مېھرى - مۇھەببەتنىڭ ئۆلچىمى
بىر ئېكسپېدىتسىيىچى چۆل - باياۋان، ئىپتىدائىي ئورمانلىق ۋە ئېگىز تاغ - قىيالارنى پىيادە يۈرۈپ ئۆلچەشكە ئىرادە باغلاپتۇ. ئۇ نۇرغۇن يول يۈرۈپ پىلاندىكى مۇساپىنى ئاياغلاشتۇرۇشقا ئاز قالغاندا، تېنچ - ئامانلىقنى بىلدۈرۈپ قويۇش ئۈچۈن، ئۆيىگە تېلېفون بېرىپتۇ. خوتۇنى تېلېفوندا: « خوشلاشقاندا سوۋغا قىلغان ئەتىرگۈل ئاللىقاچان سولىشىپ كەتتى، ئەمدى قايتىپ كەلمەيدىغان بولسىڭىز، لوڭقىغا بەلكىم باشقىلار سوۋغا قىلغان ئەتىرگۈل سېلىنىپ قېلىشى مۇمكىن! » دەپتۇ. ئوغلىمۇ يىغلاپ تۇرۇپ: « ئاتا، قاچان قايتىپ كېلىسىز، سىز ماڭا ئىمتىھاندا 100 نومۇر ئالساڭ باغچىغا ئاپىرىپ ئوينىتىپ كېلىمەن دېگەنتىڭىزغۇ؟ مەن ھازىرغىچە ئالتە قېتىم100نومۇر ئالدىم، سىز يەنىلا قايتىپ كەلمىدىڭىز؟ » دەپتۇ. بۇ ئېكسپېدىتسىيىچى تېلفوننى قويغاندا كۆزلىرىدىن ياش يامغۇر بولۇپ، تۆكۈلۈپتۇ ۋە نىشاندىن ۋاز كېچىپتۇ. ئۇ ئىللىق ئائىلىسىگە قايتىپ كېلىپ، خوتۇنى ۋە ئوغلىنى باغرىغا بېسىپتۇ، كۆزلىرىدىن ئازاپ - ئوقۇبەتتىن كۆرە، مېھرى - مۇھەببەتكە تويۇنغان ياشلار تۆكۈلۈپتۇ، ئەمما ئۇلار ئېكسپېدىتسىيىچىنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسىنىڭ ئاخىرقى بېتىگە: « تاغ ھەرقانچە ئېگىز، يول ھەرقانچە يىراق بولسىمۇ، قەدەم بىلەن ئۆلچەپ تۈگەتكىلى بولىدۇ؛ ئەمما مېھرى - مۇھەببەتنى ئۆلچەپ تۈگىتىش مۇمكىن ئەمەس. « 1:2 » بىر ئائىلىدىكى ئۈچ جاننىڭ مەڭگۈلۈك مېھرى - مۇھەببەت نىسبىتى، سىز مەڭگۈ «1»، خوتۇن - بالىڭىز مەڭگۈ «2» بولىدۇ، ئۇلار سىزدىن مەڭگۈ بىر ھەسسە ئارتۇق » دەپ يېزىلغانلىقىنى زادىلا بىلمەيتتى.>