نۆۋەتتىكى ئورنى:باش بەت >> مەدەنىيەت - تارىخ >>
شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ دەپنە مۇراسىم ئادىتى
يوللىغان ۋاقىت:2010-10-18 16:03:52  يازغۇچى:阿不来提  كىلىش مەنبەسى:ئابلەت  ئاۋاتلىقى:0   [ مەنمۇ ئەسەر يوللايمەن ]
كىچىك | نورمال | چوڭ             


        دەپنە مۇراسىمى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئۇزۇن يىللار داۋامىدا شەكىللەنگەن بىر خىل سۈرلۈك تۈس ئالغان مۇراسىم شەكلى بولۇپ ، مۇراسىم ئىسلام دىنىنىڭ قائىدىلىرى بويىچە ئۆتكۈزۈلىدۇ .

        ئۇيغۇرلاردىن بىرەرى قازا قىلسا مېيىتنى شۇ ھامانلا دەپنە قىلىۋەتمەيدۇ . قازا يۈز بەرگەندىن كېيىن ، يېقىن ئەتراپتىكى قەبرىستانلىقتىن يەرلىك، يەنى مىيىت كۆمۈلىدىغان يەر ئۇقۇشىدۇ ،ئاندىن كۆمۈشنىڭ ئالدىدا مىيىتنى يۇيۇپ يەرلىكىدە قويىدۇ. قازاقىلغۇچى ئەر بولسا بىر نەۋرە شىرەم ئاغىلىرى ، بوۋىلىرى يۇيىدۇ ياكى مەخسۇس يۇغىچىلار يۇيىدۇ، ئۇلار يۇيۇشقا قاتناشسا بولىدۇ. ئەگەر قازا قىلغۇچى ئايال بولسا، تەڭتۇش ياشتىكىلەر يۇيۇشقا قاتناشسا بولىدۇ. مېيىت يۇيۇلۇپ بولغاندىن كېيىن ، ئاق داكا بىلەن ئورىلىدۇ، ئەرلەر ئۈچ قات ، ئاياللار بەش قات ئورىلىدۇ. مېيىتنى يۇيغاندا باشقىلار ئىچىگە كىرسە بولمايدۇ ،ئاخۇنلار مېيىت يۇيۇلۇۋاتقان ئۆينىڭ يېنىدا تۇرۇپ، قازاقىلغۇچى ئۈچۈن  دۇئا – تىلاۋەت قىلىپ ، قازا قىلغۇچىنىڭ گۇناھىنى تىلەيدۇ.(كىچىك بالىلارنىڭ گۇناھىنى تىلىمىسىمۇ بولىدۇ،كىچىك بالىلارنىڭ گۇناھى بولمايدۇ).

       مېيىت پاكىز يۇيۇلغاندىن كېيىن يۈزى غەربى جەنۇبىي تەرەپكە قارىتىپ ياتقۇزۇلۇپ ، ئېڭىكى چېتىلىغاندىن كىيىن پاكىز ، ئاق كېپەنگە ئورىلىدۇ . قازالانغۇچىنىڭ يىراق –يېقىندىكى ئۇرۇق–تۇغقانلىرى كېلىپ مېيىت بىلەن ۋىدالىشىدۇ ئاندىن مېيىت تاۋۇتقا سېلىنىپ مەسچىتكە ئاپىرىپ ئىسلام قائىدىسى بويىچە نامىزى چۈشۈرۈلۈپ ، جامائەتچىلىكنىڭ رازىلىقىدىن ئۆتكۈزۈلۈپ ، گۇناھلىرى ساقىت قىلىنغاندىن كېيىن قەبرىستانلىققا ئاپىرىپ ئالدىن تەييارلاپ قويۇلغان يەرلىككە قويۇلۇپ ئۈستىدىن توپا تاشلاپ يەرلىككە قويۇلىدۇ، روھىغا ئاتاپ دۇئا ئوقۇلىدۇ . ئۆلۈم ئىگىلىرىدىن ئەرلەر بېشىغا سەللە ئورايدۇ ، ئاياللار ئاق رومال ئارتىدۇ . مۇسۇلمانلاردا مېيىت ساندۇققا سېلىنمايدۇ .

      يەرلىك چاسا شەكلىدە بولۇپ ، ئۇزۇنلۇقى ئىككى مېتىر ، كەڭلىكى بىر مېتىر ئەتراپىدا بولىدۇ ، يەرلىكنىڭ يان تەرىپىگە بىر ئورەك كولاپ قويۇلىدۇ . قازا قىلغۇچى مۇشۇ ئورەك ئارقىلىق قەبرە ئىچىگە قويۇلىدۇ. يەرلىكنىڭ سىرىتقى كۆرۈنۈشى ئاساسەن چاسا شەكىلدە بولىدۇ ، بەزىلىرى يۇمىلاق بولىدۇ. قەبرە ئۈستىگە ئىسلام قائىدىسى بويىچە  ئاي شەكلى چۈشۈرۈلگەن بولىدۇ. ئۇيغۇرلار قەبرىلەر بار جاينى ‹‹مازار›› دەپ ئاتايدۇ. ئۇيغۇرلار قازا قىلغۇچى تۈگەپ ،ئۈچ كۈن، يەتتە كۈن، قىرىق كۈندە بىر قېتىم نەزىر قىلىدۇ، بۇ ئارقىلىق قازا قىلغۇچىنى ئەسلەپ تۇرىدۇ.

 

 

تورداش << 阿不来提>> نىڭ باشقا تور ئەسەرلىرى
تېخىمۇ كۆپ ئەسەرلىرىنى كۆرمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى بېسىڭ
تور بېكەت ھەققىدە | شىركەت ھەققىدە | خېرىدارلىرىمىز | ھەمكارلىشىڭ | ئېلان بىرىڭ | ئالاقىلىشىڭ | پىكىر بىرىڭ
Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备09005194号 增值电信业务经营许可证 新B2-20050027号
ئالاقىلىشىش تېلېفۇن: 15999163133 ، 18999105493
互联网电子公告(BBS)服务资质       移动网信息服务业务资质
!تور بېكتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق فىلىم ۋە ناخشا مۇزىكىلار ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان، ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغان دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ