دۇنيا ئانا تىل كۈنىنى قانداق ئۆتكۈزەي دەۋاتىسىز ؟يەنە ئەتراپىڭىزدا كىتابخانا بولسا كىتابخانىغا بېرىپ خاتىرە سۈپىتىدە ئانا تىل ھەققىدىكى بىر ئىككى پارچە كىتاب سېتىۋېلىڭ ! كىتاب تەپەككۇرىڭىزنى بېيىتىپ سىزنىڭ گالۋاڭ بولۇپ قېلىشىڭىزدىن ساقلايدۇ ئەمەسمۇ ؟! ئاندىن تېلېفۇنىڭىزدا پىنيڭن ھالىتىدە دوستلىرىڭىزغا ئاناتىل كۈنىنى مۇبارەكلەپ ئۇچۇر يوللاڭ ! بەلكىم بۇ كۈننى بىلەلمەي قالغان بىچارە ئالدىراش دوستىڭىز مۇشۇ ئۇچۇردىن ئىلھام ئېلىشى مۇمكىن ! ناۋادا ئىشقا بېرىپ بولغان ئىشخانىدا بولسىڭىز ، قولىڭىزغا ئا 4 قەغىزىدىن بىرنى ئېلىپ ، ئىشخانىدىكى بارلىق ئىشخانا ئەسلىھەلىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئاتىلىشى بويىچە چوڭ ئەسكەرتمە يېزىپ ئەپلىپ جايغا چاپلاپ قويۇڭ ! چۈنكى سىياسىتىمىزدە ئۆز ئانا تىلىڭىزغا پىكىرلىشىش چەكلەنمىگەن ! ناۋادا ئۆيىڭىزدە بولسىڭىز ، بارلىق ئۇرۇق تۇققانلارنىڭ ئاتىلىش نامىنى ساپ چىرايلىق ئۇيغۇر تىلىدا يېزىپ بالىڭىزنىڭ ھۇجرىسىغا چاپلاپ بېرىڭ ! چۈنكى بالىلار ئانا تىلنى ساقلاپ قالالايدىغان ئەڭ بىخەتەر كۈچ ھېسابلىنىدۇ ! ناۋادا تۇرۇشلۇق ئورنىڭىز ئۈرۈمچىدە بولسا ، ئۈرۈمچىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىنىڭ ئۇيغۇرچە ئاتىلىشىنى ئوبدان بىلىۋېلىڭ ! بىلەلمىسىڭىز 104.6 پروگراممىسىدىكى ئەكبەر ئابدۇللادىن سوراڭ ! ھەم ھەرايسى بانكىلارنىڭ ئۇيغۇرچە ئاتىلىشىنى ئاتاپ ئۆگىنىڭ ! شۇنداقلا ئانا تىلىمىزنىڭ يوقىلىپ كېتىشىدىن زىيادە ئەنسىرەپ يۈرمەڭ ! چۈنكى ئۇيغۇر تىلى تېخى خەتەرلىك تىللار قاتارىدىن ئورۇن ئالمىدى ، خۇداغا شۈكرى ، ئۆزىمىز ئوبدان تىرىشساقلا ، بالىلىرىمىزغا ياخشى تەربىيە قىلساقلار مەڭگۈ يوقالماسلىقى مۇمكىن . |