دوستۇم ! دانالار ئىيىتقانكى:«ئەقىلسىز دوسىتتىن ،ئەقىللىق دۈشمەن ياخشى » چۈنكى ،ئەقىلسىز دوسىتتىن زىيان يىتىش ئىھتىمالى بار .ئەقىللىق دۈشمەندىن پايدا يىتىش ئىھتىمالى بار .
دوستۇم ! دۇنيادا ھېچ كىشىنى ئەيىپسىز دەپ قىياس قىلماڭ ۋە بىلىمسىز ، ھۈنەرسىز كىشىلەرنى دوسىت تۇتماڭ . چۈنكى ، ھۈنەرسىز ئادەمدىن ياخشىلىق كەلمەيدۇ .
شاراپ سورۇنىدا سىز بىلەن شاراپ ئىچكەنلەرنىڭ ھەممىسىنى قارا قويۇق دوستۇم دەپ ھىساپلىماڭ . ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ھاراق _ شاراپ دوسىتلىرىدۇر .
يالغۇزلۇقنى يامان ئادەم بىلەن ھەمسۆھبەت بولغاندىن ئەلا بىلىڭ . يامان ئادەملەر بىلەن ھەمسۆھبەت بولۇشتىن يالغۇزلۇق ياخشى .
ياخشى دوسىتنىڭ ئالامەتلىرى شۇكى ، دوستىدىن ھىچ نەرسىسىنى ئايىمايدۇ . دوستىنىڭ قولى قىسقا بولۇپ ،ئۇنىڭدىن ياخشىلىق كۆرمىسىمۇ يۈز ئۆرۈمەيدۇ . دوستى ۋاپات بولغاندا ، دوستىنىڭ بالا _ چاقىلىرىغا ، تۇققانلىرىغا ياخشىلىق قىلىدۇ . قەبرىگە بىرىپ خۇدادىن مەغپىرەت ۋە رەھمەت تىلەيدۇ ، دوستىنىڭ روھىغا دۇئا قىلىدۇ.
دوستۇم ! دوسىتلىرىڭىزنىڭ كۆپلڭگىگە قاراپ ئۇنىڭدىن بىپەرۋا بولماڭ .1000 دوستىڭىز بولسىمۇ ،ئۆزىڭىزنى _ ئۆزىڭىز سۆيگەندىن ئارتۇق سۆيمەيدۇ .
دوستۇم ،راھەت _ پاراغەت ۋە مىھنەت ، يوقسۇللۇق ۋاقىتلىرىدا دوسۇتلۇقنى بۇزمىغان دوسىت ھەقىقى دوسىتتۇر . مۇنداق دوسىت بەك ئاز تىپىلىدۇ ... سىزنىڭ بىشىڭىزغا ئىغىر كۈنلەر كىلىپ ،بالا ۋە مىھنەتكە دۇچار بولغاندا ، سىزدىن قىچىپ دۈشمىنىڭىزگە دوسىت بولغان ئادەم سىزگە دوسىت ئەمەس ...
دوستۇم ،دوسىتلىرىڭىزدىن كۆڭلىڭىز ئاغرىغان ۋاقىتلاردىمۇ ، بۇرۇنقى خۇشاللىق ۋاقىتلاردىكىدەك مۇئامىلە قىلىڭ ...دوستىڭىزغا ھەرگىز سىرىڭىزنى بىلدۈرمەڭ . چۈنكى ، ئاراڭلاردا ئىتتىپاقسىزلىق پەيدا بولسا سىزگە زىيانكەشلىك قىلىدۇ ، بۇ چاغدا پۇشايمان پايدا قىلمايدۇ .
دوستۇم ، يوقسۇل بولسىڭىز، بايلار بىلەن دوسىت بولماڭ . كەمبىغەل بىلەن ھىچ كىشى دوسىت بولمايدۇ . خۇسۇسەن بايلار كەمبىغەل بىلەن دوسىت بولمايدۇ . ھەر قاچان ئۆز دەرىجىڭىز ، ئۆز مەرتىۋىڭىزدىكى ئادەملەر بىلەن دوسىت بولۇڭ . ئەمما ، سىز باي بولسىڭىز ، كەمبىغەل ، يوقسۇللار بىلەن دوسىت بولسىڭىز بۇ ئېسىل پەزىلەتتۇر ...
دوستۇم ، ئەگەر كىشىلەر بىلەن دوسىت بولسىڭىز ،دوسىتلىققا رۇئايە قىلىڭ . شۇندىلا دوستىڭىزمۇ دوسىتلۇق بۇرچىنى ئادا قىلىدۇ .
دوسىتلىرىڭىزغا نىسبىتەن كۆڭلىڭىزنى راسىت تۇتۇپ ،ئاق كۆڭۈل بولۈڭ . ئەگەر راستىنلا ئاشۇنداق قىلالىسىڭىزلا ، ھەممە ئىشلىرىڭىزنىڭ ئاقىۋىتى ياخشى بولىدۇ ...
دوستۇم ، ئەگەر دوستىڭىز ھەققىدە سىزدىن گۇناھ ئۆتمەي ، ئۇ سىزدىن كۆڭۈل ئۈزسە ، ئۇنىڭغا ئۆزۈر ئىيتىشقا ئالدىرماڭ . سىزدىن سەۋەپسىز كۆڭۈل ئۈزگەن كىشى دوسىتلىققا يارىمايدۇ . سىزدىن پايدا ئۈمىد قىلىپ دوسىت بولغان ئادەم بىلەن دوسىت بولماڭ ...