ئوغلۇم ئاڭلا، ئېسىڭدە ساقلا
يۇلغۇن
‹1›
ئوغلۇم، قەلبىم رۇشەن بولسۇن دېسەڭ،بىلىم ئال،غورۇرۇڭنى قوغدا،ۋىجدانىڭغا چاڭ قوندۇرما، ئۆز قەدىر –قىممىتىڭنى، ئىززەت –ھۆرمىتىڭنى تەگى-تەكتىدىن تونۇپ يەت.
ئىرادەڭ مۇس تەھكەم بولسۇن،ئىرادىسى ئاجىز ئادەم ھەر قاچان،ھەر زامان باشقىلاردىن شەپقەت كۈتۈش،رىسىق تەمە قىلىش بىلەن كۈن ئۆتكۈزىدۇ، ئۆزىنىڭ نىسىۋىسىنى ئۆزى تېپىپ يىيەلمەيدۇ.
ئىسىڭدە تۇت، مەيدانى مۇستەھكەم بولمىغان ئادەم بىر ئۆمۈر بەخىتسىزلىك،مەغلۇپلۇق ئىچىدە يېلىنىپ، يالۋۇرۇپ ياشايدۇ.
ئىشەنچ ، ئادەملەر ئۈچۈن مەنىۋى تۈۋرۈك !
ئىسىڭدە تۇت ئوغلۇم، روھنىڭ مەغلۇبىيىتى-ئادىمىلىكنىڭ مەغلۇبىيىتى.
ئۇنۇتما ئوغلۇم، ھاياتلىق دۇيادىن مېھرىنى ئۆزەلمەي، ئۆلۈم ھاياتلىقتىن كۆزىنى يۆتكىيەلمەي داۋاملىشرىۋىرىدۇ.
دۇنيادا، ئەخلاقنى ئۆزىنىڭ ياشاش ئۆلچىمى قىلغۇچىلار،ھەرجەھەتتىن غەلبە قىلغۇچىلاردۇر،چۈنكى ئەخلاق- پاكىزلىق،پاكىزلىق ئىنساىلارنى يۈكسەكلىككە ئېلىپ بارىدۇ.
ئەستە تۇت ئوغلۇم،ئۆزىنى بىلگەنلەر شەرەپ قۇچۇپ، ئۆزىنى بىلمىگەنلەر ھالاكەتكە چۆكۈپ ياشايدۇ.
ئۆزىنى بىلىش، ئۆزىنى چۈشىنىش بارلىق بىلىش ھەم چۈشىنىشلەرنىڭ يۇقىرى پەللىسى.
ئۇنۇتما ئوغلۇم، ئادەملەرنىڭ قەدىر-قىممىتى گۈزەل ئەخلاق پەزىلىتىدە.
بېشىڭغا كەلگەن ئوڭۇشسىزلىق تۈپەيلى چۇشكۈنلىشىپ كەتمە، ئىرادىلىك بول،ھايات تۈمەنمىڭ قىسمەتلەر،مۇششەققەتلەر ئىچىدە تاۋلىنىپ، تۇرمۇش ئەلگەكلىرىدە مىڭ تاسقىلىپ ئۆزىنىڭ ئۇلۇغۋار قىممىتىنى يارىتىدۇ.
بىلىۋال ھەسەت ئۇ پارازت قۇرت،
پۇشايمان –كېچىككەن دەرس ئەستە تۇت.
ئوغلۇم، سەن ئۆزىڭنىڭ كىملىگىنى تۇنىغان چېغىڭدا ،زامانىۋى قۇللۇقتىن ئازات بولىسەن .ئىشەنمىسەڭ قۇلاق سال ئوت ، سۇ، ھاۋا، تۇپراقتىن ئېتىلىپ چىقىۋاتقان مۇنۇ سادالارغا:
-ئويغان!...
-ئويلان!!...
-ياشا!!!...
ئادىمىلىك، ئادىللىق، ئىنسانيى تەپەككۇر ئادەمنىڭ روھىنى مەڭگۈ لاۋىلدىتىپ تۇرىدىغان ئىنىريىيە.
ئوغلۇم، بىلىمسىزلىك ئىنساننىڭ بوينىغا سېلىنغان سىرىتماق، پۇت-قولىغا سېلىنغان كويزا-كىشەن،بۇلارنىڭ ئىسكەنجىسىدە بولمايمەن دېسەڭ مەڭگۈ ئۈگەن !
ياشاي دېسەڭ پالاكەتتىن يىراق،
تەڭ بولمىغىن نادان بىلەن ،قاچ.
ئوغلۇم، ئادەم ئۆزىنىمۇ، ئۆزگىلەرنىمۇ ھۆرمەتلىيەلەيدىغان بولسا،ھەرقانداق ۋاقىت، ھەر قانداق چاغدا قەدىرلىنىدۇ.
پەخەس بول ئوغلۇم، جىسمانى جەھەتتىكى قۇللۇقتىن ،روھى جەھەتتىكى قۇللۇق تولىمۇ ئېچىنىشلىق، تولىمۇ پاجىئەلىكتۇر.
ساغلام روھ ،ساغلام ئىدىيە،ئۆزىدىن ھالقىغان ئىرادىگە ئىگە ھەرقانداق ئىنسان مۇكەممەل ئىنساندۇر.
ئوغلۇم، ئىسىڭدە تۇت،ئانا ۋەتەن ، كىندىك قېنىڭ تۆكۇلگەن ئانا تۇپراققا بېغىشلانغان سۆيگۈدىن مۇقەدەس سۆيگۈ يوق. ئادەملەرنىڭ ئانا ۋەتىنىگە، باغرىنى يېقىپ چوڭ بولغان ئانا تۇپرىقىغا بولغان سۆيگۈسى مەڭگۈلۈك بولىدۇ.
ئىسىڭدىن چىقارما ئوغلۇم،كىشلىك تۇرمۇشتا ئۆز تەڭپۇڭلىقىنى ساقلىيالمىغان ،مۇكەممەل كۆز قاراش يىتۇلدۇرەلمىگەن ئادەم بىر ئۆمۇر بەختسىزلىك ئچىدە ياشايدۇ.
سۆزگە قارا كۆزگە قارىماي،
ياشاي دېسەڭ زىيانلار تارتماي.
نادانلىق ئادەمنى ھالاكەتكە ئىلىپ بارسا،بىلىمسىزلىك قۇللۇقتا قالدۇرىدۇ.
ئوغلۇم، روھىنى ئىلىم نۇرى بىلەن سۇغارغان كىشىلەرلا نادانلىقتىن، ھەرخىل چاكىنا ئىللەتلەردىن خالى بولىدۇ.ئۆزىنى ئۆزى قۇتۇلدۇرمىغانلار بىلەن ھىچكىمنىڭ كارى بولمايدۇ.ئادىمىلىكىڭنى جۇلالاندۇرىشىڭ،قەدىر-قىممىتىڭنى نامايەن قىلىشىڭ، ئۆز تىرىشچانلىقىڭغا، تىنىمسىز ئىزدىنىشىڭگە ،بىلىم قۇرۇلماڭنى ئۆزلۈكسىز يېڭىلاپ تۇرىشىڭغا باغلىق.شۇڭا سەن ھەر ۋاقىت روھىڭنى پاك تۇت، ئىرادەڭنى بوشاشتۇرما،ئىشەنچىڭنى يوقاتما ، ئىرىشەلمىگەن نەرسىللىرىڭگە ئىرىشىش ئۈچۈن تىرىش! كۈرەش قىل!!...
ئوغلۇم، خوشامەتچى، ئىت مىجەز كېلىدۇ،كىم ئالدىغا سوڭەك تاشلاپ،يالىقىغا ئاداپ چېلىپ بەرسە ئەكىلەپ قۇيرىقىنى شىپپاڭشىتىپ، غىڭشىيدۇ. دۇنيادا، ئۆزىنى قۇيرۇق شىپپاڭشىتىپ ،سۆڭەك غاجاپ، يالاق يالايدىغان ئىت ئورنىغا چۈشۈرۈپ قويۇشتىنمۇ ئارتۇق خورلۇق، رەسۋالىق بولمايدۇ.
پۇلنى دەپ ئۇنتۇما ئەلنى ،قاياشنى،
ساتمىغىن ۋىجداننى ،دوستنى ،ئاداشنى.
دۇنيادا ئادەمدەك ياشىماق قىيىن،
بىلگەنلەر دانادۇر قانداق ياشاشنى.
ئىسڭدە بولسۇن ئوغلۇم ، نادانلىق ئىنسان پىسخىكىسىدىكى ئەجەللىك ئاجىزلىق، خەتەرلىك ئۆسمە،قورقۇنچلۇق باكتىرىيە.
ئىسىڭدە تۇت ،سەن ئۆزىنى ئۆزى يەڭگۈچى، ئوغلۇم!
ۋاقىت قولدىن كەتمىسە ، بەخىت قولدىن كەتمەيدۇ.
ئىسىڭدە بولسۇن، ئادەمنى تۆت نەرسە گۈزەل قىلىدۇ: 1 .ئەقىل 2.ئىتىقات 3 .ھايا 4.ياخشى خىسلەت.
ھەسرەت ،ئۆكۈنىش چۆلىدە ئۆزىمنى قىينىماي ياشايمەن دېسەڭ ،خىيالىرىڭنى ئۆزۈڭدە يوق نەرسلەرگە مەركەزلەشتۈرىۋالما،ئارزۇ-ئارمانلىرىڭ بىلەن رىياللىق تەتۈر تاناسىپ بولۇپ قالمىسۇن.
ئوغلۇم ، ئەركەك نۇرغۇنلىغان نەرسىنى يوقۇتۇپ قويسا بولىدۇ، لىكىن غورۇرىنى،ئىتىقادىنى يوقۇتۇپ قويسا بولمايدۇ.
مەنىۋى جەھەتتىكى ئاچارچىلىق ئادەمنى روھى جەھەتتىن چۈشكۈنلەشتۈرۇپ، زەئىيىپلەشتۈرىۋىتىدۇ،شۇڭا سەن قورسىقىڭنى ئاچ قويساڭ قويغىنكى،مەنىۋىيىتىڭنى ئاچ قويما.
چىنلىق،ياخشىلىق، گۈزەللىك،ۋاپادارلىق ئادەملەرنىڭ گۈل تاجى!
سەن باشقىلاردىن ۋاپا تەلەپ قىلغان ئىكەنسەن، ئاۋال ئۆزۈڭدە ۋاپانى ھازىرلا،قەلبىڭنى ۋاپا بىلەن تولدۇر.
ئوغلۇم، بىلىمسىزلىك ئادەملەرنىڭ روھىنى كۈندىن –كۈنگە يالىڭاچلاپ، سويغان پىيازدەك قىلىپ قويىدۇ ،شۇڭا سەن داۋاملىق ئۈگەن!
ئىسىڭدە تۇت، نەتىجىدىن جەريان مۇھىم ،جەريان بولماي نەتىجە بولمايدۇ. لېكىن نەتىجە بولمايمۇ جەريان بولىۋىرىدۇ.
مەڭگۈ ئۆلمەيمەن دېسەڭ خەلقنىڭ قەلبىدىن ئورۇن ئال.
يۈز سائەت خىيال سۈرگىنىڭدىن بىر دەقىقە تەپەككۇر قىلغىنىڭ مىڭ ئەۋزەل.
ئوغلۇم ،ۋاقىتتىن تولۇق پايدىلىنىشنى بىلمىسەڭ ،ۋاقىتنىڭ سىرىتىدا بىر ئۆمۇر خارلىنىسەن.
پەخەس بول، بىلىمسىزلىكنىڭ بالىياتقۇسىدا ‹‹قۇللۇق›› تىن ئىبارەت ‹‹ تۆرەلمە›› يىتىلىدۇ.
پۇرسەتنى كۈتۇپ تۇرغىچىلار- ئۆز ئۆلىمىنى كۈتكىچىلەردۇر.
ئاناڭنى يىغلاتما پەرىشتە يىغلىمىسۇن، داداڭنى يىغلاتما اللا يىغلىمىسۇن، ئۇلارنىڭ ئاققان ياشلىرى سېنى يۈتۈپ كەتمىسۇن.
ئىسىڭدە بولسۇن ئوغلۇم، سەۋەپسىز نەتىجە بولمايدۇ، بەدەلسىز نەتىجىمۇ مەۋجۇت ئەمەس.
ئوغلۇم ئاڭلا ،ئىسىڭدە ساقلا ياخشىلىققا ياخشىلىق بىلەن جاۋاپ قايتۇرغان ئىسان،مۇھەببەت نەپرىتى ئېنىق،ھەق بىلەن ناھەقنى ئايرىيالايدىغان،ھالال بىلەن ھارامنى ئارلاشتۇرىۋەتمەيدىغان ئىنساندۇر،ياخشىلىققا يامانلىق بىلەن جاۋاپ قايتۇرغان ئىنسان ئادىمىلىككە داغ چۈشۈرىدىغان ئەڭ ناباپ ئىنساندۇر.
سەن ئادەمدەك ياشايمەن دەيدىكەنسەن ئۆزۈڭگە ‹‹ھالال››،‹‹ئىنساپ›› دېگەن سۆزنى ئۆلچەم قىلىغىن!
ھاياتقا يېڭى سۇئال قويۇشتىن قورقىساڭ ،ياشايمەن دەپ ئاۋارە بولما. ياشىغان ئىكەنسەن قىممەت يارىتىپ ياشا،بۇ قىممەت چىن ئەقىدە چىن ئىىلاسىڭدىن كېلىدۇ.