ئانا تىلنى قوغداش كۈنى شەرىپىگە بىر سوۋغا

ۋاقىت : 2014-02-18 17:39│ مەنبەسى : باغداش مۇنبىرى│ يوللىغۇچى : admin│ كۆرۇلىشى : قېتىم
 
ئانا تىلنى قوغداش كۈنى شەرىپىگە بىر سوۋغا
 
«ئانا» نىمە دېگەن گۈزەل ئىبارە-ھە بۇ ؟! بۇ سۆز ھەر قېتىم تىلغا ئېلىنغىنىدا،ئادەم ئاتا ئەۋلادى بولمىش بىزنىڭ ھاياجاندىن پۈتكۈل ۋۇجۇدىمىز تىترەيدۇ. بۇسۆزنىڭ پاساھىتىگە تەڭداش يەنە بىر گۈزەل ئىبارە ئۇچراتقىنىم ھەم ئىسىمدە يوق.چۈنكى ،ئانا باغرى پەرزەنت ئۈچۈن مەڭگۈ ئادرېسى ئۆزگەرمەيدىغان جەننەت.  شۇ سەۋەب،  پۈتكۈل جاھان مىقياسىدىكى، ئىنسانغا ئەڭ يېقىشلىق، سۆيۈملۈك، ئىزگۈ شەيئىلەر «ئانا» سۆزى بىلەن سۈپەتلىنىپ كەلگەن. مىسالى بولغان «ئانا ۋەتەن » ، «ئانا يۇرت»، «ئانا دەريا»، «ئانا تۇپراق» ...«ئانا تىل». ۋاي-ۋۇي، ساناپ كەلسەك بوۋامنىڭ يېشىمۇ يىتىشمەس  بۇلارنى ساناشقا دەيمەن...
 
بۇلارنىڭ قايسى بىرى ئىنسان ئۈچۈن قەدىرلىك ئەمەس؟!  بۇلار ئىچىدە ئانا تىل، سىنىڭ ئادەملىكىڭنىڭ مۇھىم بەلگىلىرىدىن بىرى. ئانا تىل سىنىڭ قېنىڭ ۋە جېنىڭغا ئوخشاش. تەپەككۇرۇڭ ئانا تىلىڭ بىلەن يۇغۇرۇلغان.  ئۇ قەدىرلىك تىل. چۈنكى، ئۇئانىمىزنىڭ تىلى ،ئانىمىز ئۆگەتكەن  تىل.  ئانىمىز دۇنيادىكى بارچە ئانىلاردەك سۆيۈملۈك،ھۆرمەتلىك بولغىنىدەك،  ئانا تىلىمىزمۇ ھەم سۆيۈملۈك ۋە قىممەتلىكتۇر!
 
ئانا تىلىمىز، سەن ،ئۇ ،ۋە مەن مۇشۇ زىمىنغا تۆرەلگەندىن تارتىپ تاكى ياراتقۇچىنىڭ دەرگاھىغا سەپەر قىلغۇچە بولغان ئارىلىقتا بىزگەھەمراھتۇر .
 
 
ئانا تىلنى قوغداش كۈنى شەرىپىگە بىر سوۋغا
( تەھرىر : admin)