نۆۋەتتىكى ئورنى:باش بەت >> ئەدەبىي ئەسەرلەر >>
يىتىم قىزنىڭ قىزلىق غۇبارى(1)
يوللىغان ۋاقىت:2010-06-12 12:58:03  يازغۇچى:زۇلخۇمار1987  كىلىش مەنبەسى:www.basbas.cn  ئاۋاتلىقى:0   [ مەنمۇ ئەسەر يوللايمەن ]
كىچىك | نورمال | چوڭ             

   بۇ بىر ھەقىقي بولغان ۋەقە.مەن ۋەقەدىكى دوستۇمغا ھەمدە ئوخشاش قىسمەتكە ئۇچىرغان قىزلارغا چىن قەلبىمدىن بەخىت تىلەيمەن.

   تولۇقسىز ۋاقىتلىرىم ئىدى مەھەلىمىز ئەتراپىدا ياخشىراق مەكتەپ بولمىغاچقا،رايون ئاتلاپ باشقا مەكتەپتە  ئوقۇدۇم.سىنىپقا كىرىپلام ئۇنىڭ بىلەن يىقىن بولۇپ كەتتىم.ئۇ شۇنداق ئاددىي ساددا،چىرايىدىن كۈلكە كەتمەيدىغان يىقىملىق قىز ئىدى.مەن مانا مۇشۇ يىقىملىق قىز بىلەن ئالتە يىل بىللە ئوقۇدۇم.مەكتەپتە بىز ئاچا-سىڭىللاردەك يۈرەتتۇق،ئوقۇتقۇچىلىرىمىزمۇ بىزنىڭ ساپ دوسلۇقىمىزغا ھەۋەس قىلىشاتتى.«سىلەر كىيىن قوش توي قىلىڭلار،بىز بىرىڭلارغىلام كۆڭلىمىزنى ئاتايلى.كىيىن ئۆينى تەڭ تۇتماسىلەرھە؟»بۇ گەپلەر دوسلۇقىمىزنى تىخىمۇ مۇستەھكەم قىلاتتى.

   تولۇق ئوتتۇرىنىڭ 2-يىللىقى ئىدى.قارا كۈنلەر ئۇنى ئىزدەپ كەلدى.
   قەھرىتان سوغۇقنىڭ مەلۇم بىر كۈنى،بىز سىنىپتا دەرس ئاڭلاپ ئولتۇراتتۇق.سىنىپ مەسئۇلىمىز كىرىپ ئىككىمزنى چاقىرىپ چىقىپ كەتتى.«ھازىر تىزدىن گۈلىنىڭ(ئۆزگەرتىلگەن) ئۆيىگە بىرىڭلار ئۆيدە جىددىي ئىش چىقىپ قاپتۇ.» بىز ئالدى كەينىمىزگە قارىماي  ئۆي تەرەپكە قاراپ يۈگۈردۇق.يىرىم يولغا بارغاندا سىنىپ مەسئۇلىمىز ماڭا قىسقا ئۇچۇر يوللاپتۇ.«گۈلىنىڭ ئاپىسى باشقلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلۈپتۇ.ئۇنىڭغا ئوبدانراق تەسەللي بىرىڭ.»مەن جايىمدا تۇرۇپلام قالدىم«مۇمكىن ئەمەس .ئۇنىڭ ئاپىسى ئەمدى تىخى 40 كە كىرگەن ئايال تۇرسا »«ماڭمامسەن؟ نىمىگە ھاڭۋىقىسەن؟ تىز بولە!!!»گۈلى مىنى ئالدىرتىۋاتاتتى.مەن ئۇنىڭغا ھىچنىمە دىمىدىم. قەدىمىمىز تىزلىشىشكە باشلىدى.قوروغا كىرگەندىن كىيىن ئاندىن بۇھەقىقەتكە ئىشەندىم.
   گۈلى ئاپىسىنىڭ تۈگەپ كەتكەنلىكىنى بىلىپ ئۆز جايىدا ئايلىنىپ چۈشتى.بىرەر سائەتتىن كىيىن،ئەسلىگە كىلىپ ئۆزىنى ئىتىپ يىغلاپ كەتتى.
   گۈلىنىڭ ئاپىسى كەچلىك ئىسمىنىدىن ئۆيگە قايتقىچە ئىككى ئۇيغۇر بالا تەرىپىدىن بۇلانغان.ئاپىسى قارشىلىق كۆرسەتسە،يوغان قىش بىشىنىڭ كەينىگە ئۇرۇلغان.گۈلىنىڭ ئاپىسى جايىدىلام جان ئۈزگەن. ئەسلىدە ئۆلۈم دىگەن قاش بىلەن كىرپىك ئوتتۇرسىدىكى ئىش ئىكەن.

   گۈلى ئاپىسىنىڭ قىرىق نەزىرىسىنى بىرىپ بولۇپ مەكتەپكە قايتىپ كەلدى.ئۇ باشىقچىلام ئېغىرلىشىپ قالغانىدى. ئۆينى يورۇتۇپ تۇرىۋاتقان قۇياش يوقىسا كىممۇ خوشال يۈرەلىسۇن؟ئۇ شۇنىڭدىن كىيىن كۈندە چۈشتە،كەچتە بالدۇر قايتىپ داداسىغا،ئىنىسىغا تاماق ئىتىپ بېرەتتى.

   تولۇق 3-يىللىقىمۇ چىقتۇق.ئالدىراش ۋاقىتلىرىمىز باشلاندى.ھەممىز ئىمتىھانغا تەييارلىق قىلىۋاتقان مۇشۇ ئاي مۇشۇ كۈنلەردە گۈلى دوختۇرخانىغا قاتراپ يۈرىۋاتاتتى.دادسى راك كىسىلىگە گىرىپتار بولۇپ دوختۇرخانىدا  داۋالىنىۋاتتى. ئىمتھاننىمۇ غەلبىلىك بىرىپ چىقتۇق.ئەمما گۈلىنىڭ دادىسىنىڭ كىسىلى ئېغىرلاپ كىتىۋاتقانتتى.ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسىمۇ چىققانىدى.گۈلى يۇقىرى نەتىجە بىلەن ئاپتۇنۇم رايونىمىزدىكى نۇقتىلىق ئالي مەكتەپكە ئۆتتى.ئەمما خۇدايىم ئۇنىڭغا يەنە سول كۆزى بىلەن قاراپ قالغانىدى.

   تۇغۇلغان كۈنىدە قىزلار چىرايلىق ياسىنىپ ئۆزى ياخشى كۆرگەن ئىش قىلىشنى خالايدۇ.ئەمما گۈلى كارۋات بىشىدا دادىسىغا قاراۋاتاتتى.بىز بىر نەچچە ساۋاقداشلار پۇل يىغىش قىلىپ ئۇنىڭغا ئاپىرىپ بەردۇق.ھازىر ئۇنىڭغا ئەڭ ئىھتىياجلىق نەرسە پۇل ئىدى.چۈشتىن كىيىن گۈلى يىغلاپ تىلفون قىلىپتۇ.«ئاداش،دادام......».

   ئىككى يىل ئىچىدە ئۇ ھەم ئاپا ھەم دادىدىن ئايرىلدى.دادىسى تىخى تۇغۇلغان كۈنىدە ۋاپات بولدى.ئۇ بىر يىتىمگە ئايلاندى.   

 

تورداش << زۇلخۇمار1987>> نىڭ باشقا تور ئەسەرلىرى
تېخىمۇ كۆپ ئەسەرلىرىنى كۆرمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى بېسىڭ
تور بېكەت ھەققىدە | شىركەت ھەققىدە | خېرىدارلىرىمىز | ھەمكارلىشىڭ | ئېلان بىرىڭ | ئالاقىلىشىڭ | پىكىر بىرىڭ
Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备09005194号 增值电信业务经营许可证 新B2-20050027号
ئالاقىلىشىش تېلېفۇن: 15999163133 ، 18999105493
互联网电子公告(BBS)服务资质       移动网信息服务业务资质
!تور بېكتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق فىلىم ۋە ناخشا مۇزىكىلار ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان، ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغان دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ