ئاناتىل كۈنىگە دائىر ئىككى مۇھىم خەۋەر قىرىملىق ئۆسمۈرلەرنىڭ ئاران 16%ى ئانا تىلىدا تەلىم-تەربىيە ئالالايدۇ. قىرىمدا ئۆسمۈرلەرنىڭ ئانا تىلدا تەلىم-تەربىيە ئېلىش مەسىلىسىنى ھەل قىلالماي كېلىۋاتقان ئوكرائىناغا مەكتەپلىرىنى زامانىۋى ھالەتكە ئۆزگەرتەلىگەن تۈركىيە ياردەم قىلىدىغان بولدى. مائارىپچى قىرىم تاتار ئوقۇتقۇچىلار ئۇيۇشمىسى، ئانا تىلدا تەلىم-تەربىيە ئېلىپ بېرىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش يولىدا كونكرېت قەدەم تاشلاش ئۈچۈن 21-فېۋرالدا خەلقئارا ئاناتىل كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن قىرىمدا لېكسىيىلەر ئۇيۇشتۇرىدۇ. قىرىم تاتار ئوقۇتقۇچىلىرى ئانا تىلدا تەلىم-تەربىيە ئېلىشنىڭ تۈرك دۇنياسى بىلەن مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەيتىشتە مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. |