلىنىڭ ئاۋازى بولغاچقا ،ئۇ ئىنساننىڭ تاۋۇش چىقىرىش ئەزالىرىنىڭ بىر تۇتاش پائالىيىتى ،ئاقىلىق بارلىققا كېلىدۇ.م: «ماددا» دىگەن سۆز «م-ا-د-د-ا =ماددا»


3 § فونىما
مەلۇم بىر تىلدا مەنە پەرقلەندۈرۈش رولىغا ئىگە ئەڭ كىچىك بىرلىك فونىما دەپ ئاتىلىدۇ.م: «يار»بىلەن«يەر»،«گاز»بىلەن «گەز»،«قەن»بىلەن «قان»...قاتارلىق سۆزلەرنىڭ ئۈزۈك تاۋۇش بۆلىكى ئوخشاش،ئەما سۆزۇق تاۋۇش بۆلىكى ئوخشاش ئەمەس.
ۋاريانىت ـــ  سۆزلەرنىڭ مەنىسى ۋە شەكلىنى پەرقلەندۈرۈشتە ئاساس بولالمايدىغان تىل تاۋۇشى ۋاريانىت دەپ ئاتىلىدۇ.ۋاريانىت تىلدا مەنە پەرقلەندۈرۈش رولىغا ئىگە بولمىغان ،مەلۇم بىر فونىىمىغا مەنسۈپ بولغان بىر فونىمىنىڭ بىبرقانچە خىل ئىپادىلىنىش شەكلى بولۇپ ھىسابلىنىدۇ.

 

4 §ئۇيغۇرېتىلىدىكى تاۋۇشلارنىڭ تۈرلەرگە بۆلۈنىشى
ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبى تىلىدا 32 تاۋۇش (فونىما) بار .بۇ تاۋۇشلار ئۆپكىدىن چىققان ھاۋا ئېقىمىنىڭ  توسالغۇغا ئۇچراش-ئۇچرىماسلىقى،تاۋۇش چىقىرىش ئەزالىرىنىڭ جىددىيلىشىش دەرىجىسىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى ۋە ئېغىزدىن سىرىتقا چىقىرىلغان،ھاۋا ئېقىمىنىڭ كغچلۈك- ئاجىزلىقى جەھەتلەردىكى پەرقلەرگە ئاساسەن ئالدى بىلەن سۆزۇق تاۋۇش ۋە ئۈزۈك تاۋۇش دەپ ئىككى تۈرگە بۆلىنىدۇ.
2. سۆزۇق تاۋۇش ۋە ئۇنىڭ تۈرلىرى:
ئۆپكىدىن چىققان ھەۋا ئېقىمىنىڭ تاۋۇش چىقىرىش ئەزالىرىنىڭ توسالغۇسىغا ئۇچرىماي ئەركىن چىقىشىدىن ھاسىل بولغان تاۋۇشلاەر سۆزۇق تاۋۇشلار دەپ ئاتىلىدۇ.
سۆزۇق تاۋۇشلار تەلەپپۇز قىلىنغاندا تىلنىڭ ئالدىغا سۆزۇلۇش ياكى ياكى كەينىگە تارتىلىشىنى ئۆلچەم قىلىپ (تىل ئورنىغا قاراپ)«تىل ئالدى»،«تىل ئارا»،«تىل ئارقا»سۆزۇق تاۋۇشلار دەپ بۆلىنىدۇ .
2. ئۈزۈك تاۋۇشلار:
ئۆپكىدىن چىققان ھاۋا ئېقىمىنىڭ تاۋۇش چىقىرىش ئەزالىرىنىڭ توسالغۇسىغا ئۇچراش ئارقىلىق ئۈزۈلۈپ ئېيتىلىدىغان تاۋۇشلار ئۈزۈك تاۋۇشلار دەپ ئاتىلىدۇ.
ئۈزۈك تاۋۇشلار ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ؛(1)جاراڭلىق ئۈزۈك تاۋۇشلار - ب د گ ل م ن ر ۋ ز ي ژ غ ڭ ،(2)جاراڭسىز ئۈزۈك تاۋۇشلار :ف س ش خ پ ت چ ك ق ھ

 

5§ سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ تۈرلەرگە بۆلۈنىشى
سۆزۇق تاۋۇشلار تەلەپپۇ زقىلغان چاغدىكى تىل ئورنىنىڭ يۇقىرى ياكى تۆۋەن بولۇشى ،تىلنىڭ ئالدىغا سۆزۇلۇشى ياكى ئارقىغا تارتىلىشى تىل ئورنى دەپ ئاتىلىدۇ .
تىل ئالدى سۆزۇق تاۋۇشلار : ئە ئۆ ئۈ
تىل ئارقا سۆزۇق تاۋۇشلار : ئا ئو ئۇ
تىل ئارا سۆزۇق تاۋۇشلار : ئې ئى بۇ تاۋۇشلار تەلەپپۇز قىلىنغاندا ،تىلنىڭ ئېغىز بوشلۇقىدىكى ئورنى ئالدىغىراق بولسىمۇ ئەما بۇ ھەرپلەر سۆز تەركىبىدە بەزى ئۈزۈك تاۋۇشلار بىلەن بىرىكىپ كەلگەندە تىل ئالدى سۆزۇق تاۋۇشقا مايىلراق ئوقۇلىدۇ.بەزى ئۈزۈك تاۋۇشلار بىرىكىپ كەلگەندە بولسا تىل ئارقا سۆزۇق تاۋۇشقا مايىلراق   تەلەپپۇز قىلىىدۇ.ئۇلار بۇ خىل خۇسۇسىيەتكە  قاراپ ئارا سۆزۇق تاۋۇش دەپ ئاتىلىدۇ.
لەۋ ھالىتىگە قاراپ بۆلۈنىشى
سۆزۇق تاۋۇشلار تەلەپپۇز قىلىنغاندا لەۋنىڭ يۇمىلاق ھالەتكە كىلىش –كەلمەسلىكىگە قاراپ ،لەۋلەشكەن    سۆزۇق تاۋۇشلار ۋە لەۋلەشمىگەن سۆزۇق تاۋۇشلار دەپ ئىگە بۆلنىدۇ.
 لەۋلەشمىگەن لەۋلەشكەن لەۋ ھالىتى تىل ئورنى
 ئە ئۆ  ئۈ تىل ئالدى
 ئا ئو  ئۇ تىل ئارقا
 ئى  ئې  تىل ئارا

ئۇيغۇر ئەدەبى تىلىدىكى «ئې ئى » تاۋۇشلىرى بىر بىرىگە ئوخشاش بولمىغان ئىككى خىل سۆزۇق تاۋۇشتىن ئىبارەت .بۇ ئىككى سۆزۇق تاۋۇش سۆلەردە ئالمىشىپ كەتسە ياكى خاتا يېزىلسا مەنىسى ئۆزگىرىپ كىتىدۇ.م:تىرەك بىلەن تېرەك...

6§ ئۈزۈك تاۋۇشلارنىڭ تۈرلەرگە بۆلۈنىشى
تاۋۇشلارنى تەلەپپۇز قىلغاندا ئۆپكىدىن چىققان ھاۋا ئېقىمى ئېغىز بوشلۇقىدا تاۋۇش ئورگانلىرىنىڭ ھەرخىل توسالغۇلىرىغا ئۇچرايدۇ ھەم بۇ توسالغۇلارنى ھەرخىل ئۇسۇللار بىلەن يېڭىش نەتىجىسىدە ھەرخىل ئۈزۈك تاۋۇشلار شەكىللىنىدۇ.
تاۋۇش چىقىرىش ئۇسۇلى جەھەتتىن بۆلۈنىشى:
تاۋۇشلار تەلەپپۇز قىلىنغاندا ئۆپكىدىن چىققان ھەۋە ئېقىمىنىڭ تاۋۇش چىقىرىش ئەزالىرىدىكى توسالغۇنى قانداق ئۇسۇلدا يېڭىشىگە قاراپ تۆۋەندىكىدەك تۈلەرگە بۆلىنىدۇ:
1) د ب گ ك ف   2)پارتلىغۇچى –سىرىلاڭغۇ تاۋۇشلار:ج چ    3) ف ۋ س ز ي غ خ ش ھ    4) :دىماغ تاۋۇشلىرى: م ن ڭ    5 ):ل   6)  تىترىگۈچى تاۋۇش: ر .
تاۋۇش چىقىرىش ئورنى جەھەتتىن بۆلۈنىشى:
ئۈزۈك تاۋۇشلار تەلەپپۇز قىلىنغاندا ئۆپكىدىن چىققان ھاۋا ئېقىمىنىڭ تاۋۇش چىقىرىش ئەزالىرىنىڭ قايسى قىسىمدا توسالغۇغا ئۇچرىغانلىقىغا قاراپ تۆۋەندىكەدەك تۈرلەرگە بۆلىنىدۇ:
1.كالپۇك تاۋۇشلىرى:ب پ م  2.چىش كەلپۇك تاۋۇشلىرى: ف ۋ     3. تىل ئالدى چىش تۈۋى تاۋۇشلىرى:ت د ن ر ل  4.تىل ئۇچى ئالدى چىش تۈۋى تاۋۇيشلىرى :  س ز  5 . تىل ئاستى ئالدى قاتتىق تاڭلاي تاۋۇشلىرى: ج چ ش ژ   6. تىل ئاستىئارقا قاتتىق تاڭلاي تاۋۇشلىرى: گ ك ي   7. تىل تۈۋى- يۇمشاق تاڭلاي تاۋۇشلىرى : ق ڭ خ غ    8.  بوغۇز تاۋۋۇشى: غ
ئۈزۈك تاۋۇشلار تەلەپپۇز قىلىنشاندا تاۋۇش پەردىسىنىڭ تىترەش پەردىسىنىڭ تىترەش-تىترىمەسلىكىگە قاراپ جاراڭلىق ئۈزۈك يتاۋۇشلار ۋە خاراڭسىز ئۈزۈك تاۋۇشلار دەپ ئىككى يۈرەە بۆلىنىدۇ .


7§ تاۋۇشلارنىڭ ماسلىشىشى
ئۇيغۇر تىلىدا كۆپ بوغۇملۇق  سۆزلەر تەركىبىدىكى تاۋۇشلار تاۋۇش چىقىرىش ئورنى ،ئۇسۇلى ،لەۋ ھالىتى،ھەم تاۋۇش پەردىسىنىڭ تىترەش ياكى تىترىمەسلىك شەكىللىرى جەھەتتىن ئۆئارا ماسلىشىپ كېلىدۇ.بۇنداق ماسلىشىش كۆپ بوغۇملۇق سۆزلەرنىڭ  ھەرقايسى بوغۇمى ھەم سۆزلەرنىڭ ئاخىرقى بوغۇمى قانداق تاۋۇش بىلەن ئاخىرلاشقانلىقىغا قاراپ سۆلەرگە قوشۇمچىلارنىڭ ئۇلىنىشىدا كۆرۈلىدۇ.ئۇيغۇرتىلىدىكى تاۋۇشلارنىڭ ماسلىشىشى سۆزۇق تاۋۇشلارنىڭ ماسلىشىشى ۋە ئۈزۈك تاۋۇشلارنىڭ ماسلىشىشى دەپ ئىككى تۈرگە بۆلىنىدۇ.


8 § سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ماسلىشىشى
سۆز تەركىبىدىكى سۆزۇق تاۋۇشنىڭ ھەمدە سۆزنىڭ ئاخىرقى بوغۇمىدىكى سۆزۇق تاۋۇش بىلەن قوشۇمچە تەركىبىدىكى سۆزۇق تاۋۇشنىڭ تىل ئورنى ياكى تىل ھالىتى جەھەتتى ئۆزئارا بىرلىككە كېلىشى سۆزۇق تاۋۇشلارنىڭ ماسلىشىشى دىيىلىدۇ. سۆزۇق تاۋۇشلارنىڭ ماسلىشىشى تىل ئورنى جەھەتتىن ماسلىشىش ۋە لەۋ ھالىتى جەھەتتىن ماسلىشىش دەپ ئىككى تۈرگە بۆلىنىدۇ.
1.تىل ئورنى جەھەتتكى ئاسلىشىش ـــــ  ئۇيغۇرتىلىدا خېلى كۆپ بىرقىسىم قوشۇمچىلار سۆزنىڭ ئاخىرقى بوغۇمىدىكى سۆزۇق تاۋۇشنىڭ تىل ئالدى ياكى تىل كەينى بولۇشىغا قاراپ ئۆزىنىڭ شۇنىڭغا ماس بولغان ۋاريانتى بىلەن قوشۇلىدۇ م: ئۈزۈم –ئۈزۈملەر، بىرىك –بىرىكتۈر ،  قۇرۇل –قۇرۇلغان.....
2.لەۋ ھالىتى جەھەتتىكى ماسلىشىش ــــــــــ 1)لەۋلەشكەن سۆزۇۇق تاۋۇش بىلەن تۈزۈلگەن بىر بوغۇملۇق سۆزلەرگە قوشۇمچىلارنىڭ لەۋلەشكەن سۆزۇق تاۋۇشلۇق ۋاريانتى قوشۇلىدۇ. م: يۈز –يۈزۈم – يۈزلۈك،  سۆز – سۆزۈڭ...
2)لەۋلەشمىگەن سۆزۇق تاۋۇش بىلەن تۈزۈلگەن  بىر بوغۇملۇق سۆزلەرگە ۋە ئفخىرقى بوغۇمىدا لەۋلەشمىگە سۆزۇق تاۋۇش كەلگەن كۆپ بوغۇملۇق سۆزلەرگە قوشۇمچىلارنىڭ لەۋلەشمىگەن سۆزۇق تاۋۇشتىن تۈزۈلگەن ۋاريانتى تۈزۈلگەن . م: باغ – باغلىق،سەل –سەلگە ...

 

9 §ئۈزۈك تاۋۇشلارنىڭ ماسلىشىشى
ئادەتتە جاراڭلىق ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن ئاخىرلاشقان سۆزلەرگە قوشۇمچىلارنىڭ جاراڭلىق ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن باشلانغان ۋاريانتى، جاراڭسىز ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن ئاخىرلاشقان سۆزلەرگە قوشۇمچىلارنىڭ جاراڭسىز ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن باشلانغان ۋاريانتى قوشۇلىدۇ. م: باغ –باغدىن ،ئات –ئاتقا ...
لىكىن بەزى سۆزلەرنىڭ ئاخىرىدىكى «د ب » تاۋۇشلىرى جانلىق تىلدا «ت پ » تەلەپپۇز قىلىنىدۇ.لىكىن يازغاندا «د ب » يېزىلىدۇ. بۇىىل سۆلەرگە قوشۇمچە ئۇلاشتا تەلەپپۇزغا ئاساسەن جۈلۈك تۈرى بولغان قوشۇمچىلاردىن جاراڭسىز ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن باشلىنىدىغان قوشۇمچىلار ئۇلىنىدۇ. م: كىتان –كىتابقا،كىتابتا،كىتابتىن....


10 § سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ئاجىزلىشىشى
تەلەپپۇز جەريانىدا ئاۋاز كۈچىنىڭ ئاجىزلىشىشى تۈپەيلىدىن كۆرۈلۈدىغان تاۋۇش سۈپىتىنىڭ ئۆزگىرىش ھادىسسى تاۋۇشلارنىڭ ئاجىزلىشىشى دىيىلىدۇ. م: ئات – ئېتى...
تىلىمىزدا سۆزۇق تاۋۇشلارنىڭ ئاجىزلىشىشى ئاساسەن ئوچۇق سۆزۇق تاۋۇشنىڭ يېپىق ياكى يېرىم يېپىق سۆزۇق تاۋۇشقا ئۆزگىرىشىدە ۋە يېپىق سۆزۇق تاۋۇشلارنىڭ جاراڭسىز تەلەپپۇز قىلىنىسىدا ئىپادىلىنىدۇ.  بىر بوغۇملۇق سۆز تەركىبىدىكى ئوچۇق ۋە يېرىم ئوچۇق سوۇق تاۋۇش «ئا ئە » قوشۇمچە ئۇلانغاندىن كىيىن ئۇرغۇسىنى يوقاتسا ئاجىزلىشىپ يېرىم يېپىق نسۆزۇق تاۋۇش «ئى»غا ئاجىزلىشىدۇ.ئەگەر «ئا ئە» تاۋۇشلىرى سۆزنىڭ ئىككىنجى ۋە ئۇنىڭدىن كىيىنكى بوغۇملىرىدا كەلسە (يۇقارقى شەرتلار ئاستىدا ئاجىزلىشىپ)يېپىق سۆزۇق تاۋۇش «ئې » غا ئاجىزلىشىدۇ.م: جان – جېنى،بالا – بالىلار...       يېپىق سۆزۇق تاۋۇش «ئى ئۈ ئۇ»قاتارلىق جاراڭسىز ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن بىرىككەندە ئاجىزلىشىپ جاراڭسىز تەلەپپۇز قىلىنىدۇ.م: ئۇششاق،پىكىر...

13 § تاۋۇشلارنىڭ چۈشۈپ قېلىشى ۋە قوشۇلۇپ قېلىشى
تاۋۇشلارنىڭ چۈشۈپ قېلىشى
سۆزلەر باشقا سۆزلەر بىلەن قوشۇلۇپ تەلەپپۇز قىلىنغاندا ياكى قوشۇمچىلار بىلەن تۈلىنىپ تەلەپپۇز قىلىنغاندا ئەسلىدە بار بولغان بەزى تاەۋۇش ياكى بوغۇملار چۈشۈپ قالىدۇ.بۇىىل ھادىسە تاۋۇشلارنىڭ چۈشۈپ قېلىشى دىيىلىدۇ. تاۋۇشلارنىڭ چۈشۈپ قېلىشى سۆزۇق تاۋۇشلاردىمۇ،ئۈزۈك تاۋۇشلاردىمۇ كۆرۈلىدۇ.
تىلىمىزدىكى سزۇق تاۋۇشلارنىڭ چۈشۈپ قېلىشى يېپىق قوش بوغۇملۇق سۆزلەرنىڭ ئاخىرقى بوغۇمىدىكى يۇقىرى (يېپىق)سۆزۇق تاۋۇش «ئى ئۈ ئۇ»قاتارلىقلارنىڭ سۆزۇق تاۋۇش بىلەن باشلانغان قوشۇمچىلار ئۇلىنىپ تەلەپپۇز قىلىنىغاندا ئۇرغۇسىنى يوقىتىپ،چۈشۈپ قېلىشىدا ئىپادىلىنىدۇ.م: پىكىر – ىم =پىكرىم،سىڭىل-ىم=سىڭلىم،كۆڭۇل-ى=كۆڭلى...
ئۈزۈك تاۋۇشلارنىڭ چۈشۈپ قېلىشى
«مەن سەن »ئالماشلىرى چۈشۈم كىلىش ۋە ئىگىلىك كىەلىش قوشۇمچىلىرى بىلەن تۈرلەنگەندە ،بۇ ئالماشلارنىڭ ئاخىرىدىكى «ن» تاۋۇشى چۈشۈپ قالىدۇ،بۇخىل ھادىسە يېزىق تىلدىمۇ ئىپادىلىنىدۇ.م:   مەن-نى=مىنى،سەن-نىنى=سىنى
سۆز ئاخىرىدا كەلگەن «ر ل ھ ت »قاتارلىق تاۋۇشلار ئۇمۇمەن شۇ سۆزگە قوشۇمچە ئۇلانغاندا ياكى باشقا سۆزلەر قوشۇلۇپ تەلەپپۇز قىلىنغاندا چۈشۈپ قالىدۇ.بۇخىل چۈشۈپ قېلىش تېزىقتا ئىپادىلەنمەيدۇ.م: بازارغا –بازاغا،كۆر-كۆرگەن...
بوغۇملارنىڭ چۈشۈپ قېلىشى ¬¬¬¬¬¬¬¬¬¬¬¬¬¬¬¬¬¬¬¬¬¬¬¬¬¬¬¬¬¬¬¬¬¬¬¬¬¬¬¬¬¬¬¬¬¬ـــ جەريانىدا رەۋشداش تەركىبىدىكى ئاخىرقى بوغۇمنىڭ ئۇرغۇسىنى يوقىىتپ چۈشۈپ قېلىسىدا ئىپادىلىنىدۇ.بوغۇملارنىڭ چۈشۈپ قېلىشى يېزىق تىلدا ئىپادىلەنمەيدۇ.م: ئېلىپ كەتتى – ئېپكەتتى...
تاۋۇشلارنىڭ قوشۇلۇپ قېلىشى
ئىزچىل نۇتۇق سۆلەش جەريانىدا بەزى سۆلەرگە تەلەپپۇز قىلىنغاندا كۆرۈلمەيدىغان تاۋۇشلار قوشۇلۇپ قالىدۇ.بۇ خىل ھادىسە تاۋۇشلارنىڭ قوشۇلۇپ قېلىشى دىيىلىدۇ. تاۋۇشلارنىڭ قوشۇلۇپ قېلىشى ئۈزۈك تاۋۇشلاردىمۇ،سۆزۇق تاۋۇشلاردىمۇ كۆرۈلىدۇ.
2) ئۈزۈك تاۋۇشلارنىڭ قوشۇلۇپ قېلىشى
تىلىمىزدىكى بۇ خىل ھادىسە ئۇچۇق بۇغۇملۇق بىر قىسىم سۆزلەرگە سۆزۇق تاۋۇش بىلەن باشلاندان قوشۇمچە ئۇلانغاندا ، قوشۇمچىنىڭ ئالدىغا بىر «ي» تاۋۇشى قوشۇلۇپ قېلىشىدا ئىپادىلىنىدۇ.
م: سۇ-ى=سۈيى(دىققەت:بۇ مىسالدىكى «سۇ»سۆزىنىڭ ئەسلى ساپ ئۇيغۇرچە ئاتىلىشى «»سۈۋ» بولىدۇ،شۇڭا تاۋۇش ئالمىشىش ھادىسسى كۆرۈلدى دىكىيىشكىمۇ بولىدۇ. )     يۇ – ۇش=يۇيۇش
3) سۆزۇق تاۋۇشلارنىڭ قوشۇلۇپ قېلىشى
تىلىمىزدىكى قوشما ئۈزۈك تاۋۇش بوغۇم بېشىدا كەلمەيدۇ،لىكىن چەتئەل تىللىرىدىن كىرگەن (ئاساسەن رۇس تىلى)بىرقىسىم قوپشما ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن باشلانغان سۆزلەر تىلىمىزنىڭ ئادىتى بويىچە تەلەپپۇز  قىلىنغاچقا بۇ خىل سۆلەرنىڭ تەركىبىدىكى قوشما ئۈزۈك تاۋۇشنىڭ ئوتتۇرسىغا بىر سۆزۇق تاۋۇش قوشۇلىدۇ.   م :  ئەسلى شەكلى-پلان،تراكتور . تىلىمىزدىكى تەلەپپۇزى –پىلان،تىراكتور.  بۇ مىساللاردىكى ئالدىنقى سۆزدىكى تاۋۇش قوشۇلۇش ھادىسسى يېزىق تىلدا ئىپادىلىنىدۇ.كىيىنكى سۆزلەردىكى تاۋۇش قوشۇلۇش ھادىسسى يېزىق تىلدا ئىپادىلەنمەيدۇ.

14 § بۇغۇم
سۆلەرنى تەلەپپۇز قىلغاندا  بىر نەپەس بىلەنلا ئېيتىلىدىغان سۆزۇق تاۋۇش ۋە ئۈزۈك تاۋۇشلارنىڭ ئەڭ كىچىك بىرىكمىسى ياكى بىر سۆزۇق تاۋۇش بوغۇم دەپ ئاتىلىدۇ.بوغۇم بىت سۆزۇق تاۋۇش ياكى بىر قانچە تاۋۇشنىڭ بىرىكىشىدىن ھاسىل بولىدۇ.ئۇيغۇرتىلىدىكى ھەرقانداق بوغۇمدا بىر سۆزۇق تاۋۇش بولىدۇ.  سۆزۇق تاۋۇشسىز بوغۇم تۈزۈلمەيدۇ.  سۇنىڭ ئۈچۈن سۆزۇق تاۋۇش بوغۇم مەركىزى بولۇپ ھىسابلىنىدۇ.بەزىدە بىر سۆزۇق تاۋۇشمۇ بىر بوغۇم بولىدۇ،لىكىن ئۈزۈك تاۋۇشلار ئۆز ئالدىغا بوغۇم ھاسىل قىلالمايدۇ.ئۇيغۇرتىلىغا خاس سۆلەرنىڭ تەركىبىدىكى ھەربىر بوغۇمدا بىردىن سۆزۇق تاۋۇش بولىدۇ،ئەمما ئۈزۈك تاۋۇشلارنىڭ سانى بىردەك بولمايدۇ. م: سۇ،يەر ،قوي....


15 § بوغۇملارنىڭ تۈرى
تىلىمىزدىكى بەزى بوغۇملارنىڭ ئاخىرى سۆزۇق تاۋۇش بىلەن ،بەزى بوغۇملارنىڭ ئاخىرى ئۈۈزك تاۋۇشلار بىلەن ئاياغلاشقان بولىدۇ.بۇنىڭغا ئاساسەن بوغۇملار ئۇچۇق بوغۇم ۋە يېپىق بوغۇم دەپ ئىككى تۈرگە بۆلىنىدۇ.سۆزۇق تاۋۇش بىلەن ئاياغلاشقاب بوغۇملار ئۇچۇق بوغۇم بولىدۇ. م: مۇزاكىرە،دەرستە،ياخشى...
ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن ئاياغلاشقان بوغۇملار يېپىق بوغۇم بولىدۇ.م : ئىشچان ، مەردان ، مەن....


16 § ئۇرغۇ ۋە ئۇنىڭ تۈرى
كۆپ بوغۇملۇق سۆلەرنىڭ تەركىبىدىكى مەلۇڭم بىر بوغۇمنىڭ باشىا بوغۇملارغا قارىغاندا كۈچلۈك ھەم سۆزۇپراق ئېيتىلىشى ئۇرغۇ دەپ ئاتىلىدۇ.م : ئەمگەك، قۇرۇلۇش،ئىقتىساد قاتارلىق سۆلەرنىڭ ئاخىرقى بوغۇمى ئۇرغۇلۇق بوغۇملاردۇر.ئۇيغۇرتىلىىدكى ئۇرغۇ سكز ئۇرغۇسى ۋە جۈملە ئۇرغۇسى دەپ ئىككى تۈرگە بۆلىنىدۇ. م: بالا،قىشلاق يېزا  سۆلەرگە قوشۇمچە ئۇلانغاندا ئۇرغۇ ئساسەن ئاخىرقى بوغۇمىدىكى سۆزۇق تاۋۇشقا كۆچىدۇ.م: ساۋاقداش...


3-باب  ھازىرقى زامان ئۇيغۇرتىلىنىڭ تەلەپپۇز قائىدىسى
1 § تەلەپپۇز قائىدىسى ۋە رولى
مەلۇم بىر ئەدەبى تىلدا سۆزلىشىدىغان ۋە شۇ تىل ئارقىلىق ئالاقە قىلىدىغان كىشىلەرنىڭ توغرا تەلەپپۇز قىلىشى ۋە نۇتۇىتا ئورتاق ئەمەل قىلىشى زۆرۈر بولغان قائىدىلەر سىستىمىسى تەلەپپۇز قائىدىسى دەپ ئاتىلىدۇ.دىمەك تەلەپپۇز قائىدىسى توغرا سۆزلەش قائىدىسى دىگەنلەكتۇر. تەلەپپۇز قائىدىسى ھازىرقى زامان ئۇيغۇت ئەدەبى تەلەپپۇزىنىڭ پۈتكۈل مىللەت دائىرسىدە قېلىپلىشىشقا تۈرتكە بولۇپ ،ئۇيغۇر ئەدەبى تىلىدا سۆلەشكۈچى كىشىلەرنىڭ تىل مەدەنىتىيىتىنى تەرەققى قىلدۇرۇپ ،توغرا ،چۈشىنىشلىك،يېقىملىق،ئورتاق،راۋن سۆلەش ئادىتى يىتىلدۈرۈشنى مەقسەت قىلىدۇ.
ئىملا قائىدىسى تىلنىڭ يېزىق شەكلىنى قېلىپلاشتۇرۇش ئۈچۈن تۈزۈلسە، تەلەپپۇز قائىدىسى تىلنىڭ ئېغىز شەكلىنى قېل؛ىپلاشتۇرۇش ئۈچۈ تۈزۈلىدۇ. تەلەپپۇز قائىدىسى ئەدەبى خانلىق تىلىمىزنى تېخىمۇ مۇكەممەل ۋە ئۆلچەملىك قىلىدۇ،يەرلىك شىۋىلەرنى بىلىككە كەلتۈرىدۇ،شۇ تىلدا سۆزلىشىدىغان كىشىلەر ئۈچۈن چۈشىنىشلىك بولغان تىل ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

2 § ئەدەبى تەلەپپۇز بىلەن يەرلىك شىۋىنىڭ مۇناسىۋىتى
ئەدەبى تەلەپپۇز بىر مىللەتنىڭ جانلىق تىلدىكى ئۆلچەملەشكەن ،قېلىپلاشقان ۋە مۇقىملاشقان تەلەپپۇز بولۇپ ،ئۇ يەنە مول مەزمۇنلۇق ئىپادىلەش شەكلىگە ئىگە، ئەدەبى تەلەپپۇز بىر مىل؛لەتنىڭ تىل تەرەققىياتى جەريانىدا سىياسى،ئىقتىسادى،مەدەنىيەت،مائارىپ...قاتارلىق جەھەتلەردە ئۇزۇن مۇددەتلىك تىل تىل تەرەققىياتى،تىل رىئاللىقى ھەم ئىجتىمائى شەرتلەرگە ئاساسلانغان ھالدا بارلىققا كېلىدۇ.تلىشۇناسلار،ئەدىبلەر،ئوقۇتقۇچىلار.ئەدىبلەر ۋە ھەر ساھەدىكى سىياسى ئەربابلارنىڭ ئىلمى ئەمگىكى،پىششىقلاپ ئىشلىشىئرقىلىق بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن بولۇپ نۇرغۇنلىغان ۋاستىلەر ئارقىلىق بىر مىللىتنىڭ ئىجتىمائى ۋە مەنىۋىي تەرەققىياتىدا ۋە ئۆئارا ئالاقىلىشىشىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئەدەبى تەلەپپۇز بىر مىللەتنىڭ ھەرخىل دىئالىكىت ۋە رايو خاراكتىرىگە ئىگە شىۋىللىرىنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىنى يىغىنچاقلىغان ،ئەدەبى ئېغىز تىلىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان تىل ئادىتىنى يىتىلدۈرگەن بولغاچقا ئەدەبى تەلەپپۇز نىلەن يەرلىك شىۋە ھەم ئورتاق خۇسۇسىيەتكە ئىگە  ھەم پەرقلىق خۇسۇسىيەتكە ئىگە.
ئۈزۈك تاغۋۇشلارنىڭ تەەلەپپۇزى:
تەلەپپۇزى ئىملاسى تەلەپپۇزى ئىملاسى
ئىقتىسات ئىقتىساد كىتاپ كىتاب
كاژ كاج ياتىغى ياتىقى
قا/قار قار يەدە يەردە
دەييا/دەريا دەريا پىقىرا پىرقىرا
چامماق چالماق ياغاچچى ياغاچچى


4-باب   لىكسىكا
1§ لىكسىكا توغرىسىدا ئۇمۇمى چۉشەنچە
لىكسىكا مەلۇم بىر تىلدىكى بارلىق سۆلەرنىڭ يىغىندىسى بولۇپ ھازىرقى زامان ئۇيغۇرتىلىدىكى سۆزلەرنىڭ لىكسىكىلىق مەنىللىرى ،لۇغەت تەركىبىنىڭ قۇرۇلۇشى ،تەرەققىياتى، سۆزلەرنىڭ كىلىپ چىقىش يوللىرى ،سۆز مەنىسىدىكى ئۆزگىرىشلەرئۇيغۇرتىلىدىكى  تۇراقلىق تەركىبلەر ۋە ئۇلارنى توغرا ئىشلىتىشھەم پايدىلىنىش يوللىرى قاتارلىقلارنى ئۆگىتىدۇ.لىكسىكا تىلنىڭ قۇرۇلۇش ماتىريالى  ھىسابلىنىدۇ.

1. § لۇغەت تەركىبى
 بىر تىلغا مەنسۇپ بولغان بارلىق سۆلەرنىڭ يىغىندىسى لۇغەت تەركىبى دەپ ئاتىلىدۇ.
لۇغەت تەركىبى بىر مىللەتنىڭ تىل بايلىقى ھىسابلىنىدۇ.ھەرقانداق تىلدىكى لۇغەت تەركىبىنىڭ دائىرسى ناھايىتى كەڭ بولىدۇ.جۈملىدىن ھازىرقى زامان ئۇيغۇرتىلى ئۇزۇن يىللىق تارىخى تەرەققىيات جەريانىدا شەكىللەنگەن شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭغا تىلىمىزدىكى قەدىمدىن تارتىپ قوللىنىپ كلىۋاتقان سۆزلەر.لۇغەت تەركىبىدىكى سۆزلەر قوللىنىش دائىرسىگە قاراپ ئاساسى لۇغەت تەركىبى ۋە ئادەتتىكى لۇغەت تەركىبى دەپ ئىككى تۈرگە بۆلىنىدۇ.
ئاساسى لۇغەت تەركىبى  ــــــــ  ئۇمۇمى خەلىققە چۈشىنىشلىك بولغان ،دائىم قوللىنىلىدىغان سۆزلەر.ئالاھىدىلىكى ـــــ  سۆز  ياساش ئىقتىدارى كۈچلۈك،ئۇمۇمى خەلىققە ئورتاق چۈشىنىشلىك،تۇراقلىق بولىدۇ،ئۆزگىرىشى ئاساسەن يوق،سانى كۆپ،مۇرەككەپ بولىدۇ.

3 § سۆز شەكلى ۋە مەنىسى
سۆز تاۋۇشلاردىن تۈزۈلىدۇ.سۆزلەردىكى تاۋۇشلارنىڭ سانى ۋە بىرىكىش شەكلى ئوخشاش بولمايدۇ.تاۋۇشلار مەلۇم شەكىل ئارقىلىق مەلۇم بىر مەنىنى بىلدۈرگەندىلا ئاندىن سۆز بولالايدۇ.سۆزلەر تاۋۋۇش بىلەن مەنىنىڭ بىرىكىشىدىن تۈزۈلىدۇ.سۆزنىڭ تاۋۇشلۇق تۈزۈلۈشى ئۇنىڭ شەكلى بولىدۇ.تاۋۇش سۆزنىڭ تاشقى پوستى،شەكىل سۆزنىڭ گىرامماتىكىلىق شەكلى.مەنە سۆزنىڭ مەزمۇنىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن سۆزلەردىكى تاۋۇشلارنىڭ بىرىكىشى مۇقەررەر بىر مەنىنى بىلدۇرىدۇ،شۇنداقلا ھەرقانداق بىر مەنە مەلۇم شەكىل ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ.دىمەك ھەرقاندان سۆز تاۋۇش ،شەكىل مەنىدىن ئىبارەت ئۈچ ئامىلدىن تەركىب تاپىدۇ.شۇنىڭ ئۇچۇن مەنە ئىپادىلىمەيدىغان تاۋۇشلارنىڭ ببىرىكمىسىنى سۆز بىرىكمىسىنى سۆز دىيىشكە بولمايدۇ.
بىر تىلغا نىسبەتەن سۆز شەككلى بىلەن سۆز مەنىسى ئوڭتتۇرسىدىكى باغلىنىش تۇرراقلىق بولىدۇ.سۆز شەكلى ئھزگەرسە سۆز مەنىسىمۇ ئھزگىرىدۇ.تاۋۇش بىلەن مەنىنىڭ بىرىكىشى قانداق تاۋۇش بىلەن قاندان مەنىنى ئىپادىلەشكە قارىتىلغارن.شۇ سەۋەبتىن بىر تىلدا ئوخشاش بولمىغان شەكىلدىكى سۆزلەر بارلىققا كەلگەن.سۆزدە ئىپادىلەنگەن مەزمۇن سۆز مەنىسى دىيىلىدۇ.

4 § سوزنىڭ ئەسلى مەنىسى ۋە كۆچمە مەنىسى
بىرەر شەيئى،بىرەر ھادىسە ھەققىدىكى ئۇقۇمنى توغرىدىن تورغا ئىپادىلىگەن سۆز مەنىسى سۆزنىڭ ئەسلى مەنىسى دەپ ئاتىلىدۇ. سۆزنىڭ ئەسلى مەنىسى ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن مەنىللىرى سۆزنىڭ كۆچمەمەنىسى دەپ ئاتىلىدۇ.م: بۇلاقنىڭ بشى،تاغنىڭ بشى،ئۈستەلنىڭ پۇتى،ئىشنىڭ يولى..... دىگەنگە ئوخشاش. سۆزنىڭ كۆچمەمەنىسى شۇ سۆزنىڭ ئەسلى مەنىسى ئاساسىدا بارلىققا كلىدۇ.شۇڭا ئۇلار ئوتتۇرسىدا ماھىيەتلىك باغلىنىش بولىدۇ.سۆزنىڭ ئەسلى مەنە ياكى كوچمە مەنىدە كەلگەنلىكى يەككە سۆزدە ئىپادىلەنمەيدۇ،پەقەت جۉملە ئىچىدە كەلگەندىلا بىلىنىدۇ.


5 § بىر مەنىلىك ۋە كوپ مەنىلىك سۆز
ئۇيغۇرتىلىدىكى بىر مەنىلىك سۆزلەر بىرلا مەنە،بىرقىسىم سۆزلەر بىرنەچچە خىل مەنە بىلدۇرىدۇ.شۇنىڭغا ئاساسەن بىر مەنىلىك ۋە كۆپ مەنىلىك سۆز دەپ ئىككى تۇرگە بولىمىز. بىر مەنىلىك سۆز ـــــ بىرلا مەنىنى بىلدۇرىدىغان سۆزلەر . بىر مەنىلىك سۆز يەككە تۇرغان چاغدىمۇ باشقا سۆزلار بىلەن بىرىكىپ سۆز بىرىكمىسى ھاسىل قىلغاندىمۇ ئوخشاشلا بىرلا مەنىنى بىلدۇرىدۇ. بىر مەنىلىك سۆزلەرگە پەن-تخنىكا ئاتالغۇللىرى،ئىسىملار ۋە بىر قىسىم چەتئەل تىلىدىن قۇبۇل قىلغان بىرسىم سۆزلەرلا كىرىدۇ.م:ئۇيغۇر،تەڭرىتاغ،ئاتوم،سەتىراچ....
كۆپ مەنىلىك سۆز ـــــ  بىر-بىرىگە مۇناسىۋەتلىك بىرقانچە مەنىگە ئىگە بولغان سۆزلەر كۆپ مەنىلىك سۆزلەردۇر. كۆپ مەنىلىك سۆزنىڭ ئەسلى مەنىسى ئاساسى مەنە بولۇپ باشقان مەنىللىرى ئەسلى مەنىلىك سۆزلەر ھەم ئاساسى ئەسلى مەنىسى،ھەم كۆچمە مەنىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. كۆپ مەنىلىك سۆزلەر سان جەھەتتىن كوپ،ئۇلارنىڭ قانداق مەنىدە قوللىنىلىدىغانلىقى جۇملە ۋە سۆز بىرىكمىسىدە ئېنىق ئىپادىلىنىدۇ.

6 § مەنىداش سۆزلەر
تۇزۇلۈش تەركىبى ھەرخىل،ئەمما ئاڭلىتىدىغان مەنىللىرى ئوزئارا ئوخشاش ياكى يېقىن سۆزلەر مەنىداش سۆزلەر دىيىلىدۇ.م: قارىغۇ-كورمەس،پۇچۇق-كەمتۇك،تۇلۇق – پۇتۇن...   مەنىداش بولغان سۆزلەر تۇپ ئۇقۇم جەھەتتە جەزمەن ئورتاقلىققا ئىگە بولىدۇ ۋە بۇ سۆزلەرنىڭ تۇپكى ئالاھىدىلىكى بولىدۇ.م: قۇدرەت-ماغدۇر،ئوقۇتقۇچى-مۇئەللىم...مەنىداش بولغان سۆزلەر جەزمەن بىرخىل سۆز تۇركۇمىگە مەنسۇپ بولىدۇ.م:تۇگىمەك-تاماملىماق(پىئىل)،گۇل-چچەك(ئىسىم)...دىگەنگە ئوخشاش.ئوزئارا مەنىداش بولغان سۆزلەردە تۇس ۋە ئىشلىتىش جەھەتتە مۇئەيۇيەن پەرىق مۋجۇت.مەنىداش سۆزلەر ئوتتۇرسىدا ئاز تۇلا مەنە پەرقىنىڭ بولغانلىقى ئۇلارنىڭ تىلىمىزدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشنىڭ ئاساسى.ئۇلاردا مەنە خاسلىقى بولغاچقا ئۇلارنى توغرا قوللىنىشقا،توغرا ئىپادىلەشكە ئەمىيەت بىرىش لازىم.

7 § شەكىلداش سوزلەر ۋە ئاھاڭداش سوزلەر، قارمۇ-قارشى مەنىلىك سوزلەر
ئادەتتىكى يزىلىش شەكلى ئوخشاش،بىراق تەلەپپۇزى ۋە مەنىللىرى ئوخشىمايدىغان سۆزلەر شەكىلداش سۆزلەر دەپ ئاتىلىدۇ.م: بالا-پەرزەنت،ئارا(ئىسىم/رەۋىش)...
ئاھاڭداش سۆزلەر ــــــ تەلەپپۇزى،يزىلى ئوخشاش،ئەمما مەنىللىرى ئوخشىمايدىغان سۆزلەر ئاھاڭداش سۆزلەر دەپ ئاتىلىدۇ.م:  ئات مىنىش،ئات قويۇش،چۉش كورمەك،چۇش ۋاقتى...
قارشى مەنىلىك سۆزلەر ــــــ تىلىمىزدىكى لۇغەت مەنىللىرى بىر بىرسىگە قارمۇ قارشى بولغان سۆزلەر.م: قارا-ئاق،ئىگىز-پاكار، ئۇرۇق-سىمىز....
ئۇ سۆز مەنىسى ۋە خاس ئالاھىدىلىكىگە قاراپ مۇتلەق قارمۇ-قارشى مەنىلىك سۆزلەر ۋە نىسپى زىت مەنىلىك سۆزلەر دەپ ئىككى تۇرگە بولىنىدۇ. مۇتلەق قارمۇ-قارشى مەنىلىك سۆزلەرــــــ مۇئەييەن ئۇقۇم ساھەسىدە مۇتلەق سىغىشمايدىغان،ئوتتۇردا ئۇقۇم ھالقىسى بولمايدىغان زىت سۆزلەردۇر.


8 § تىلىىزدىكى تۇراقلىق تەركىبلەر
ئۇيغۇرتىلى لىكسىكىسىدىكى تۇراقلىق تەركىبلەر تۇزۇلىشى،مەنىسى ۋە ئەمەلى تىل ئىستىمال قوللىنىش خۇسۇسىيەتلىرىگە ئاساسەن تۇراقلىق بىرىكمىلەر، ماقال،تەمسىل،ئادەت سۆزلىرى،ئىدىئوم قاتارلىق تۇرلەرگە بولىنىدۇ.
تۇراقلىق بىرىكمىلەرـــــــ ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتڭق سۆزنىڭ بىرىكىشىدىن تۇزۇلۇپ تىلدا بىر سۆزگە ئوخشاشلا ئشلىتىلىدىغان سۆز بىرىكمىسى.م:جوڭگۇ كومونىستىك پارتىسى،قۇتادغۇ بىلىك....   (ئالاھىدىلىكى:بىرىكمە تەركىبتىكى سۆزلەر تۇراقلىق بولىدۇ،ئادەتتە ئورنىنى ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ،بىرىكمىنىڭ مەنىسى شۇ بىرىكمە تەركىبىدىكى سولەرنىڭ يىغىندىسىدىن ئىبارەت ،باشقا بىرىكمە مەنە ئىپادىلىمەيدۇ.)  
ئىدىئوم ــــــ رۇس تىلىدىن قۇبۇل قىلىنغان سۆز بولۇپ «كۆچمە مەنىدە كىلىدىغان ئالاھىدە مەنىلىك سۆز » دىگەن مەنىدە،  قۇرۇلما ئالاھىدىلىكى: قۇرۇلما جەھەتتىن مۇكەمممەل جۇملە بولماستىن سۆز بىرىكمىسىدۇر،ئۇنڭدا بايانى خۇسۇسىيەت بولمايدۇ، مەنىسى مەلۇم تىل شارائىتىدا روشەنلىشىدۇ.  تەركىبىدىكى سۆزلەرنىڭ ئەسلى مەنىللىرىدىن باشقىچە مەنىنى بىلدۇرگەن سۆز بىرىكمىسى ئىدىئوم دەپ ئاتىلىدۇ.م: ئۈژمە كۆڭۈل،قولى ئەگرى...
ماقال-تەمسىل ـــــــ تىلىمزدىكى تۈزۈلىشى پۇختا،چوڭقۇر مەنىلىك،ئۈلگە،نەسىھەت،ئىبرەت خاراكتىردىكى جۈملىلىەر ماقال-تەمسىل دەپ ئاتىلىدۇ.ماقال ـــ ئەرەپچىدىن تىلىمىزغا كىرگەن سۆز بولۇپ «ئاتا-بوۋىلار سۆزى»دىگەن مەنىنى بىلدۇرىدۇ،بۇنىڭدا ئوي-پىكىر ئەگىتىلىپ ئېيتىلىدۇ.  م: كوپ ياشىغان بىلمەس،كوپ كورگەن بىلەر... 
ماقال جۈملە شەكلىدە بولىدۇ،شىئىرى تۈسى قويۇق بولىدۇ،ئۇنىڭدا تۇرمۇش تەجىربىللىرىدىن يەكۈنلەنگەن ئوي پىكىر ئۇدۇللا ئىپادىلىنىدۇ.    م: ياخشىلىق قىلدىڭ خوپ قىلدىڭ،مىننەت قىلدىڭ يوق قىلدىڭ.
ھېكمەتلىك سۆزلەر ــــ ھېكمەتلىك سۆزلەر «ئەقىلىيە سۆزلىرى»،«تەپەككۇر جەۋھەرلىرى»،« تەپەككۇر ئۇچقۇنلىرى » دەپمۇ ئاتىلىدۇ.مەلۇم شەخس تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان ،ئۆزىدە چوڭقۇر ھېكمەت ۋە پەلسەپىۋى پىكىر ئەكىس ئىتىپ تۇرىدىغان تۇراقلىق جۈملىلەر ھېكمەتلىك سۆزلەر دەپ ئاتىلىدۇ.م: ئۇچقۇندىن يانغىن چىقىدۇ،مىلتىقتىن ھاكىمىيەت (چىقىدۇ) ــــ  ماۋزىدوڭ.

( تەھرىر : admin)