ئاتالمىش شېرىن<< مۇھەببەت>>نىڭ نەتىجىسى

مەن بۇ يازمىنى قايسىدۇر بىر چاغلاردا خاتىرەمگە كۈچۈرۈپ ساقلاپ قويغان ئىدىم ...ئۆزەم بەكلا ياقتۇۇرپ ئوقۇغاچقا باشقا دوستلارغىمۇ سۇنغۇم كەلدى ....
___________-
بىلگىن ئامرىغىم ، ھايات كىچىككىنە بىر مەنزىل << مۇھەببەت >> ئاشۇ مەنزىل يولىدىكى چوڭقۇر بىر توزاق ، گۈل سەھەردە ئېچىلىپ چەكسىز توزىغىنىدەك قىسمەت ئىنتايىن رەھىمسىز ، قارا ، ئاۋۇ بىر جۈپلەر نېمە دېگەن خوشھال -ھە !
ئۇلار ئايرىلىشنىڭ تەمىنى تېتىغانمۇ ؟
ياق ، ئۇلار ئايرىلىشنىڭ تەمىنى تېتىمىغان . دەرھەقىقەت ئۇلار ئايرىلىدۇ . بۈگۈنمۇ ، ئەتىمۇ بۇنىسى نامەلۇم .. شۇڭا غاپىللىقتىكى << مۇھەببەت >> ئۇ بىر تاۋكا غا ئوخشايدۇ ، سەن بۇ تاۋكادا دوغا چىققانكەنسەن ، چوقۇم ئۇتتۇرسەن . چۈنكى بۇ تاۋكادا ئۇتۇش دېگەن ئۇقۇم يوق .
رەزىللەر قەلبىدىن بىر نىشان ئوۋلاپ باققىڭ بارمۇ ؟ ياكى << مۇھەببەت >> شەھىرىدىن كۈچۈپ باقاي دەمسەن ؟ بىراق سەن نېمىلا قىلما ، ئاللىبۇرۇن بۇ تاۋكادا دوغا چىقىپ بولدۇڭ .
ئېيتە ئامرىقىم ، پانىي ئالەمدىكى سەن ئېرىشكەن بەخىت ، مەن ئېرىشكەن ئازاپ مەڭگۈلۈكمىدۇ ؟
ياق ، ياق !
پانىي ئالەمدىكى سەن كۆرىۋاتقان بۇ نەرسىلەر مەڭگۈلۈك ئەمەس ، سەن چەكسىز بەخىتنىڭ نەدىلىكىنى بىلمەيسەن . ئەگەر سەن بىلگەن بولساڭ ئىدىڭ ھەر ۋاقىت ئۆلۈمنى ئۇنتۇمىغان بولاتتىڭ ، باقىي ئالەمدىكى چەكسىز ئازاپنى ئۇنتۇمىغان بولاتتىڭ . ئەجىبا سەن ئۆلۈمنىڭ بىزگە ھەر ۋاقىت سايىمىزدەك ئەگىشىپ يۈرىيدىغانلىقىنى بىلمەمدىغانسەن ؟ ئەزرائىلنىڭ بىزگە ھەر ۋاقىت كۆز تىكىپ تۇرىدىغانلىقىنى بىلمەمدىغانسەن ؟
ئېچىنىمەن !
پانىي ئالەمدىكى ئاشۇ نۇمۇسسىز شۆھرەتپەرەسلەرگە ئېچىنىمەن ، ئۇلار ئۇ ئالەمگە نېمىسىنى كۆتۈرۈپ بارار ؟
نەپرەت!
ئۇلارنىڭ بۇدۇنيادا قىلىپ يۈرگەن شەرمەندىلەرچە قىلىقلىرىغا نەپرەت . ئۇلار ئۆزلىرىنى بەخىتلىك ھېس قىلامدىغاندۇ ؟
قانداق ئامرىقىم ، تەييارلىغىڭ پۈتكەندۇ ؟ بۈگۈن ياكى ، ئەتە ، ماڭا ياكى ساڭا ئاخىرەتتىن باغاق كىلىشى مۇمكىن . شۇڭا بىز ھەر ۋاقىت تەييار تۇرىشىمىز كېرەك ! خۇددى جەڭگە تەييارلانغان جەڭچىدەك ، خۇددى ئۆلۈم ئالدىدىكى مەھبۇستەك .
ئېيتە ئامرىقىم ، سەن قايسىسىدەك ئۆلۈشنى خالايسەن ؟
گۈللەرنى قۇتۇلدۇرغىڭ كېلىدۇ ، چۈنكى سەنمۇ بىر گۈل ، ئۇمۇ ھەم شۇنداق . مەن ئۆلۈپ كېتىمەن سەنمۇ ھەم شۇنداق . بۇ دۇنيا تاكى ئىسرافىل ئەلەيھىسسالام سۈر چالغۇچە سەكراتتىكىنىڭ ئاھۇ -زارىنى ، تۇغۇلغاننىڭ قەغىشىنى ئاڭلاپ قېلىۋېرىدۇ ....
سۇئال قويغىن ، گۈل نىمە ئۈچۈن ئېچىلىپ نىمە ئۈچۈن توزۇيدۇ ؟ مەن نېمە ئۈچۈن كېلىپ نىمە ئۈچۈن كېتىمەن ؟ مىنىڭ ھاياتىمدىن ئىبارەك بۇ ئەسەرنى يازغان ئاپتور كىم ؟ سەن بىر دوقمۇشقا كېلىپ قايمۇقۇپ قالىسەن . ھەممە ئەتراپ سۇئال بەلگىسى ، بۇنىڭغا جاۋاپ بەرگۈچى بارمۇ ؟ بار بولسا ئۇ كىم ؟
ھە تاپتىم ! ئۇ ، بولسىمۇ ھىدايەت ئاتا قىلغۇچى ، قەلىبلەرنى زۇلمەتتىن ، ئەقىللەرنى خاتالىقتىن ، ئادەملەرنى زۇلۇمدىن قۇتۇلدۇرغۇچى ......
بۇ يولدا كىممۇ قايمۇقمىغان دەيسەن ! پەقەت ئەقلى كۆزى روشەن كىشىلەرلا بۇ يولدا ئازماي ماڭالايدۇ . لېكىن سەن ۋە مەندەك ئەمالار بولسا ق
بۇ يولدا ئازماي ماڭالمايمىز .
شۇنداق ، باشقىلار مېنى يېتىلىگەن ، مەن ھەم سېنى يېتىلەيمەن ، سەن بولساڭ بالىلىرىمىزنى ، پۈتكۈل ئىنسانىيەتنى يېتىلەيسەن .
بۇنداق قىلىشىمىز بۈگۈن ئۈچۈن ئەمەس ، ئەتە ئۈچۈنمۇ ئەمەس ، بەلكى ئاخىرەت ئۈچۈن ! كۆزۈڭنى يوغان ئېچىپ قاراپ باق ، سەن چوقۇم بىر نۇرنى كۆرىسەن ، ئۇ نۇر يىراقتىمۇ ھەم يېىندىمۇ چاقناپ تۇرىدۇ .
نىمۇ ئۇ پانىي ئالەمدىكى << مۇھەببەت >> دېگەن ، سەن مۇھەببەتنىڭ ھەقىقىسىنى شۇ نۇردىن كۆرىسەن . قەلىبلەردىن ئېچىلغان گۈلنىڭ قانچىلىك خۇشپۇراقلىقىنى بىلىسەن .
قارا ئامرىقىم ، ئۇ نۇر سېنى چاقىرۋاتىدۇ . سەن تونۇپ باق ! ئۇ كىمكەن ؟ مەڭگۈ ئۆلمەس بەخىت ، مەڭگۈ ئايرىلماس مۇھەببەت ، مەڭگۈ توزىماس گۈلنى تاپقىڭ بارمۇ ؟ خالىساڭ ئۇنى تېپىشنىڭ يولىنى مەن ساڭا دەپ بېرەي . ئۇ بولسىمۇ ھېلىقى يول ......
ئانام ئېيتقان ھېلىقى يول....