بىر كۈنى بىر ئايال گولىف توپ ئويناۋېتىپ، توپنى كۈچەپ ئۇرۋەتكەنلىكتىن، توپ ئورمانلىققا چۈشۈپ كېتىپتۇ،
ئۇ ئورمانلىققا كىرىپ يۈتۈپ كەتكەن توپىنى ئىزدەۋېتىپ، دەرەخ كامىرىغا كىرىپ قېلىپ چىقالمايۋاتقان بىر پاقىنى كۆرۈپ قاپتۇ، پاقا ئايالغا:
-ئەگەر مېنى دەرەخ كامىرىدىن قۇتۇلدۇرۇپ چىقسىڭىز، سىزنىڭ ئۈچ تىلىكىڭىزنى ئورۇنلاپ بېرەتتىم،-دەپتۇ.
ئايال پاقىنى قۇتۇلدۇرۋاپتۇ، پاقا ئايالغا مىننەتتارلىقىنى بىلدۈرۈپتۇ ۋە:
-رەھمەت سىزگە! بىراق بايا دېيىشنى ئۇنتۇپتىمەن، سىزنىڭ ھەرقانداق تىلىكىڭىزنىڭ قوشۇمچە شەرتى بار،شۇ
بولسىمۇ سىز نىمىگە ئېرىشمەكچى بولسىڭىز، ئېرىڭىزمۇ سىز تىلىگەن نەرسىلەرنىڭ ئون ھەسسىسىگە ئېرىشەلەيدۇ، -دەپتۇ.ئايال بۇنى ئاڭلاپ:
-كېرەك يوق،بىرىنچى تىلىگىم دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل ئايال بولغۇم بار،-دەپتۇ.
پاقا ئەسكەرتىپ:<سىزنىڭ بۇ تىلىكىڭىز ئېرىڭىزنىمۇ سىزدىن ئون ھەسسە چىرايلىق ئەڭ كېلىشكەن ئەر قىلىۋېتىدۇ، پۈتۈن ئاياللار ئۇنى قوغلىشىدۇ،>دەپتۇ.ئايال:
-كېرەك يوق، چۈكى مەن دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل ئايال ، شۇڭا ئۇنىڭ نەزىرىدە يەنىلا مەن.
پاقا بىر ئەپسۇن ئوقۇپتىكەن، ئايالنىڭ بىرىنچى تىلىكى ئەمەلگە ئېشىپتۇ.
-ئىككىنچى تىلىكىم دۇنيادىكى ئەڭ باي ئايال بولۇش،-دەپتۇ.
پاقا يەنە ئەسكەرتىپتۇ:
-بۇ تلىكىڭىزمۇ ئېرىڭىزمۇ سىزدىن ئەڭ باي ئەر قىلىۋېتىدۇ،ھەتتا ئۇنىڭ بايلىقى سىزدىن ئون ھەسسە كۆپ بولىدۇ،-دەپتۇ.
ئايال:
-كېرەك يوق، ئۇنىڭ بايلىقى مىنىڭ بايلىقىم ، مېنىڭ بايلىقىم ئۇنىڭمۇ بايلىقى،-دەپتۇ.
پاقا بىر نەچچە ئەپسۇن ئوقۇشى بىلەنلا ئايال ئىككىنچى تىلىكىگىمۇ يتىپتۇ.
پاقا ئايالدىن سوراپتۇ:
-قېنى ئېيتىڭە، سىزنىڭ ئەڭ ئاخىرقى تىلىكىڭىزنىمە؟ چۇقۇم ياخشىراق ئويلىنىڭ،نىمىگىلا ئېرىشىڭ،ئېرىڭىز سىز ئېرىشكەن نەرسىلەرنىڭ ئون ھەسسىسىگە ئېرىشىدۇ،-دەپتۇ.
ئايال بىر ئاز ئويلىنۋالغاندىن كىيىن پاقىغا:
-مىنىڭ يىنىك دەرىجىدىكى يۈرەك كىسىلى بولغۇم بار،-دەپتۇ.