رۇبائى
نەۋ باھار پەسلىدەك ئۆسمۈر چىغىڭ بار ،
ياز پەسلى گۈللەنگەن ياشلىق بىغىڭ بار .
كۈز كېتىپ قىش كەلسە ئۇنۇتما دوستۇم ،
ھەسرەتتە تۆكۈلگەن ئاچچىق يىشىڭ بار .
ئەل قەلبى رايىدىن گۆھەر قازغىنىڭ ،
ئىنسانلىق بابىدا كامال تاپقىنىڭ .
سۆز بىلەن ھەركىتىڭ بولمىسا ئوخشاش ،
گۆھەرنى تاش بىلەن ئۇرۇپ-چاققىنىڭ .
بىر قاراپ كۈلكەڭدىن بەختىڭنى كۆردۈم ،
دوسىتلارغا ئاتاشتەك قەلبىڭنى كۆردۈم.
كۈلكىمۇ ھەمىشە بولماسكەن ئوخشاش ،
ئۇنىڭدىن بەزىدە ئەسلىڭنى كۆردۈم .