بىر ئوغرى توخۇ ئوغۇرلاپ دەريا بويىدا ئۇنىڭ پېيىنى يۇلىۋاتسا، دەريا بويىدىكى يولدىن بىر ساقچى كېلىپ قاپتۇ، ئوغرى بۇنى كۆرۈپ ئالدىراشلا توخۇنى دەرياغا تاشلىۋېتىپتۇ.
ساقچى كۆرۈپ، ئۇنىڭدىن:« ھەي، بۇ يەردە نېمە قىلىۋاتىسەن؟ دەريادىكى نېمە؟»- دەپ سوراپتۇ.
ئوغرى جاۋاب بېرىپ:« دەريادىكى بىر توخۇ، ئۇ دەريادا چۆمۈلمەكچىكەنىدۇق، مەن ئۇنىڭ كېيىمىگە قاراپ بېرىۋاتىمەن.»-دەپتۇ.