تىل دېگەن(مۇخەممەس)

ۋاقىت : 2014-02-21 01:51│ مەنبەسى : ئالىپ مۇنبىرى│ يوللىغۇچى : admin│ كۆرۇلىشى : قېتىم
 
تىل دېگەن


(مۇخەممەس)


(21-فېۋرال دۇنيا ئاناتىل بايرىمىغا ئاتاپ)


كۇللى ئادەم نەسلىگە بىر زىبۇ-زىننەت تىل دېگەن،
پادىشاھى ۋە گادايغا ئۇنسى-ئۈلپەت تىل دېگەن،
بىلسىڭىز گەر قەدرىنى ئۇ كاتتا دۆلەت تىل دېگەن،
تاپقۇسى ھەركىم ئۇنىڭدا شانۇ-نۇسرەت، تىل دېگەن،
ياپقۇسى قانچە ئەيىپلىك-بولسا ئىللەت، تىل دېگەن!

ئانا تىلدا سۆزلىسەم قاينار ھاياجان-ئىپتىخار،
ئانا تىلنى كۈيلىسەمكى،كۈيۈم ياڭراق-بىغۇبار،
ئاناتىلدا توۋلىساق مارش،ئۈنىمىز كۆكنى قۇچار،
ئانا تىلغا ئۇيغۇرۇمنىڭ يۈرىكىدە سۆيگۈ بار،
يۈكسىلىشتە پەللىلەرگە ساڭا رىغبەت تىل دېگەن!


 
  ئانا تىلىمىز گۈللەنسۇن!
( تەھرىر : admin)