قايغۇلۇق خەۋەر |
|
|
قايغۇلۇق خەۋەر ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسى ،ئالىي مائارىپ تۆھپىكارى ،دوتسىنىت نۇرمۇھەممەت زامان ئەپەندى. 2010يىلى 6- ئاينىڭ 4-كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى كەچ سائەت 9دا كېسەل سەۋەبىدىن ئۈرۈمچىدە 71يېشدا ۋاپات بولدى. مەرھۇم نۇرمۇھەممەت زامان ئەپەندى 1939-يىلى ئىلى قورغاستا تۇغۇلغان .1956-يىلى سابىق شىنجاڭ پىداگوكىكا ئىنىستىتۇتى ( ھازىرقى شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۈنۋېرسىتىتى ) نىڭ تىل ئەدەبىيات فاكۇلتىتىغا ئوقۇشقا كىرگەن . 1959- يىلى ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كىيىن ئانا مەكتىدە ئوقۇتقۇچلىققا ئېلىپ قېلىنغان . 1960-يىلدىن 1962-يىلغىچە تىيەنجىن نەنكەي ئۈنۋېرسىتىدا بىلىم ئاشۇرغان . ھازىرغىچە ئۇنىڭ ‹‹ ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىدىن لىكسىيەلەر ،›› ‹‹ ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى›› ‹‹ كىنو ۋە كىنو ئەدەبىياتى ›› قاتارلىق دەرىسلىك كىتابلىرى.‹‹ گۈللەنگەن ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى ›› ناملىق ئىلمىي ماقالىلەر ۋە تەتقىقاتلار توپلىمى ، ‹‹ قەدىناسلار ›› ناملىق ھېكايە پوۋېسىتلار توپلىمى ،‹‹ دانىشمەن بالا ›› بالىلار شىئىرى چۆچەكلەر توپلىمى نەشىر قىلىنغان .ئۇنىڭدىن باشقا 100دىن ئوشۇق شېئىر ،ھېكايە ، ئوچېرىك ، ئەدەبىي خاتىرە ۋە 30دىن ئارتۇق ئىلمى ماقالە ،تەقرىز ،ئاخبارات ئەدەبىياتى ئەسىرى ئېلان قىلىنغان . ‹‹ خەلىقنىڭ ياخشى پەرزەنتىللىرى ،› ‹‹ئاز سانلىق مىللەت ئاقىنلىرىنىڭ لەتىپىلىرى ›› ‹‹ مەشھۇر چەتئەل يازغۇچىلىرى ›› قاتارلىق كىتابلارنى تەرجىمە قىلغان . مەرھۇم ھايات ۋاقتىدا جۇڭگۇ ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى تەتقىقات جەميىتى ،جۇڭگۇ مائارىپ ئاخباراتچىلار ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى،شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتى ، ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى ، قۇتادغۇبىلىك ئىلمىي جەميىتى ،ھازىرقى ۋە بۈگۈنكى زامان ئەدەبىياتى تەتقىقات ئىلمىي جەميىتى ،،كىنوچىلار جەميىتى ، لۇشۇن تەتقىقات جەمئىيىتى ، ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى ۋە مۇقام تەتقىقات جەمئىيىتى ،قاتارلىق ئىلمىي جەميەتلەرنىڭ غوللۇق ئەزاسى ئىدى . بىز مەرھۇم ئۇستازنىڭ ۋاپاتىغا چوڭقۇر قايغۇمىزنى بىلدۈرىمىز .ئۇنى مەڭگۈ ياد ئېتىمىز.
|
|