5–يانۋار ، ئامېرىكىنىڭ ئالاھىدە ئەلچىسى Stephen Bosworth كورىيەدە زىيارەتتە بولدى
3–يانۋار ، كورىيە زۇڭتۇڭى لى ميۇڭباك سىئۇلدا ‹‹يېڭى يىللىق ئالاھىدە نۇتۇق›› ىنى سۆزلەپ : كورىيە بىلەن چاۋشيەن بۇرۇنقىدەكلا سۆھبەتلەشسە بولىدۇ ، دېدى
ى ، پيوڭياڭ 5–يانۋار تېلېگراممىسى : چاۋشيەن ھۆكۈمىتى ، سىياسىي پارتىيەلەر ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار 5–يانۋار پيوڭياڭدا بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ ، چاۋشيەن–كورىيە دائىرىلىرى سۆھبىتىنى تېزلىكتە ، شەرتسىز ئۆتكۈزۈپ ، ئۇقۇشماسلىق ۋە ئىشەنمەسلىكلەرنى تۈگىتىش ، تىنچلىق ۋە گۈللىنىش يولى بەرپا قىلىشنى سەمىمىيلىك بىلەن مۇزاكىرىلىشىش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى .
چاۋشيەن مەركىزىي ئاخبارات ئاگېنتلىقى شۇ كۈنى تولۇق ئاڭلاتقان بۇ باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: قارشىلىشىش ئۇسۇلى كورىيە - چاۋشيەن مۇناسىۋىتى مەسىلىسىنى ھەرگىزمۇ ھەل قىلالمايدۇ، بەلكى قوراللىق توقۇنۇش ۋە ئۇرۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، پەقەت سۆھبەتلىشىش ۋە كېڭىشىش ئۇسۇلىلا ھازىرقى قىيىن ۋەزىيەتتىن قۇتۇلۇش يولىنى ئاچالايدۇ. شۇڭلاشقا، چاۋشيەن كورىيە دائىرىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سىياسىي پارتىيە، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار (بۇ سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرۇۋاتقان پارتىيە ياكى ئۆكتىچى پارتىيە بولۇشىدىن، ھۆكۈمەت دائىرىسىدە ياكى ئەل ئىچىدە بولۇشىدىن، مۇتەئەسسىپ ياكى تەرەققىيپەرۋەر بولۇشىدىن قەتئىينەزەر) بىلەن ئاكتىپ سۆھبەتلىشىشنى ۋە كېڭىشىشنى ئۈمىد قىلىدۇ، بولۇپمۇ ئەمەلىي ھوقۇق تۇتقان ۋە مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالالايدىغان دائىرىلەر ئارىسىدىكى سۆھبەتنىڭ تېزلىكتە، شەرتسىز ئېلىپ بېرىلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.
باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: كىمكى چاۋشيەن بىلەن قول تۇتۇشۇپ بىرلىكتە ئىلگىرىلەشنى خالىسا، ئۆتمۈشنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، چاۋشيەن ھەر ۋاقىت ھەر جايدا ئۇلار بىلەن ئۇچرىشىشنى خالايدۇ، ئۇلار بىلەن جىددىي ۋەزىيەتنى پەسەيتىش، تىنچلىقنى قوغداش، ئۆم - ئىناقلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش ۋە ھەمكارلىشىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىشنى خالايدۇ.
چاۋشيەن بۇ باياناتتا يەنە مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: چاۋشيەن - كورىيە ئىككى تەرەپ ئارىدىكى تۆھمەت - ئىغۋالارنى تۈگىتىپ، قارشى تەرەپنىڭ زىتىغا تېگىدىغان ئىشلارنى قىلماي، چاۋشيەن - كورىيە مۇناسىۋىتىنى ياخشىلايدىغان كەيپىياتنى بارلىققا كەلتۈرۈشى كېرەك.
باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: بىز ھەممىمىز بىر مىللەت، ئۆزئارا ئىشەنمەسلىك ۋە قارشىلىشىش ھاجەتسىز، ‹‹دۈشمەن›› لىشىشكە تېخىمۇ بولمايدۇ، ئىدىيە ۋە تۈزۈمدىكى پەرق ئىناقسىزلىق ۋە دۈشمەنلىشىشكە سەۋەب بولالمايدۇ.
باياناتتا مۇنۇلار بىلدۈرۈلدى: چاۋشيەن چاۋشيەن - كورىيە مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاش، مىللەتنىڭ يارىشىشى ۋە ئىتتىپاقلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش، سۆھبەتلىشىش ۋە كېڭىشىش ئارقىلىق چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ تىنچلىقىنى قوغداش، بىرلىككە كەلگەن بۇرۇلۇش خاراكتېرلىك ۋەزىيەت يارىتىشنى مەقسەت قىلغان مەيدانىدا باشتىن - ئاخىر تەۋرەنمەيدۇ. چاۋشيەن كورىيە دائىرىلىرى ۋە سىياسىي پارتىيە، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ ئۆز تەكلىپىگە ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈمەتلىرى، سىياسىي پارتىيەلىرى، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلىرى، خەلقئارا ئورگانلار، تەرەققىيپەرۋەر خەلقلەرنىڭ بۇ تەكلىپنى ئاكتىپ قوللىشىنى ۋە مەنىۋى جەھەتتىن مەدەت بېرىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.