بىر ئادەمنىڭ بىر- بىرىدىن ئوماق، كېلىشكەن ئۈچ ئوغلى بار ئىكەندە، بۇلارنىڭ بىرىنىڭ ئىسمى نېمە كارىڭ يەنە بىرىنىڭ ئىسمى نېمە چاتىقىڭ يەنە بىرىنىڭ ئىسمى بولسا ئەدەب- ئەخلاق ئىكەن. بىر كۈنى بۇلاردىن ئىككى ئوغۇل بازارغا چىقىپ، نەق نەزەرجانغا يولۇقۇپ قاپتۇ. نەزەرجاننىڭ بۇلارغا كۆزى چۈشۈپ ئىچىدە مېنىڭمۇ مۇشۇنداق چىرايلىق بالىلىرىم بولسا- ھە! دەپ ئويلاپتۇ ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىر بالىدىن مۇنداق سوراپتۇ:
_ ھە، بالام ئىسمىڭ نېمە سېنىڭ؟
_ نېمە كارىڭ.
بۇنى ئاڭلىغان نەزەرجان سەل خاپا بولۇپ يەنە بىرىدىن سوراپتۇ:
_ بالام، سېنىڭ ئىسمىڭ نېمە؟
_ نېمە چاتىقىڭ.
بۇ چاغدا نەزەرجاننىڭ خېلى ئاچچىقى كەپتۇ ۋە:
_ ھەي، سىلەردە ئەدەب- ئەخلاق دەيدىغان نەرسە يوقما؟_ دەپ سورىغانىكەن، بۇ ئىككى بالا تەڭلا:
_ ئۇ ئۆيدە قالدى،_ دەپ جاۋاب بېرىپتۇ.