تۈرك(ئۇيغۇر) تىلى- دۇنيا تىلى! تۈرك تىلى ، مەركەزلىك ھالدا ئوتتۇرا ئاسيا ۋە ئوتتۇرا شەرقتە بار بولغان ۋە ھىچبولمىغاندا كىينكى مىڭ يىلدىن بىرى يەرلىك خەلق ھالىتىدە بولغان ؛تۈركىيە جۇمھۇرىيتى ، ئەسكى سۆۋىتلەر بىرلىكىدىن بىقىندسىز(مۇستەقىل) بولغان ئازەربەيجان، تۈركمەنستان، ئۆزبەكستان، قازاقستان، قىرغىزستانغا ئوخشاش تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرى، بالقان دۆلەتلىرى، روسيە فىدراتسيەسى، ئىران، ئىراق، ئافغانستان، جۇڭخۋا خەلق جۇمھۇرىيتىغا ئوخشاش دۆلەتلەر ئىچىدە ئالاقە تىلى ياكى يازما تىلى سۈپىتىدە قوللىنىلىدىغان يىگىرمە يىزىق تىلى تۈرىگە ئايرىلماقتا. ئوتتۇرا چاغ (ئوتتۇرا ئەسر) بىلەن يىڭى چاغ (يىڭى دەۋر)ئوسمانلى ئىمپىراتۇرلۇقى ۋە ئالتۇن ئوردا دۆلىتىگە ئوخشاش كەڭ جۇغراپىيەلىك رايونلارغا تارقالغان سياسى بىرلىكلەر ئىچىدە مەۋجۇت بولغان بۇ تۈرك قەۋىملىرى 20-يۈز يىلنىڭ تۇنجى چارىكىگە قەدەر تەسرى بولغان كىلاسسىك يازما تىللىرى -ئوسمانلى تۈركچىسى ۋە چاغاتايچىنى بىرلەشتۈرگۈچى خاراكتىرى كۈچلۈك بىر يازما ئەدەبىيات ۋە مىللى بولغان خەلق ئەدەبىياتىنى تەرەققى قىلدۇرغانىدى. |