نۆۋەتتىكى ئورنى:باش بەت >> بۈگۈنكى دۇنيا >>
ئالەمدىكى ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغان ئون چوڭ ئىش
يوللىغان ۋاقىت:2010-07-12 12:10:00  يازغۇچى:ۋېنرا  كىلىش مەنبەسى:www.kayinat.com  ئاۋاتلىقى:0   [ مەنمۇ ئەسەر يوللايمەن ]
كىچىك | نورمال | چوڭ             
 

غەرىپ گېزىتى: ئالەمدىكى ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغان ئون چوڭ ئىش

ئىسپانىيەدىكى «سىفىر گېزىتى» 6-ئاينىڭ 30-كۈنى ماقالىسى، ئەسلى تېمىسى: ئالەمدىكى بىز بىلىپ بولغان كىشىنى چۆچۈتىدىغان 11ئىش. (ئاپتورى: ماركۇس جوئىن) گە ئاساسەن يېزىلدى.

بىز ھازىر كۆرۈۋاتقان يۇرۇقلۇق 30مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە، بىر ئاتوم ئوخشاش ۋاقىتتا ئىككى ئۇرۇندا پەيدا بولىدۇ، يەنە بىرى بەلكىم ئالىملارنىڭ تىگىگە يەتكىلى بولمايدىغان نەزەرىيە ئاتالغۇسى-پارالېل ئالەمدە مەۋجۇت بولىشى مۇمكىن، ئۇ يەردە بىز ۋە سىزنىڭ كۆپەيتلگەن نۇسخىمىز بار دېگەن تۇيغۇغا كەلتۈرىدۇ. گەرچە بىزنىڭ ئالەم ھەققىدە بىلىدىغانلىرىمىز تارىختىكى ھەر قانداق ۋاقىتدىكىدىن كۆپ بولسىمۇ، بىراق بىز پەقەت %2گىمۇ يەتمىگەن ئالەمنى كۆرەلىدۇق. تۆۋەندىكىلىرى ئالەمدىكى بىز ھازىر بىلىپ بولغان ئادەمنى ئەڭ ھەيران قالدۇرىدىغان 10 ئىش.

1. پۈتكۈل ئىنسانىيەتنى بىر دانە چاقماق قەننىڭ ئىچىگە سىغدۇرۋەتكىلى بولىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى ماددىنىڭ ئىچكى قىسمىدا تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز دەرىجىدىكى بوشلۇق بولغانلىقدا. ئاتوم ماددىنىڭ ئاساسىي تەركىبىي قىسىملىرىنىڭ بىرى. قۇياش سېستىمىسىغا ئوخشاشلا ئاتومنىڭ ئىچكى قىسىمىدا ئىلىكتىرون ئىنتايىن كىچىك بولغان بىر ئاتوم يادىروسىنى ئايلىنىپ ھەرىكەت قىلىدۇ. بۇ ئەگەر بىز پۈتكۈل ئالەمدىكى بارلىق ئاتومنىڭ ئىچىكى قىسمىدىكى بوشلۇقنى پىرىسلىساق، پۈتكۈل ئىنسانلارنىڭ پەقت بىر دانە چاقماق قەنچىلىك چوڭلۇقتا بولۇپ قالىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. چۈنكى بىزنىڭ %99.9 ىمىز بوشلۇقتىن ئىبارەت.

2. قۇياش باناندىن شەكىللەنگەن بولسىمۇ ئوخشاشلا ئىسسىق بولغان بولاتتى. قۇياش مەركىزىنىڭ ماسسىسى ئىنتايىن چوڭ بولغانلىقتىن، تېمپۇراتورسى 15مىليۇن سېلسىيە گىرادۇستىن يۇقىرى بولىدۇ. بۇنداق تېمپۇراتۇرا شارائىتىدا ھەر قانداق ماددا پىلازما ھالىتىگە ئايلىنىپ قالىدۇ. شۇڭا قۇياشنىڭ قانداق ماددىدىن تۈزۈلگەنلىكى مۇھىم ئەمەس. ئوخشاش ماسسىدىكى ھەر قانداق ماددىلار بىر يەرگە يىغىلغاندىمۇ مۇشۇنداق تېمپۇراتۇرىغا يىتەلەيدۇ. ئەگەر بىز تىرىليۇنلىغان بانانلارنى بىر يەرگە يىغساق، قۇياشنىڭ تېمپۇراتورسىدەك تېمپۇراتۇرىغا يەتكۈزگىلى بولىدۇ.

3. %96 ئالەم كۆرۈنمەيدۇ. ئىنسانلار، يەر شارى، سەييارىلەر ۋە تۇرغۇن يۇلتۇزلارنى تەشكىل قىلىدىغان ماددىلار ئالەمنىڭ پەقەت %4ىنى ئىگەللەيدۇ. بىز چۈشەنگەن ماددا ئالەم ماسسىسىنىڭ پەقەت يېرىمىنىلا ئىگەللەيدۇ. ئالەمنىڭ %23ى كۆرگىلى بولمايدىغان غۇۋا ماددىدىن تەشكىل تاپقان. بىز غۇۋا ماددىنىڭ مەۋجۇتلىغىنى ئۇنىڭ تارتىش كۈچىنىڭ تۇرغۇن يۇلتۇزنى سوزىۋېتەلەيدىغانلىقى سەۋەبىدىن ئىكەنلىكىنى بىلىمىز. يەنە ئالەمنىڭ %73 ى غۇۋا ئىنىرگىيەدىن تەشكىل تاپقان. غۇۋا ئېنىرگىيە 1998-يىلى بۇ خىل ماددىنىڭ پۈتكۈل ئالەمنى قاپلىغانلىقى ۋە تېپىشش كۈچىنى ئۆز ئىىچگە ئالغانلىقىدىن بايقالغان. ئەگەر سىز ئالەمنىڭ كۆرۈنمەيۋاتقان %96 نى بايقىيالىسىڭىز، نوبىل مۇكاپاتى سىزنى كۈتۈپ تۇرىدۇ.

4. بىز ھازىر كۆرۈۋاتقان يۇرۇقلۇق 30مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە. قۇياشنىڭ زىچلىقى ئىنتايىن چوڭ. بۇ ئىچكى قىسىمدىكى يادرونىڭ پارتىلىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان يۇرۇقلۇقنى يېشىپ چىقىرىش ئىنتايىن قىين. ئەگەر توسقۇنلۇق كۈچى بولمىسا يۇرۇقلۇق بىر قانچە سېكونىت ئىچىدە يەر شارىغا يېتىپ كېلەلەيدۇ. بىراق مۇرەككەپ بولغان بۇ جەريان ئۈچۈن 30مىڭ يىل كېتىدۇ. باشقىچە قىلىپ ئېيىتقاندا، بىز ھازىر قۇبۇل قىلىۋاتقان يۇرۇقلۇق ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق مۇز ئېراسىدا شەكىللەنگەن.

5. تۇرمۇشتا بىرىنچى قەۋەتتىكى ئادەمنىڭ قېرىش سۈرئىتى بەشىنچى قەۋەتتىكى ئادەمدىن ئاستا بولىدۇ. ئېينىشتىيىننىڭ نەزەرىيىسى تارتىش كۈچى كۈچلۈك بولغانسېرى ۋاقىت ئاستا بولىدۇ دەپ قارايدۇ. بىرىنچى قەۋەتنىڭ يەر بىلەن بولغان ئارلىقى بەشىنچى قەۋەتتىن يېقىن بولغانلىقى ئۈچۈن، تارتىش كۈچى كۈچلۈكرەك بولىدۇ، ئادەمنىڭ قېرىش سۈرئىتىمۇ ئاستىراق بولىدۇ. ئەلۋەتتە، بۇ ئېففىكىت ئىنتايىن كىچىك.

6. سىزنىڭ تېلۋۇزۇرىڭىز قۇبۇل قىلغان ئىلىكتىر دولقۇنى ئىچىدىكى %1ى ئالەمنىڭ چوڭ پارتىلىشىدىن بىۋاستە كەلگەن. ئالەمنىڭ كېلىش مەنبەسىمۇ ئوت شارىغا ئوخشاش چوڭ پارتىلاشتىن كەلگەن. ئېيتىلىشچە، بۇ ئوت شارى ئالەمنى تولۇق قاپلىغان. بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە چوڭ پارتىلاش يەنىلا بىزنىڭ ئەتىراپىمىزدا مەۋجۇت. بىراق ئالەمنىڭ 13مىليارد 700مىليۇن يىلدىن بويانقى كېڭىيىشى سەۋەبىدىن، چوڭ پارتىلاشتىن كېيىنكى ئالەم ئاللىبۇرۇن سوۋۇپ كەتتى، ھازىر ئۇنىڭ قالدۇقلىرى كۆرگىلى بولىدىغان يۇرۇقلۇق ئەمەس، بەلكى مىكرو دولقۇن بولۇپ، خۇددى تېلۋۇزۇر ئارقىلىق نورمال قۇبۇل قىلىنغىنىغا ئوخشاش.

7. خۇددى سىز بىرلا ۋاقىتتا مادىرىد ۋە بارسىلونا كوماندىسىدا پەيدا بولغاندەك، بىر دانە ئاتوم ئوخشاش ۋاقىتتا ئوخشاش بولمىغان ئىككى ئورۇنغا جايلاشقان. بۇ ئەمەلىيەت بولۇپلا قالماستىن بەلكى يەنە تەجىربىخانىدا ھەتتا بىر ئاتومىڭ ئوخشاش ۋاقىتتا ئىككى ئورۇنغا جايلاشقانلىقنى كۆزەتكىلى بولىدۇ ياكى ھېچبولمىغاندىمۇ مۇشۇ نەتجىنى تەكشۈرۈپ چىقىشقا بولىدۇ. ھازىر دۇنيادا مەخسۇس ئاتومنىڭ مۇشۇ خىل ئىقتىدارىنى ئاچىدىغان كەسىپ بار.

8. ئالەمنىڭ بىر مىليۇن دانە ئۇچۇرىنى GB 1 چوڭلۇقتىكى فىلەش سىغىمىغا سىغدۇرغىلى بولىدۇ. چۈنكى ئالەمنىڭ ئۆلچەملىك مودىلىغا ئاساسلانغاندا، ئالەم بىر ئەڭ كىچىك بوشلۇقنىڭ كېڭىيىشىدىن ھاسىل بولغان.

9. بىز ھەر قېىم نەپەس ئالغىنىمىزدا، مەۋرىلىن مورىنو سۈمۈرگەن ئاتومنى سۈمۈرەلەيمىز. بۇنىڭ سەۋەبى ئاتومنىڭ ئىنايىن كىچىك بولغانلىقىدىن بولۇپ، بىر بەت قەغەزنىڭ قېلىنلىقىنى تولدۇرۇشتا ئاز دېگەندىمۇ بىر مىليۇن دانە ئاتوم كېتىدۇ. مەۋرىلىن مورىنو سۈمۈرگەن ئاتوم پۈتكۈل گاز قاتلىمىنى قاپلاشقا يېتىدۇ. شۇڭا بىز ھەر بىر قېتىم نەپەسلەنگىنىمىزدە ئۇ ياكى سېرۋانتىس ۋەياكى مەلۇم بىر دىنوزاۋۇر ئىلگىرى سۈمۈرگەن ئاتومنى سۈمۈرىمىز.

10. ئالەمنىڭ سىرتىدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان سىزنىڭ سانسىزلىغان كۆپەيتىلگەن نۇسخىلىرىڭىز ھازىر ئوخشاش بىر ماقالىنىڭ سان-ساناقسىز ۋاريانىتلىرىدا ئوقۇلماقتا. بۇ ئالىملار سىزگە بىلدۈرۈشنى خالىمىغان بىر كىچىك سىر. چۈنىكى، بۇ ئۇلارغا نىسبەتەنمۇ بىر قاراڭغۇ مەسىلە. كىۋانىت نەزەرىيىسىنىڭ ئۆلچەملىك مودىلىغا ئاساسەن بىرىكتۈرۈلگەن ئالەمنىڭ ئۆلچەملىك مودىلى بەلكىم بىزنىڭ ئالەم بىلەن پاراللىل بولغان چەكسىز مىقداردىكى ئالەم مەۋجۇت بولىشى مۇمكىن. بەلكىم مەلۇم بىر نەزەرىيە بىزنىڭ ھازىرقى ئالەمگە بولغان قارىشىمىز ۋە كىۋانىت نەزەرىيىسىنىڭ خاتالىقنى ، پارالېل ئالەمدە بىزنىڭ سان-ساناقسىز كۆپەيتىلمە نۇسخىمىزنىڭ بارلىقىنى ئىسپاتلاپ چىقىشى مۇمكىن.

مەنبە: كائىنات تورى

تورداش << ۋېنرا>> نىڭ باشقا تور ئەسەرلىرى
تېخىمۇ كۆپ ئەسەرلىرىنى كۆرمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى بېسىڭ
تور بېكەت ھەققىدە | شىركەت ھەققىدە | خېرىدارلىرىمىز | ھەمكارلىشىڭ | ئېلان بىرىڭ | ئالاقىلىشىڭ | پىكىر بىرىڭ
Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备09005194号 增值电信业务经营许可证 新B2-20050027号
ئالاقىلىشىش تېلېفۇن: 15999163133 ، 18999105493
互联网电子公告(BBS)服务资质       移动网信息服务业务资质
!تور بېكتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق فىلىم ۋە ناخشا مۇزىكىلار ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان، ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغان دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ