ئالدى بىلەن مۇنبەر مەسئۇلىنىڭ مەزكۇر تېمىنى كۆرۈپ چىققانلىقىغا رەھمەت! قېرىندىشىمىزغا ياردەم قىلىش يۈزىسىدىن مەزكۇر تېمىنى تەستىقلاپ قويۇشىڭىزنى، مۇمكىن بولسا، كۆزگە ئاسان چېلىقىدىغان ئورۇنغا قويۇپ قويۇشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن!
اللە، باشقىلارنىڭ غېمىنى يېگەنلەرنى غەمدىن خالاس قىلغايسەن!
2010-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ھاۋاگۈلنىڭ ئاتا-ئانىسى قوشنا كەنتكە تۇغقان يوقلاشقا كەتكەنىدى، ھاۋاگۈل ئۆزى تاماق ئېتىپ يېيىش ئۈچۈن، ئوچاققا ئوت قالاپ، قازانغا ماي قۇيدى. ھەددىدىن ھېسابسىز قىزىپ كەتكەن مايغا تۇيۇقسىز ئوت كېتىپ، ھاۋاگۈلنىڭ يۈز قىسىمىنىڭ ٪90 ىدىن كۆپرەكى كۆيۈپ كەتتى، ئوت كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئاشخانىنىڭ تورۇسىغا تۇتۇشۇپ، ھاۋاگۈل كۈچلۈك ئوت يالقۇنى ئىچىدە قالدى، ئوت ئاپىتىدىن كېيىن قولۇم قوشنىلىرى ئۇنى تۇرپان شەھەرلىك خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ جىددى قۇتقۇزۇش بۆلۈمىگە ئېلىپ باردى. دوختۇرخانىنىڭ يۇقۇرى داۋالاش چىقىمى ئىقتىسادى شارائىتى ئەزەلدىنلا ئانچە ياخشى بولمىغان بۇ ئائىلىگە ئېغىر زەربە بولدى، ئۇلارنىڭ ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا ئاتاپ تەقلەپ قويغان 5 مىڭ يۈەن پۇلى 3 كۈنگە ئاران يەتتى. ئايشەمگۈل زور داۋالاش چىقىمى ۋە يولدىشى (ھاۋاگۈلنىڭ ئۆگەي ئاتىسى)نىڭ تاپا-تەنىسىگە چىدىماي، سۆيۈملۈك پەرزەنتىنى ئۆيىگە ئېلىپ كېتىشكە مەجبۇر بولدى. كېيىن دوستلىرىنىڭ مەسلىھەتى بويىچە خۇسۇسىي ئامبولاتورىيىلەردە داۋالاتتى، ئەمما بۇ خىل تەرتىپسىز، پىلانسىز داۋالاشنىڭ ھېچقانداق ئۈنۈمى بولمىدى. ئايشەمگۈل ئىلاجسىز ئۆزى تۇرۇشلۇق كەنت كومېتىتىنى ئىزدىدى، كەنتمۇ جىق ياردەم قىلالمىدى. تۇغقانلىرىمۇ پۇل يوقلۇقىنى ئېيتىپ قۇرۇق قول قايتۇردى. ھاۋاگۈلنىڭ چىرايىنى ھۆسۈن تۈزەش ئوپىراتىسىيىسى قىلدۇرۇشنىڭ گېپى چىقسىلا، ئايشەمگۈل بىلەن يولدىشى ئوتتۇرىسىدا جېدەل باشلىناتتى، ئانا ئاخىرى بۇ دەردكە چىدىماي، نىكاھتىن ئاجرىشىپ، قىزى ھاۋاگۈلنى ئېلىپ ئۆيىگە كەتتى. پەرزەنتىنىڭ ئوتىدا پۇچۇلىنىۋاتقان بۇ ئانا ئۆيىدىكى پۇلغا يارىغۇدەك نەرسىنىڭ ھەممىسىنى ساتتى، ئەمما يۇقۇرى داۋالاش چىقىمىغا يەنىلا بەرداشلىق بېرەلمەي، تور ئارقىلىق ياردەم تىلەشكە مەجبۇر بولدى.
«كۆپنىڭ كۈچى كۆپ»، «تاما-تاما كۆل بولار» . ھەممىمىز «بىر ياقىدىن باش، بىر يەڭدىن مۇش» چىقىرىدىغان بولساق، بىز يېتەلمەيدىغان مەنزىل، قىلالمايدىغان قىيىن ئىش يوق. ئەمدىلا 13 ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان ھاۋاگۈل بىر قېتىملىق تاسادىپىي ۋەقە تۈپەيلىدىن ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى يوقاتتى، ئوقۇش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالدى، بۇ ئىلىم ئۆگىنىشكە ھېرىسمەن ئەقىللىق قىزغا قاتتىق زەربە بولدى. پەرزەنتىنىڭ «ئاپا، مېنى داۋالاتمامسىز؟ مېنى داۋالاپ ساقايتالايدىغانلا ئىش بولسا، مەن چوقۇم سىزنى ئۆمرۈمنىڭ ئاخىرىغىچە ئوبدان باقىمەن، گېپىڭىزنى ئاڭلايمەن، سىزنى خاپا قىلمايمەن، مەكتەپتە ياخشى ئوقۇيمەن. كەلگۈسىدە جىق پۇل تېپىپ، سىزنى مەككىگە ئاپىرىمەن» دەپ ئېچىنىشلىق نالە قىلىشلىرى ئايشەمگۈلنىڭ يۈرىكىنى ئەزدى.
يارغول تور بېكىتى ھاۋاگۈلنىڭ ئاپىسىنىڭ ئىلتىماسىغا بىنائەن مەزكۇر تەشەببۇسنامىنى چىقاردى ھەم باشقا تور بەتلەردىمۇ ئوخشاش مەزمۇندا تەشەببۇسنامە ئېلان قىلدى، بىز قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، نارەسىدە سىڭلىمىز ھاۋاگۈلگە ساخاۋەتلىك قوللىرىنى سۇنۇشىنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئىئانىنىڭ ئاز-كۆپى يوق، پەقەت بىز تەڭ ھەرىكەتكە كەلسەكلا، نارەسىدىنىڭ ئازابىنى ئازراق بولسىمۇ يەڭگىللىتىشكە ياردەم بېرەلەيمىز! بىر قاپ تاماكا، بىر بوتۇلكا ھاراق، بىر قېتىملىق مەرىكە، بىر قۇر كىيىم سېتىۋېلىشقا كېتىدىغان ئازغىنە پۇلىمىزنى ئۇنىڭغا سۇنالىساق، بىر ئاجىزەنىڭ قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈشىگە ياردەم قىلغان، ساۋابلىق ئىش قىلغان بولىمىز! نارەسىدەنىڭ ئارزۇ-ئارمانلىرى كۆپۈككە ئايلانمىسۇن، ئۇ بىزنىڭ ياردىمىمىز ئارقىلىق ئۆز ئىشەنچىسىنى تېپىۋالسۇن!
قېنى قېرىنداشلار، ھەممىمىز بىرلىكتە ساخاۋەتلىك قوللىرىمىز، پاك سەمىمى قەلبىمىز بىلەن سىڭلىمىز ھاۋاگۈلگە مەدەت بېرەيلى!
ھاۋاگۈلنىڭ ئاپىسى ئايشەمگۈلنىڭ سودا-سانائەت بانكىسىدا ئاچقان ھېسابات نومۇرى: 6222023005001122874
كارتا ئىگىسى: ئايشەمگۈل غۇجىئابدۇل 阿依夏木古丽•胡吉阿不都
ئايشەمگۈلنىڭ تېلىفۇن نومۇرى: 15022873702
ئالاقىلىشىش ئادرېسى: تۇرپان شەھەر يار يېزا شاللىق كەنتى 1-گۇرۇپپا
بۇ ھاۋاگۈلنىڭ يارىلىنىشتىن بۇرۇنقى سۈرىتى

بۇ ھازىرقى سۈرىتى


بۇ ئائىلە تاۋاباتلىرىنىڭ سۈرىتى (ئوڭدىن 2-كىشى ھاۋاگۈل، سولدىن 2-كىشى ھاۋاگۈلنىڭ ئاپىسى ئايشەمگۈل)

ئالاھىدە ئەسكەرتىش: مەزكۇر چاقىرىق يارغول تور بېكىتىمىزدە ئۇزاق مۇددەت ساقلىنىدۇ ھەم ياردەم بېرىش پائالىيەتلىرى داۋاملىق ئىز قوغلاپ خەۋەر قىلىنىدۇ!
اللە ھەممىمىزگە ساغلام تەن ھەم خاتىرجەملىك ئاتا قىلسۇن!
كامالىي ئېھتىرام بىلەن:
يارغول تور بېكىتى