لى لىيەنجيې 1963-يىلى بېيجىڭدا تۇغۇلغان.11 يىشىدا چامباشچىلىق مۇسابىقىسىدە تۇنجى قىتىم چىمپىيون بولغان ھەمدە مۇقىم مائاشقا ئېرىشىپ، ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ يۈكىنى يىنىكلەتكەن . 1982-يىلى ئۇ ھىكايە فىلىم «شىياۋلىن ئىبادەتخانسى» دا رول ئىلىپ زور ئۇتۇققا ئېرىشكەن ۋە بىراقلا داڭ قازانغان. 1988-يىلى ئامېرىكىغا بېرىپ ئولتۇراقلىشىپ، سەنئەت ھاياتىنىڭ يىڭى مۇساپىسىنى باشلىغان ۋە كەينى-كەينىدىن ئىككى چامباشچىلىق فىلىمىدە رول ئالغان.
ئۇ شەرىقلىقلەرگە خاس خاراكتىرنى ساقلاپ قالغان بۇلۇپ، تەمكىن، قەيسەر، ئۆزىگە ئىشىندۇ. ئۇ ئۆزىگە جۇڭگونىڭ ئۇزاق تارىخقا ئىگە چامباشچىلىق مەزمونلىرىنى سىڭدۈرگەن داڭلىق جانباز، شۇنداقلا خەلىقئارالىق كىنو چولپىنى بۇلۇش سۈپىتى بىلەن جۇڭگو چامباشچىلىقىنىڭ روھى ۋە سىمىۋولىغا ئايلاندى.