نۆۋەتتىكى ئورنى:باش بەت >> ئەدەبىي ئەسەرلەر >>
ئەركەكلەر يەنىلا ئۆزىمىزدىن باشلايلى!
يوللىغان ۋاقىت:2010-09-29 11:06:19  يازغۇچى:托木吾斯塘  كىلىش مەنبەسى:ئەل كۇيى  ئاۋاتلىقى:0   [ مەنمۇ ئەسەر يوللايمەن ]
كىچىك | نورمال | چوڭ             

 ئەركەكلەر يەنىلا ئۆزىمىزدىن باشلايلى!

 

ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ! ئەزىز قېرىنداشلار ! ئالدى بىلەن ھەممىڭلەرگە ئاللاھتىن تىنچلىق-خاتىرجەملىك تىلەش بىلەن بىرگە تېنىڭلارنىڭ سالامەت بولۇشىغا تىلەكداشمەن.

قەلەم تەۋرىتىشتىن مەقسەتكە كەلسەك ، قىز-ئاياللىرىمىز توغرىسىدا ئوغۇللىرىمىزغا ئىككى كەلىمە سۆز قىلاي ، دېگەن مۇددىئادىمەن ، كۆپ سۆزلەپ قويسام ئەيىپكە بۇيرىمىغايسىلەر.

قىز-ئاياللىرىمىز دۇنيانىڭ ئانىسى ، كەلگۈسىنىڭ ئانىسى ، مىللەتنىڭ ئانىسى . ئۇلارنى ئاسراش، قوغداش ھەر بىر دىن سۆيەر، مىللەت سۆيەر، ئادىمى غۇرۇرى بولغان كىشىنىڭ مەسئۇلىيىتى.

ئەمما ھازىر قاراپ باقساق ، قىز-ئاياللىرىمىزنىڭ كۆپىنچىسى ئەخلاق جەھەتتە چۈشكۈنلىشىپ ، بۇ رەڭدار دۇنيانىڭ شاۋقۇنلىرىغا مەھلىيا بولۇپ ، ئۆزىدىكى ئىنسانىي غۇرۇر ۋە ئادىمىلىك ئەخلاقىنى يوقىتىپ قويماقتا . . . ھازىر قاراپ باقساق ، مەيلى جەمئىيەتتە بولسۇن ، مەيلى تور بەتلەردە بولسۇن ، بۇ توغرىلىق مۇلاھىزىلەر ناھايىتى كۆپ .

ئەمدى مەقسەتكە كەلسەك ، ھازىر بەزى ئوغۇللىرىمىز ئاشۇ قىزلىرىمىزغا ، ئاياللىرىمىزغا ، توغرىسى ئانىلىرىمىزغا لەنەتلەر ئوقۇپ ، ئۇلارنى ئادەم قاتارىدا سانىمايدۇ . ئەلۋەتتە ، ئۆز تەقدىرىنى ئويلىمىغان مىللەتنىڭ كەلگۈسى بولمايدۇ ، بۇمۇ ئوغۇللىرىمىزنىڭ مىللەت ھەققىدە باش قاتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، ئەمما ئىش بۇنىڭلىق بىلەنلا ھەل بولمايدۇ .

بەزى ئوغۇللىرىمىز شۇنداقكى ، ئۆزىنىڭ قىلغىنى بىلەن كارى يوق تىللاشنىلا بىلىدۇ-يۇ ، ئۇلارنى شۇ يولدىن قايتۇرۇشنى ئويلىمايدۇ ، ئۇنىڭ باسقان قەدىمىگە لەنەتلەر ئوقۇيدۇكى ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ماڭغان ئادەم بىلەن كارى بولمايدۇ .

ئويلاپ باقايلى ، قېرىنداشلار ، ئەجىبا قايسى بىر قىزنىڭ ئاشۇ خاتا يوللاردا ، ئاشۇ پاسكىنا ھەم گۇمراھلىققا تولغان زۇلمەت يوللاردا ئۆزى خالاپ ماڭغۇسى بار ؟ بۇلار نېمە ئۈچۈن ئاشۇ يولدا ماڭىدۇ ؟ ئۇلارنى ئاشۇ يولدا مېڭىشقا مەجبۇرلىغانلار زادى كىملەر ؟ ئۇلار ئاشۇ يولدا زادى كىملەر بىلەن ياندىشىپ ، كىملەرگە ھەمراھ بولۇپ ، توغرىسى كىملەرنىڭ كەينىدىن مېڭىۋاتىدۇ؟ ؟ ؟ بۇنى ئويلايلى قېرىنداشلار !

مەن بۇنداق دېيىش ئارقىلىق «قىزلاردا گۇناھ يوق» دېمەكچى ئەمەس ، ئەلۋەتتە ئۇلارمۇ ئادەم ، ئۇلاردىمۇ ئەقىل ، كاللا بار ، ئۇلارمۇ كىشىلىك تۇرمۇشتىكى يولىنى ئۆزى ماڭىدۇ . مەن دېمەكچى ، بىز سەۋەپلەرنى تەھلىل قىلىپ ، شۇ ئىشلارنى يوقىتىشقا كۈچىمىزنى توغرا ھالدا سەرپ قىلساق .

بىز تىللىدۇق ، «قىزلىرىمىز بۇزۇلۇپ كەتتى، ھايا-ئىپپەتنى يوقاتتى، مىللەتنىڭ يۈزىنى تۆكتى» دەپ، ئەمما يەنە ئويلىمىدۇق ئۇلار بىلەن ئاشۇ يولدا ماڭىدىغانلارنىڭ يەنە شۇ بىزنىڭ «ئەركەك»لىرىمىز ئىكەنلىكىنى.

بىز تىللىدۇق ئاياللىرىمىزنى «ئېرىگە مېھرى يوق، كۆڭۈل بۆلمەيدۇ، ۋاپاسىز...» دېگەندەك سۆزلەر بىلەن، ئەمما ئەرلەر ئويلاپ باقمىدۇق ،  ئۆزىمىز ئۆيىمىزگە بەردۇق قانچىلىق مېھرىمىزنى ؟ ؟ ؟ سىرتتىن ئىزدىدۇق يەنە قانچىلىكىنى؟ ئۆيگە قانچىلىق قىلدۇق ، يەنە ئاللىكىملەرگە قىلغان نەچچىلىكىمىزنى؟ ئۇلارنى تىللىغاندا ئويلاپ باقمىدۇق ئۇلارغا ئۆزىمىزنىڭ قىلغان مۇئامىلىمىزنى. (مەن گەرچە ئۆيلەنمىگەن بولساممۇ بۇ توغورلۇق ۋەزخانلىق قىلىپ قويدۇم ، ئەيىپكە بۇيرىمىغايسىلەر ، قېرىنداشلار )


ئەجىبا ، جەمئىيەتتىكى ئوغۇللىمىز تەرىپىدىن زىيانكەشلىككە ئۇچراپ ، كەلگۈسىنى زۇلمەت باسقان قىزلارنى كۆرمىدۇقمۇ ؟ ئوغۇللىرىمىز تەرىپىدىن ئالدىنىپ ، چەكسىز پۇشايمان ۋە ئازاپ ئىچىدە ياشاۋاتقان قىزلىرىمىزنى كۆرمىدۇقمۇ ؟ ساختىلىقنىڭ قۇربانى بولۇپ ، بىر ئۆمۈر ئاھانەت ئىچىدە ياشىغان قىزلىرىمىزنى كۆرمىدۇقمۇ ؟

شۇڭا مەن دېمەكچى، ھەر بىر ئەركەك ھەربىر قىز-ئاياللىرىمىزغا مەسئۇل بولساق، ئۇلارنى ئاسرىساق، ئۇلارغا كۆيۈنسەك. ھەر بىرىمىز ئۆزىمىزنىڭ ئاتىلىق، ئاكىلىق، ئىنىلىق سالاھىيتىمىز بىلەن ئۇلارغا قارىساق، ئۇلارنى سۆيسەك، ئۇلارغا ھەقىقى مېھرىمىزنى، چىن سۆيگۈمىزنى، ساپ ئەقىدىمىزنى بەرسەك.

يەنە بەلكىم دېيىشەرسىلەر ، «ئۆزۈڭمۇ قۇرۇق گەپ سېتىۋاتىسەنغۇ؟» دەپ، توغرا، مەن قۇرۇق گەپ ساتتىم، قولۇمدىن كەلگىنىنى قىلدىم، قىلالمىغىنىمغا مۇشۇنداق تەۋسىيە ۋە ياردەملەر بىلەن يېقىنلىشىۋاتىمەن ، قېرىنداشلار !

«كىمكى بىرەر يامان ئىشنى كۆرسە، شۇ ئىشنى سۆز-ھەركىتى بىلەن، قولى بىلەن توسىسۇن، ئۇنىڭغا قادىر بولالمىسا ، ئېغىزى بىلەن، سۆزى بىلەن توسىسۇن، ئەگەر شۇنىڭغىمۇ قادىر بولالمىسا ، شۇ يامان ئىشقا كۆڭلىدە بولسىمۇ نارازى بولسۇن، بۇ ئىماننىڭ ئەڭ زەئىپىدۇر»، ئاللاھ بىزگە ئەڭ كۈچلۈك ئىمان ئاتا قىلسۇن ، قېرىنداشلار، ئىمانى ئەڭ زەئىپ كىشىلەردىن بولۇپ قالمىغايمىز.

«كىمكى زەررىچىلىك ياخشى ئىش قىلىدىكەن ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى كۆرىدۇ، كىمكى زەررىچىلىك يامان ئىش قىلىدىكەن شۇنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ (سۈرە زەلزەلە 7-، 8-ئايەتلەر)»، شۇڭا مىللىتىمىز ئۈچۈن، كەلگۈسىمىز ئۈچۈن، دىنىمىز ئۈچۈن ھەر بىرىمىز ئۆزىمىزگە، قىز-ئاياللىرىمىزغا مەسئۇل بولايلى ، قېرىنداشلار. «ئاراڭلاردا بىر-بىرىڭلارنى ياخشىلىققا دەۋەت قىلىدىغان بىر جامائە بولسۇن، پەقەت شۇلارلا مەقسىدىگە يەتكۈچىلەردۇر».

ئاخىرىدا ، كۆپ سۆزلەپ قويغان بولسام ئەپۇ سورايمەن، خاتالىقلىرىم بولسا كۆرسىتىپ بېرىشىڭلەرنى، مۇلاھىزىلىرىمدە يوچۇق بولسا ياردەم قولۇڭلارنى سۇنۇشۇڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن، ئاللاھ ھەر بىرىمىزگە ئىنساپ-ھىدايەت ئاتا قىلغاي.
يەنە بىر گەپ، مەن بۇ تىمىنى ئۇچقۇن مۇنبىرىگىمۇ يازغان، ھەق گەپ كونىرىماس، شۇڭا بۇ يەردىمۇ دەۋەردىم، رەنجىمىگەيسىلەر. 
  

تورداش << 托木吾斯塘>> نىڭ باشقا تور ئەسەرلىرى
تېخىمۇ كۆپ ئەسەرلىرىنى كۆرمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى بېسىڭ
تور بېكەت ھەققىدە | شىركەت ھەققىدە | خېرىدارلىرىمىز | ھەمكارلىشىڭ | ئېلان بىرىڭ | ئالاقىلىشىڭ | پىكىر بىرىڭ
Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备09005194号 增值电信业务经营许可证 新B2-20050027号
ئالاقىلىشىش تېلېفۇن: 15999163133 ، 18999105493
互联网电子公告(BBS)服务资质       移动网信息服务业务资质
!تور بېكتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق فىلىم ۋە ناخشا مۇزىكىلار ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان، ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغان دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ