باش بەت قىلىڭ ساقلىۋىلىڭ باشلان تورىغا كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا !
باش بەت شېئىر ئوبزور ۋە مۇلاھىزە ھىكايە تەرمىلەر ئەسەرلەر يۇمۇرلار تېپىشماقلار پوۋسىت

مەندىن تالىشىدىغانلار قالمىدى

مەنبە :       يوللىغۇچى : baxlan       يوللانغان ۋاقىت : 2014-11-26 00:29:38

‹‹مەندىن تالىشىدىغانلار قالمىدى›› مەزكۈر مەزمۇننى سول تەرەپتىكى ئىككىلىك كودنى يانفۇنىڭىزدا سىكاننىرلاپ ئۈندىداردىكى دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ ھەمبەھىرلىنىڭ !

مەلۇم زاۋۇتنىڭ بىرنەپەر ئاددى ئىشچىسى ھەر ئاخشىمى ئىشتىن چۈشۈپ كوچا ئاپتوۋوزىدا ئۆيگە قايتاتتى. ئەمما بۈگۈن ئىشتىن بەك ۋاقچى چۈشكەچكە ئاپتوۋوز بىكىتىگە كەلگۈچە بىرمۇ ئاپتوبۇس قالمىدى. ئۆيى شەھەردىن بەكلا يىراق بۇ ئىشچىنىڭ باشقا تاللىشى بولمىغاچ يەنىلا ئۈمۈتسىزلىك ئىچىدە بىكەتتە ساقلاپ ئولتۇردى. شۇنچە ساقلاپ بىرمۇ ئاپتوۋۇزنى ئۇچىراتمىغان بىچچارە ئىشچى دەل ئارقىغا بۇرۇلۇپ قايتماقچى بولغىنىدا يىراقتىن بىر ئاپتوبۇزنىڭ چىراغ نۇرى كۆزگە چىلىقتى ۋە خوشاللىقىدا يۇگۈرگەن پېتى ئاپتوۋۇزغا چىقتى.
ئاپتوۋۇزغا چىقىپلا ئىچىدىكى ئادەملەرنىڭ ئانچە نورمال ئەمەسلىكىنى، چىرايلىرى تاتارغان بولۇپ بىر بىرىگە نىمىلەرنىدۇر پىچچىرلاۋاتقانلىقىنى بايقىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇنداق كېچىدە ئەسلى ماشىنا ئىچى قۇرۇق بولىشى كېرەك، ئەمما بۈگۈن ماشىنىدا لىققىدە ئادەم. مۇشۇ خىياللاردىن بىشىنى چايقاپ قارىسا ئالدىنقى سەپتە بىر بىر ئورۇن بىكار، ئىشچى ئاستا بېرىپ ئورۇندۇقتا ئولتۇردى، بۇۋاقىتتا ئۇنىڭ يىنىدا ئولتۇرغان ئايال ئۇنىڭ كۆزىنىڭ ئىچىگە قارىۋېتىپ :
- ئەسلى سەن بۇ ماشىنىغا چىقماسلىقىڭ كېرەكتى-. دېدى . ئىشچى ئەجەبلەنگەن ھالدا ئۇنىڭغا قارىدى. ئايال ئۇلاپلا:
- بۇ ماشىنىغا ھايات ئادەملەر چىقمايدۇ. ماشىنىغا چىقتىڭمۇ، ئۇلار (ماشىنىدىكىلەرنى كۆرسۈتۈپ تۇرۇپ) سېنى تۇتۇپ ئاپىرىپ روھېڭنى تېنىڭدىن سۈمۈرىدۇ ۋە ئۆزىنىڭ ئورنىغا سېنى ئاملاشتۇرىدۇ. – دېدى.
ئىشچى قورۇققىنىدىن ئىشتىنىغا چىقىرۋېتەي دېدىيۇ قانداق قىلىشىنى بىلەلمەي تەمتىرەشكە باشلىدى. بۇ ۋاقىتتا ئايال :
- لېكىن ئەنسىرىمە، مەن ساڭا ياردەم قىلىپ سېنى قاچۇرىۋېتىمەن.- دېدى ۋە دەرىزىنى ئېچىپ ئەرنىڭ ياقىسىدىن تۇتقان پېتى پەسكە سەكىرىدى . سەكىرەش ئالدىدا ئىشچى ماشىنا ئىچىدىكى ئادەملەرنىڭ :
- ئۇ راستىنلا ئەرنى ئېلىپ قاچتى.- دىگىنىنى چالا پۇلا ئاڭلىدى.
بۇ ۋاقىتتا ئۇ ئۆزىنىڭ قېچىپ قايسى بىر ئورمان ئىچىگە كىرىپ قالغىنىنى بايقىدى ۋە بىر ئۇلۇغ تىنىۋېتىپ ئايالغا رەھمەت ئېيتىشقا باشلىدى. لېكىن ئايال مىيىقىدا كۈلۈپ قويۇپ ئەرگە شۇنداق دېدى:
- ئەمدى سېنى مەندىن ھېچكىم تالىشالمايدۇ…

بارلىق ھوقوق : باشلان تورىغا تەۋە ، Copyright© 2011-2014 www.Baxlan.com

باشلان تورى مەسئۇلى : ئەكبەر ، ئىلان -ئالاقە ھەمكارلىق : 13899990941

QQ: 652952114 ،652952113 ئۈندىدار نۇمىرى : Baxlan
تىخنىكىلىق مەسىللەرگە يولۇقسىڭىز 13899990941 ئالاقىلىشىڭ !

新ICP备13000980号-2