ھۆرمەتلىك تورداشلار ياخشىمۇسىلەر! سىلەر بىلەن تور يۈزىدە سىردىشالىغىنىمدىن بەك خۇرسەنمەن، بۇ منىڭ تۈنجى قىتم بۇ سەھېپىگە قەلەم تەۋرىتىشىىم چۈنىكى مەن يقىندا ئاجراشماقچى، سەۋەپ بىزنىڭ ئارىمىزغا 3-سەخىش قۇشۇلۇش تۇپەيلى يولدۇشۇم يىرىم يولدا تونۇشقان ئاشۇ بىر قىز ئۇچۇن ئۆزنىڭ بەختىلىك ئائىلىىسىنى ۋەيران قلىپ ئەمىدىلا 2ياشقا توشقان سەبى ئۇماق قىزىنى يىتىم قىلىپ، بەخت گۈلۈمىزنى توزىتۋەتىتى .بىز بىر يىل مۇھەببەتلىشىپ ھەرخىل قىينچىلىققلارغا بەرداشلىق بىرىپ، توسالغۇلارغا قارشىى تۇرۇپ بەكمۇ تەستە ئاددىلام توي قىلغان ئىدۇق ،توي قىلىپ 1يىرىىم يل شۇنداق بەختىلىك ئۆتتۇق، كېين قىزىم تۇغۇلۇپ 8ئايلىق بولغاندا ئۇنىڭدىكى غەيرى ئالامەتلەر مىنى ئەنسىرىتىپ قويدى ، مەن ئۆز-ئۆزۇمگە ئۇنداق ئەمەس بىزقىينچلىق شارائىتا توي قلغان ئۇ ئۇنداق قىلمايدۇ دەپ ئۇزۇمگە پىچىرلاپ كەلدىىم، لىكىن ئۇنېڭ ئىشلىرى بارغانسىرى ئەدەشكە باشلىدى ،مەندىن ھەدىسلا قۇسۇر ئىزدەيدىىغان ئۇرۇنسىز تىللايدىغان ،ئويگە كەچ كىلىدىغان، قول تىلفۇنى بىر ئىۋالسا نەچچە سائەتلەپ سۆزلىشىىدىىغان، قىشىدا منىڭ بارلىغۇممۇ ئۇنىڭ خيالىغا كىرىپ چىقمىدى، ھەتتا بىز ئوخلاۋاتقان يىرىم كچىدە تېلفۇن كەلسمۇ تىلفۇننى ئىلپ تالاغا چقىپ گايى قايىتپ كلىدۇ گايىدا شۇ تىلفۇنى ئالغانچە ئەتىسى پەيدا بولىدۇ، مۇشۇنداق قلىپ تۇرمۇشىمىز ئاستۇن ئۇستۇن بۇلۇپ كەتتى. مەن پەقەت چىداپ بولالماي ئۇنىىڭغا بالمىزنى يىتىم قلىمايلى، بىزنىڭ مۇخەبىتىمىزنى قەدىرلەيلى، ئۇنېڭىدىن يىراق تۇرۇڭ دەپ ينىش-يىىنىشلاپ يالۋۇرۇپ يىغلاپ كەتتىم، لىكېن ئۇ گىپىمغا قۇلاق سالمىدى ،كين ئۇخسام ئۇ قىز ئۇزنىڭ مۇقۇم خىزمىتى بار 50مىڭ يۇۋەن نەخ پۇلى بار ناخايتىمۇ پۇلدار قىزكەن، ئۇ يولدۇشۇم بىلەن تۇنۇشقاندىن باشلاپ ئۇنى غايىۋى بىردونيا باشلاپ كىرىپتۇ ،(ئەسلىدە يولدۇشۇم ئىككىمىز مەلۇم ئىدارىدا ۋاقتلىق ئشىلەيدىغان خىزمەتچى ئىدۇق. ئىككمزبىرئايدا2000يۇئەنگە ئىشلەيتۇق بۇ پۇل بىز ئۈچ جانغا يىتەتتى،لكىن يولدۇشۇم ئۇ قىزبىلەن تۇنۇشقاندىن باشلاپ يەتمەس بولۇپ كەتتى) منىى ھەدىسلا ختىڭىنى ئال ئاجىرىشپ كىتەيلى ، مەن ئېمتاھان بىرىىپ رەسىمى دولەت مەمۇرى بولۇپ، مۇقۇم خىزمتى بار خوتۇن ئالىمەن، بالىنى باققىڭ بولمىسا ئۈزۇم باقىمەن بولمىسا ئۇزۇڭ باق، ئايلىق خىراجىتىگە 100 يۇەن بىرىمەن ئۇنىڭدىن جىق بىرەلمەيمەن دەپ ماڭغا بەك سەت تللار بىلەن ھاقارەت قلىپ خورلىدى مەن يولدۇشۇمنى ياخشىى كۇرگەچكە ئاجراشقىلى ماقۇل بولمىدىم ھەم بالامنى يتىم قلمايمەن ئۇنېڭ ئۇستىگە بالا قىز دادىنىڭ تەربىسيىگە موختاج ئۇنداق قلىماڭ دەپ ئۇنىڭغا بىرمۇنچە گەپلەرنى قىلدىم لىكن ئۇ قۇلاق سالمدى ،كين ئوقسام يولدۇشۇم ئارلاشقان قىز مەلۇم يىزا مەكتىپىدە ئۇقۇتقۇچى ئىكەن ،ئۇ قىزمەلۇم شەھەردىن بۇيەرگە كىلپ خىزمەت قلىدىكەن يولدۇشۇمنڭ تورئالاقىسىدا ئىختىدارى بولغاچقا بولار مۇشۇنداق تۇنۇشۇپىتكەن ئائىلىمىز مۇشۇ قىز سەۋەبىدىن ھەم يولدۇشۇمنىڭ ئابرۇي پەرسلىىكى ،پۇل پەرسلىكى يىچكىمنى كۆزگە ئىلماسلىقتەك مەغرۇرلىقى تۇپەيلى گۇدەك قىزىم بەختىلىك ئائىلەم ۋەيران بولدى مەن مۇشۇ ئائىلنى ساقلاپ قلىش توغۇرسىدا كۇرسەتمىگەم قۇربانلىقلىرىم قالمدى 1يل بۇنىڭ بىلەن ئۆي تۇتىمەن دەپ جاپالىق تىركەشتىم لكىن ئۇ كۇڭۈلنىڭ كەينىگە كىرىپ كەتكەن بولغاچقا تىرشىچانلىىقلىرىم بىكارغا كەتتى ئۇ ماڭغا نۇرغۇن قىتىم قاتتىق يومشاق ۋاستىلەرنى ئشىلىتپ باقىتى لكىن مەن ئۇنىڭ ئاجىرىش تەلىپىگە يەنىلا قۇشۇلمىدىم شۇنڭ بىلەن ئۇ منى قاتىتىق ئۇرۋەتتى مەن يەنلام قۇشۇلمىدىم ئۇئاخىر بولالماي سوت مەھكىمىىسگە ئۇستۇمدىن بىر مۇنچە شكايەت توقۇپ ماڭغا تۆخمەت چاپلاپ ئايالىم توردا ئەرلەر بىلەن قويۇق مۇناسۋەتتە بولدى دەپ ئەرىز سۇندى ،مەن سوتتا يولدۇشۇمنىڭ دىگەنلىرىنى پۇتۇنلەي خاتا يالغان گەپلەر دەپ رەت قىلۋەتىتىم مىنڭ خىزىمتىم بەزى ماتېرياللار تورئارقلىق يوللىناتتى لىكىن ئۇ مۇشۇنى بلىپ تۇرۇپ ماڭغا قارا يوقتۇردى ،ئۇنىڭ منى قارلاپ قلىغان ھەربىر گەپلىرى يۇرۈكۇمنى ئىزۋەتتى ،شۇنىڭ بىلەن مەن يەنە شۇ ھاقارەتتنى ئاڭلاپ تۇرساممۇ ئاشۇ بىچارە ناتۋان قىزىمىنى ئويلاپ مۇرەسسگە قۇشۇلماي تۇرۋالغاچغا سوتتكىلەريەنە ئارقىغا سورۋەتىتى ناۋادا كسىم ئىلان قلسا مەن مەجبۇريەت ئاسىتىدائاجرىشىمەن ، لكىن بىزغۇ ئاجىرشامىز ئاشۇ قىزىم كيىن قانداقمۇ قىلار ئەقلىگە كەلگەن چاغىدا دادسنىڭ باشقا ئايال ئۇچۇن ئوينى بوزغانلىقىنى ئۇخىسا قەلبى قانچلىك ئازاپلنىپ كىتەر ئىسىت بىچارە قىزىم سىزنى بۇ دۇنياغا ئاپىردە قلىپ قويۇپ مەسئۇلىيىتىمىزنى بۇرچىمىىزنى ئادا قىلالمىدۇق بىزنى كەچۈرۇڭ .ئاخىردا دەيدىغىنىم ئاللا ئەرلىرىمىزنىڭ كوڭلىگە ئىنساپ ئاتا قلغاي.
تورداشلار كەچۇرۇڭلار ۋاختڭلارنىى بەك ئلىپ قۇيدۇم بۇلارنىڭ ھەممسىىى راس ئىشلار!