تۇڭگان يىغلىقى دىگەن ئاتالغۇنى چۇشۇنىشىنى خالامسىز؟
1911-يىلى12-ئايداسۇن جۇڭشەن مەنچىڭ ھاكىمىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلدى.جۇڭگۇدا ‹‹جۇڭخۇا مىنگۇ››ھۆكۇمىتى قۇرۇلدى،1912-يىلدىن1932-يىلغىچە يىڭساردا ھىچقانداق ئۇرۇش مالمانچلىقى يۇز بەرمىدى.1931-يىلىدىن1933-يىلغىچە شىنجاڭدا جىن شۇرىن ئەكسىيەتچى ھۆكۇمىتىگە قارشى قۇمۇل تۇرپاندا دىھقانلار قۇزغىلڭى پارتىلدى. مىللتارىس شىڭ شىسەي ئۇتتۇرىغا چىقىپ،دىھقانلار قۇزغىلڭنى باستۇرۇپ،ھاكىميەتنى قۇلغا ئالدى.1933-يىلى4-ئاينىڭ12-كۇنى شىڭ شىسەي ھۆكۇمىتى قۇرۇلدى.شىنىڭدىن كىيىن شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا جۇملدىن يىڭساردىمۇ شىڭ شىسەي،ماجۇڭيىڭغا قارشى ئۇرۇش يۇش باردى.
بۇ مەزگىلدە غۇجنىياز ھاجىمنىڭقۇمۇل-تارپان قۇزغىلاڭچى قىسىمىدىن ئەمەت تۇۋەنجاڭ(كۇچاردىن)ھەربى باشلىق بولدى.بۇ مەزگىلدە قەشقەر يىڭساردا ھەربىي تۇقۇنۇشلار ئۇزلۇكسىز داۋام قىلدى.
1934-يىلى ئەتىياز پەسلدە خۇتەن قۇزغىلاڭچى قۇشۇنلىرىدىن650نەپەر كىشى قەشقەرگە كىلىپ ئۇرۇشقا قاتناشتى.بۇ قۇشۇنغا ئىمىر ساھىب باشچلىق قىلدى.ئىمىر ساھىب(نۇر ئەخمەت مەختۇم)باشچىلىقدىكى قۇشۇن يىڭسارغا چىكىنىپ،ماجەنساڭ قۇشۇنلىرىنىڭ خۇتەنگە چىكىنىش يۇلنى يىڭساردا تۇسماقىچى بولدى.شۇ يىلى 3-ئاينىڭ18-كۇنىدىن4-ئاينىڭ6-كۇنىگچە يىڭساردا بۇ ئىككى قۇشۇن شىددەتلىك ئۇرۇش قىلدى.بۇ18-كۇنلۇك يىڭسار ئۇرۇشنىڭ ئاخىرىقى بىر كۇنى ماجەنساڭ قۇشۇنى سىپىل ئىچىگە قامىلىپ قالغان ئىمىر ساھىب باشچىلىق650نەپەردىن ئارتۇق خۇتەن قىسمىنى قۇتۇلدۇرماقچى بولغان شاھ مەنسۇر (ئەسلى ئىسمى ئابدۇللا بولۇپ،ئىمىر ساھىبنىڭ ئىنىسى)باشچىلىقدىكى 37كىشى سىپىل ئىچىگە يۇشۇرۇن كىرمەكچى بولغانداخۇيزۇلار تەرپىدىن پۇتۇنلەي قىرىپ تاشلاندى. يىڭسار شەرقى سىپىل تۇۋىگە يىڭشەھەردىن پارتىلاتقۇچ دۇرا ئىلىپ كىلىپ،650دىن ئارتۇق كىشىنى پۇتۇنلەي قىرىپ تاشلدى.ئىمىر ساھىب،مەنسۇرئولتۇرۇلۇپ بىشى شەھەر سىپىلغا ئىسپ قۇيۇلدى.يىڭسار جەڭدە قاتتىق تالاپەت تارتقان ماجەنساڭ قۇشۇنلىرى تىخمۇ غالجىرلىشىپ يىڭسار شەھەرى-يىزىلىردازۇر قىرغىنچىلىق ئىلىپ بىرىپ 2500دىن ئارتۇق بىگۇنا خەلىقنى قىرىىپ تاشلدى.بۇ قىتىمىقى قىرغچىلىقىتىن ئامان قالغانلار‹‹تۇڭگان يىغلىقىدىكى چاپ چاپ دەپ مەڭگۇ ئىسىدىن چىقارمىدى.
3يىلدىن ئارتۇق داۋاملاشقان بۇئۇرۇشتىن كىيىن قۇمۇل دىھقانلار قۇزغىلىڭنىڭ يىڭساردىكى باشلامچىلىرى سەمەت تۇۋەنجاڭ،مۇھەممەد بەگ 1936-يىلى سوۋىت ئىتتپاقىدىن يارىدەم تەلەپ قىلىپ ئالتايسكى-تارباغتايسكى نامىدىكى ئۇرۇس –قىرغىز قۇشۇنىنى باشلاپ كىلىپ يىڭساردىكى تۇڭگان قۇشۇنلىرىنى سۇر تۇقاي قىلىپ يەكەن خۇتەنگىچە قۇغلاپ يۇقاتتى.مانا بۇ يىڭسار تارىخدىكى 2-قىتىملىق تۇڭگان يىغىلىقى دەپ ئاتالدى.
رەتلىگۇچى:مۇختەرمەمىتىمىن(يىڭسار تارىخى دىگەن كىتاپتىن رەتلەندى)