جەمئىيەت تەرەققىي قىلىپ، ئەخلاق كىشىلەرنىڭ ئەقەللىي دۇنيا قارىشىغا ئايلانغىلى ئۇزاق ئەسىرلەر بولۇپ كەتتى، ئىپتىدائىي جەمئىيەتتىكى كىشىلەردىن تارتىپ زامانىمىز كىشىلىرىگىچە، ئەخلاق ئارقىلىق ئۆزىمىزنىڭ ئىدىيە - ھەرىكىتىمىزنى مۇئەييەن قېلىپقا سېلىپ كېلىۋاتقانلىقىمىز ھەممىمىزگە مەلۇم. ئەخلاق كۆز قارشى ئىنساننىڭ كىچىكىدىن تارتىپ يېتىلىدۇ، تەرەققىي قىلىدۇ، مۇئەييەن باسقۇچقا يەتكەندە كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش تەجرىبىسىگە ئايلىنىپ، يەنە باشقىلارغا تارقىتىلىدۇ، مانا مۇشۇنداق دېنامىكىلىق جەرياندا، كىشىلەرنىڭ ئەخلاق ئېڭى بارغانسېرى يېتىلىپ، مۇكەممەللىشىپ، پىشىپ بارىدۇ، مەزمۇن جەھەتتىنمۇ بېيىپ بارىدۇ.
بۈگۈنكى كۈندە جەمئىيەتتىكى نۇرغۇن ئاتا - ئانىلار پەزەنتلىرىگە بولغان ئەخلاق، ئىتىقاد، ئەنئەنە تەربىيەسىنى كۈچەيتىۋاتىدۇ، نۇرغۇن ئاتا - ئانىلارنىڭ ئۆيدە، مەھەللە - كويلاردا، ئاممىۋى ئاپتوبۇسلاردا ئۆزلىرىنىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق بالىلىرىغا ئۈلگە بولۇپ، ئۇلارنىڭ غۇبارسىز قەلبىگە گۈزەل ئەخلاق، چىن ئىنسانىي مېھىر - مۇھەببەتنىڭ يارقىن سۈرەتلىرىنى سىزىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇرىمىز، بۇ بىزنى ھەقىقەتەن رازى قىلىدۇ ھەم ئەۋلادلىرىمىزنىڭ كەلگۈسىگە ئۈمىد - ئىشەنچ بىلەن بېقىشقا ئۈندەيدۇ، لېكىن، يەنە بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئەدەبسىز قىلمىشلىرى كىشىنى تولىمۇ ئېچىندۇرىدۇ، ئويلاندۇرىدۇ، ھەتتا يىرگەندۈرىدۇ. بۇ ھەقتە رادىيو - تېلېۋىزىيە، گېزىت - ژۇرناللاردا كۆپ توختىلىشلار بولدى، بۇ ھەقتىكى نەزەرىيەلەرنى تورداشلىرىمىز كۆپ كۆرگەن، تۆۋەندە مەن ئۆزۈم كۆرگەن تىپىك ئەخلاقسىزلىق قىلمىشىنى مىسالغا ئېلىپ ئۆز كۆز - قارىشىمنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتىمەن:
ئالدىنقى كۈنى، ئاچام بىلەن بازار ئارىلاۋېتىپ، شەھىرىمىزدىكى مەلۇم تاماقخانىغا كىردۇق، تاماقخانىنىڭ مۇھىتى، كۈتكۈچىلەرنىڭ ئىللىق تەبەسسۇملىرى كىشىگە ئۆزگىچە ھوزۇر بېغىشلايتتى. بىز بالكوندىن پەستىكى كوچىنى كۆرگىلى بولىدىغان ھاۋالىق شىپاڭغا كېلىپ ئولتۇردۇق. تاماق بۇيرۇتۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي، كۈتكۈچى قىز تاماقنى ئېلىپ كەلدى ۋە قىزغىن تەبەسسۇم بىلەن :«بەھوزۇر غىزالانغايسىلەر» دەپ قويۇپ كېتىپ قالدى، ئاچام ئىككىمىز بىر - بىرىمىزگە مەنىلىك كۈلۈپ قويغاندىن كېيىن، تاماق يېيىشكە تۇتۇش قىلدۇق...
تاماقنى يەپ بولاي دەپ تۇرۇشىمىزغا، رەتلىك كېيىنگەن بىر جۈپ قىز - يىگىت تاماقخانىغا كىرىپ كەلدى ۋە كۈتكۈچىنىڭ يول باشلىشى بىلەن بىزنىڭ ئالدىمىزدىكى بوش ئورۇنغا كېلىپ ئولتۇردى. ئۇلارنىڭ كۈلۈپ تۇرۇپ چاقچاق قىلىشلىرى، قىزنىڭ گەپ قىلغاندا قاشلىرىنى ئۇچۇرۇپ كۈلۈشلىرى، يىگىتنىڭ 32 چىشىنىڭ ھەممىسىنى تالادا قويۇپ ھىجىيىشلىرى، بىر - بىرىنىڭ مۈرىسىگە بېشىنى قويۇپ پىچىرلىشىشلىرى ... كىشىگە بەئەينى ئامېرىكىنىڭ كىنولىرىنى ئەسلىتەتتى. كۈتكۈچى ئۇلارنىڭ نېمە تاماق يەيدىغانلىقىنى سوراپ بىلگەندىن كېيىن، پۇكەيگە قاراپ ماڭدى، بۇ چاغدا ئاچام ئىككىمىز ئىختىيارسىز ھالدا بۇ چىرايلىق قىز - يىگىتنىڭ ھەرىكىتىگە تىكىلىپ ھاڭ - تاڭ قالدۇق. (ئەسلى بۇنداق ئىشلارغا قارىمىساق، تىلغا ئالمىساق بولاتتى، لېكىن بۇ يەردە گەپ ئەخلاق توغرىسىدا بولۇۋاتقانلىقى ئۈچۈن ئوقۇرمەنلەردىن كەچۈرۈم سوراپ ئاندىن يەنىلا دېيىش قارارىغا كەلدىم) قىزنىڭ قولى تۇيۇقسىز ئۇىڭغا يېقىن ئولتۇرغان يىگىتنىڭ ئىككى پۇتىنىڭ ئارىسىغا ئۇزىتىلدى، بۇ تاسادىپىيلىقتىن مەن ئاچامنىڭ ئالدىدا ئۆزەمنى قويىدىغان جاي تاپالماي قالدىم، ئاچامنىڭ چىرايىمۇ شەلپەردەك قىزىرىپ كەتتى، بىز ئۆزىمىزنى ئوڭشاپ بولالماي تۇرغان ئەنە شۇ دەقىقىدە، قىزنىڭ بىزنى ئاڭلىمايدۇ ھەم چۈشەنمەيدۇ، دەپ تۇمشۇقىنى پەسكە قارىتىپ بوش ئاۋازدا خەنزۇچە ئېيىتقان «没什么反映呀» (ھېچقانداق ئىنكاس يوققۇ؟) دېگەن سۆزى، يىگىتنىڭ «到时候看吧» (ۋاقتى كەلگەندە كۆرىسەن) دېگەن سۆزى قۇلاق تۈۋۈمدە ياڭرىدى.
يۈزلىرىمنىڭ قىزىرىپ كەتكىنى ئۆزۈمگە ئايان بولدى، بىز بۇ يەردە يەنە ئولتۇرۇۋېرىشنىڭ ئۇلار ئۈچۈن ئەمەس، بىز ئۈچۈن ئۇياتلىق ئىش ئىكەنلىكىنى پەملىدۇق ۋە يەپ بولالمىغان تاماقنى قويۇپلا سىرتقا ماڭدۇق. كۆزۈم مۇشۇ تاماقخانىدىن چىقىپ كەتكۈچە تۆت بولدى، ئاچام ئىككىمىز سىرتقا چىقىپ خېلى ئۇزۇنغىچە بىر - بىرىمىزگە قارىيالمىدۇق.....
ئەخلاق ئادەمنىڭ كۈندىلىك ئىش - ھەرىكىتىنى قېلىپقا سالىدىغان ھەرىكەت مىزانى، ئەجەبا بۈگۈنكى كۈندە بىزنىڭ ئەخلاقىمىز مۇشۇ كۈنگە چۈشۈپ قالدىمۇ؟ يا بىز دېسكوخانا، قاۋاقخانا، ئاشخانا، ياتاق ياكى باشقا بىر نېمە خانىلارنى ئايرىيالمايدىغان شۇنداق ھالغا چۈشۈپ قالدۇقمۇ؟ بۇ نېمىنىڭ مەھسۇلى؟ جەمئىيەتنىڭ تەسىرىمۇ؟ ئاتا - ئانىلارنىڭ تەربىيەسىنىڭ كەمچىللىكىمۇ؟ مەكتەپنىڭ تەربىيەسىنىڭ كەمتۈكلۈكىمۇ؟ ياكى چەت ئەل مەدەنىيىتىنىڭ «ئىلغار» لىقىمۇ؟ ....
بۇ يەردە ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى ئۇ ئىشلارنى ئەخلاق كاتېگورىيەسىدىن چىقىپ تۇرۇپ تەھلىل قىلىپ باقايلى، ئۇلارنى يۈرۈۋاتقان قىز - يىگىتلەر دەپ تۇرايلى (ماڭا بەرگەن تەسىرى شۇنداق) مېنىڭچە، مۇھەببەت شەرمىي - ھايا، پاكلىق، ئۆز ئارا ھۆرمەت ئۈستىگە قۇرۇلسا ئۇ مەڭگۈلۈك بولىدۇ، ئۇ ئارقىلىق قۇرۇلغان ئائىلە ئىللىقلىققا تولىدۇ، ئاپىرىدە بولغان پەرزەنتمۇ ناھايىتى ئەقىللىق، ئىنساب - دىيانەتلىك بولىدۇ. ئەكىسىچە بولسا، جەمئىيەتكە زىيان يەتكۈزىدىغان بىر تۈركۈم ماڭقۇرتلار يېتىشىپ چىقىپ، قەۋمنى، مىللەتنى، يۇرتنى ھالاكەتكە يۈزلەندۈرىدۇ. ئەمدى ئۇلارنى ئەر - خوتۇن دەپ تۇرۇپ تەھلىل قىلىپ باقايلى، 2007 - يىلى ئاپرىل ئايلىرىنىڭ بىركۈنى بولسا كېرەك، ئاتاقلىق يازغۇچى، ھۆرمەتكە سازاۋەر قەلەم ساھىبى جالالىدىن بەھرام بىلەن ئۇنىڭ شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى ئائىلىلىكلەر قورۇسىدىكى ئۆيىدە ھەمسۆھبەتتە بولغان چېغىمدا، پاراڭ ئارىلىقىدا « ھازىر بىر قىسىم يازغۇچى - شائىرلار ئەر - ئاياللار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى سەنئەت دەرىجىسىگىچە كۆتۈرۈپ، ئىنچىكە تەپسىلاتلاردىن تارتىپ تەسۋىرلەيدىغان بولۇپ كەتتى، بۇ ئەدەبىياتىمىزدىكى تەرەققىيات ئەمەس، چېكىنىش..... مەلۇم چەت ئەل يازغۇچىسى <ئەر - ئاياللار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت دۇنيادىكى بارلىق قەۋم ۋە مىللەت پۈتۈنلەي بىلىدىغان، ئەمما پەقەت ئەر ۋە ئايالدىن ئىبارەت ئىككىلا جىنىسقىلا تەئەللۇق بولغان ھەرىكەتتۇر> دېگەنىدى» دېگەن سۆزنى قىستۇرۇپ ئۆتكەنىدى. دېمىسىمۇ ئەر - ئاياللىق تۇرمۇش ھەرگىز باشقىلار ئالدىدا كۆز - كۆز قىلىدىغان، داملىتىدىغان ئىش ئەمەس، ھېلىقى قىز - يىگىت ئۆزلىرى ئولتۇرۇۋاتقان جاينىڭ باشقا جاي ئەمەس، ئىگىمىز بىزگە رېسىق - نېسىۋە قىلىپ ئاتا قىلغان، پاك، ھالال خۇرۇچلاردىن پۈتكەن تاماقنى يەيدىغان سورۇن ئىكەنلىكىنىمۇ ئۇنۇتقان ھالدا ناشايان قىلىقلارنى قىلىپ ئولتۇردى، ئۇلار ھېچبولمىسا ئۆزى يەۋاتقان ئاشۇ تۇزنىڭ ھۆرمىتىنى بولسىمۇ قىلىپ قويسا بولاتتىغۇ؟ ئەپسۇس!!!
ئەقىدە - ئىتىقاد سۇسلاشسا ئەخلاق ئۆز قىممىتىنى يوقىتىدۇ، ئەخلاق ھەققىدىكى قاراشلارمۇ سەپسەتىگە ئايلىنىدۇ، ئەخلاق توغرىسىدىكى تەرغىباتلارمۇ ئەنە شۇ يات ئىدىيە - قاراشلارنىڭ قۇربانلىقىغا ئايلىنىپ كەتكەن كىشىلەرنىڭ قۇلىقىغا ئۇرۇلغان مۇشتقا ئايلىنىدۇ. بىز ھەدېسىلا ئەجدادلىرىمىز مۇنداق ئەخلاقىلىق، بۇنداق ھايالىق دەپ ماختىنىمىز، لېكىن ۋاقتى كەلگەندە، ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئالتۇنغا تېگىشكۈسىز ئاشۇ ئېسىل ئەخلاقىنى موچەنگە ئالغۇسىز قىلىۋېتىدىكەنمىزغۇ؟ كىچىككىنە ھاۋايۇ - ھەۋەسنى دەپ، ئۆزىمىزنىڭ نەدە، قانداق سورۇندا ئىكەنلىكىمىزنى، كىم ئىكەنلىكىمىزنى، ئەتراپىمىزدا كىملەرنىڭ بارلىقىنى تامامەن ئەستىن چىقىرىپ قويىدىكەنمىزغۇ؟ ھايۋان جېنىدا ئىنسان ياكى باشقا ھايۋانلارنىڭ ئالدىدا خىرامان جۈپلىشىشتىن قۇمدىنىدۇ (ھېيىقىدۇ)، ئەمما بىز بەزىدە ئاشۇ ھايۋانچىلىكمۇ بولالمايدىكەنمىزغۇ؟ بۇنداق قاقشاش بىلەن ھەممە ئىشلارنى تۈگەتكىلى بولمايدىغانلىقى پېقىرغا ئايان، ئەمما مەۋجۇت مەسىلىلەرنى ھەممىمىز ئۆز ئىچىمىزدىلا بىلسەك، قامچىلىمىساق، جامائەت پىكىرى مۇھىتى ياراتمىساق بۇ ھادىسىلەر ئۆزلىكىدىن يوقىلامدۇ؟ ھەرگىز ئۇنداق بولمايدۇ. بىزغۇ شۇنداق قىلىقسىزلىقنى كۈپكۈندۈزدىلا، ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆرۈپتۇق، ئەتراپىمىزدا كىم ئۆيىگە مېھمان كەلسە بالىلىرىنى ھاراق - تاماكا، قارت - شاھماتلارنى ئېلىپ كېلىشكە بۇيرۇيدىغان، ئايالى يوق چاغدا ئۇششاق بالىلىرىغا تاتلىق - تۈرۈم ياكى بىرەر يۈەن پۇلنى كۆتۈرتۈپ تالاغا چىقىرىۋېتىپ،ئۆيىگە كوچا گۈزەللىرىنى ئەكىرىپ كۆڭۈل ئاچىدىغان ئاتىلارنى، بويىغا يەتكەن پەرزەنتلىرى بىلەن بىر ئۆيدە يېتىپ يېقىنچىلىق قىلىشىۋېرىدىغان ئەقلى كەمتۈك ئاتا - ئانىلارنى، ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن بىر سورۇندا ئولتۇرۇپ ھاراقنى بولۇشىغا ئىچىپ، مەستچىلىكتە ئۆزىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئالدىدىكى ئىناۋىتىنى يەر بىلەن يەكسەن قىلىدىغان ئوقۇتقۇچىلارنى، ئۆي، ئەر دېگەن ئۇقۇملارنى ئېسىدىن تامامەن چىقارغان ھالدا بىر رۇمكا ھاراق، بىرەر يۈز يۈەن پۇل، بىردەملىك ئىشرەت، پال - پۇل چىراق، تاماكا ئىسى، ھاراق بۇسىنىڭ قۇلى بولۇپ، «ئارقا كوچا» لاردا ئېگىز - پەس دەسسەپ يۈرۈشنى ئانىلىق، ئاياللىق بۇرچنىڭ ئالدىغا قويۇۋالغان چۈپرەندە ئايال جىنىسلىقلارنى .... يوق دىيەلەيدىكىن؟! ئەلۋەتتە بار، ئۇلارنىڭ قىلمىشىنى ئەخلاقتىن ئىبارەت بۇ توساق توسۇپ قالالمىغان. ئۇلارنىڭ كاللىسىدىكى ئەخلاقنىڭ ساقىندىلىرى ھەر بىر رۇمكا ھاراقنى كۆتۈرگەندە، تاماكىنى ھەر بىر شورىغاندا، چەت ئەلنىڭ جاز مۇزىكىلىرىغا جۆر بولۇپ، بېشىنى ھەر بىر سىلكىگەندە ئۇلارنىڭ مېڭىسىدىن ، ئېڭىدىن ئۈزۈل - كېسىل غايىپ بولغان. نەتىجىدە، ئۇلارنىڭ تەربىيەسى ئاستىدىكى پەرزەنتلەردىن ئەدەب - ئەخلاقنىڭ نېمىلىكىنى، شەرمىي - ھايانىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلمەيدىغان بىخۇد ئەۋلادلار يېتىشىپ چىقىدۇ.
دېمەك، ئەخلاق ھەر بىر شەخسنىڭ ئۆسۈپ - يېتىلىشىدە ناھايىتى مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. ئەل - جامائەت ئالدىدا يۈزىمىز يورۇق بولسۇن، بالىلىرىمىز ئىنسابلىق، دىيانەتلىك، كىشىلەرنىڭ مەستلىكى كەلگۈدەك لېۋەن قىز، بەرنا يىگىتلەردىن بولۇپ چىقسۇن. ئۇلار ئىچكەن ھاراقلىرىنىڭ بوتۇلكا سانىدىن، ئولتۇرغان ھاراق سورۇنلىرىدىن، ئوينىغان ئويۇنلىرىدىن، ئازدۇرغان، «داغدا قويغان» «ئوبيېكىت» لىرىدىن ئەمەس، ئاتا - ئانىسىدىن ئۆگەنگەن شەرم - ھايا، ئەخلاق - پەزىلەتلەردىن، ئۆگەنگەن بىلىم - ھۆنەرلىرىدىن، ھالال ئەمگىكىگە تايىنىپ تاپقان پۇللىرىدىن، ئەلگە قىلغان ياخشىلىقلىرىدىن، يېتىم - يېسىرلارغا، قىيىنچىلىقى بارلارغا يەتكۈزگەن شاپائىتىدىن پەخىرلىنىدىغان ئەقلى ئويغاق ئىز باسارلاردىن بولۇپ چىقسۇن. ئەجدارلىرىمىزدىن بىزگە ئۇدۇم قالغان ئەنئەنىۋى گۈزەل ئەخلاق، مۇستەھكەم ئەقىدىلىرىمىزنى باشقىلارنىڭ چىرىك ئىددىيەلىرى، چاكىنا دۇنيا قاراشلىرىنىڭ ئولجىسى قىلىپ بەرمەيلى. ئۇ بىزنىڭ ھەر جەھەتتىن ساغلام بولۇشىمىزدىكى مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچلۈك رولىنى مەڭگۈ جارىي قىلدۇرسۇن!