ئۇيغۇر تىلىدىكى ھەپتە كۇنلىرىنىڭ ئاتىلىشى ھەققىدە
ھازىر تىلىمىزدا دائىم قوللىنىلىدىغان ھەپتە كۈنلىرى ئاتالغۇلىرى پارس تىلىدىن تۈركىي تىللارغا ، جۈملىدىن ئۇيغۇر تىلىغا ئىسلام دىنى قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىن كىرگەن. خاقانىيە تىلى ۋە بۇ تىل ئاساسىغا قۇرۇلغان چاغاتاي تىلى ئەرەب، پارس تىللىرىدىن نۇرغۇن سۆز- ئاتالغۇلارنى قوبۇل قىلغان. ۋە ئۇلارنىڭ بەزىلىرى يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن تەلەپپۇز جەھەتتە فونېتىكىلىق ئۆزگىرىش ھاسىل قىلغان. تىلىمىزدىكى ھەپتە كۈنلىرىنىڭ ئاتىلىشىدىمۇ ئەنە شۇنداق مەلۇم نۇقتىلىق ئۆزگىرىشلەر بار. بۇ ئاتالغۇلاردا جۈمەدىن باشقا ئالتە كۈننىڭ نامى «شەنبە» سۆزى يەككە ياكى باشقا سۆزلەرگە برىكىش ئارقىلىق ياسالغان. ئىسلامدىن بۇرۇن ئۇيغۇرلار ياكى تۈركىي تىللىق مىللەتلەرنىڭ ھەپتە كۈنلىرىنى قانداق ئاتىغانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات يوق. ھەپتە: پارسچە «يەتتە» ئۇقۇمىنى بىلدۇرىدىغان سان بولۇپ، ئۇيغۇر تىلىدا پەقەت بىر ھەپتىدىكى يەتتە كۇننى بىلدۈرىدۈ. شەنبە: «بازار» مەنىسىدىكى سۆز بولۇپ، ھەپتىنىڭ جۇمەدىن كېيىىنكى، يەكشەنبىدىن ئىىلگىرىكى كۇنىنى كۆرسىتىدۇ. |