ئاخىرقى پۇرسەتنى چەكمەكتە ۋاقىت
ھەرسەھەر چۈشۈمدىن ئاقتۇرۇپ سىنى ،
تاشلاندىم مىڭ يىللىق ھىجرانغا جېنىم .
ئىزلىسەم تېپىلماس ئىزلىرىڭ ھەتتا ،
ۋەلېكىن كۈيىسەن ئوت بۇلۇپ جېنىم .
سەزمەيسەن ئازابىم ساڭا بەك خىرە ،
نەملەنگەن كىرپىكلەر يولۇڭدا ئازغان .
ئاخىرقى پۇرسەتنى چەكمەكتە ۋاقىت ،
ئەڭ گۈزەل ئارمانلار يەنىلا سەرسان .
ئىھ،ساڭا ئايلانغان جىمى مەۋجۇدات ،
رەڭگىڭدە ئېچىلار بارچەگۈل- چىمەن .
ئالەمچە مىھرىمنى ساڭىلا ئاتاپ ،
ئۆتمەكتە ئاي،يىللار سېغىنىش بىلەن...
تەكلىماكان ئۇزۇن رىۋايەت
ئاھ،قەلبىمدەك بۇلۇتلۇق ئاسمان ،
يىغلاپ بەرمەك بولدۇڭ كىملەرگە؟
ھەسرىتىمدە قارايغان قۇياش ،
مۈكۈۋالدىڭ نىچۈن ،قەيەرگە؟
رەڭسىز خىيال ،چەكسىز سېغىنىش ،
تەكلىماكان ئۇزۇن رىۋايەت .
قارا- قارا ئۇچقۇر پەيلىرىڭ ،
ھىسلىرىمغا توزۇيدۇ لەپ-لەپ .
تامچە بەخت مىھرىنى بەرگەن ،
ئۈمىد بۇلۇپ پارلىغان دۇنيا.
ئۆكسۈپ- ئۆسۈپ يىغلايدۇ يۈرەك ،
چاندۇرماسقا سالىمەن ،ئەمما ...
مەڭگۈلۈك سېغىنىش
ھەر ئاخشام قارايمەن ئۇزاقتىن- ئۇزاق ،
كۆزلىرىڭ يۇلتۇزغا ئوخشامدىكىن يار؟
ئاي نۇرى سىپىلەر قەلبىمدەك مەستخۇش ،
ئەسلەيمەن بىر سىنى تەكرار ھەم تەكرار.
كۈڭۈلنىڭ ئەڭ نازۇك چىمەنلىكىدە ،
بار ساڭا تەئەللۇق گۈزەل سەلتەنەت .
غۇبارسىز يۈرەككە ئۇيۇلغان ئىسمىڭ ،
مەڭگۈلۈك سېغىنىش تۇرغىنى رەت- رەت .
كەلمەيسەن كوچىلار تولغان كۈتۈشكە ،
مىھرىڭدە ياشايمەن يەنە شادىمان .
تەقدىرگەنىمە دەپ يېزىلسۇن تەبىر ،
سەن بەرگەن بەختتىن قىلمىدىم گۇمان .