ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار ،ھەممڭلارغا مەن ئاقتىكەن 611دىن ئوتلۇق سالام . مەن يېڭىدىن تىزىملىتىپ كىردىم ، <<ئاقتىكەن >>دېگەن بۇ تور نامىنى مەن چ چ لاردا ئشلىتىپ كېلىۋاتقان ھەم مېنىڭ مۇبارەك كەنتىمنىڭ ئىسمى ،ئۆزۇممۇ بەك ياقتۇرمەن . بۇ ئىسىمنى ئايرىم تىزىملاتسام ئىشلىتىلىپ بولغان دەيدۇ ، تۇغۇلغان كۇنىمنى قۇشۇپ يازسام ھە دېدى مەنمۇ ھە دەپ مۇشۇنداق تىزىملىتىپ كىرىۋەردىم . شۇڭا بۇ ئىسىمنى بۇرۇن ئىشلىتىپ بولغان ئەزىزنىڭ ئوخشاش بولۇپ قاپتۇ دەپ ئەيىپكە بۇيرىماسلىقىنى چىن دىلىمدىن سورايمەن .
تۇنجى قىتىم ئەزا بولۇپ كىرگەندىكىن ھېچ بولمىسا ئازىراق كۆڭلۇمنى ئىزھار قىلاي دەپ بىر نەچچە كۆپلىت بىر نەزمە -قوشاقلىرىمنى ھوزۇرىڭلارغا سۇنماقچىمەن . مەنمۇ شائىر دېۋالسام دۇنيا شېئىرىيەتچىلىكى زاۋاللىققا يۇزلىنىپتۇ دەپ قالماڭلار ،قىزىق بولسۇن دەپ شۇنداق تېما قۇيۇپ قويدۇم .ھېسيات بەك كەلگەن بىلەن قەلەمنىڭ تايىنى بولمىغاندىكىن ،ئارمانغا چۇشلۇق دەرمان يوق دەپ يازغان شىئىرلارمۇ تازا ئوخشىمايدىكەن . بۇ يەردىكى قەلەمكەشلەرنىڭ تەكىلىپ -پىكىر،قوللاپ قۇۋەتلەشلىرى بىلەن مەنمۇ شائىر بولۇپ قاسام دەيدىغان ئارزۇيۇم بار !!!
ئازابمۇ يىغلايدۇ (شېئىر)
ئاقتىكەن 611
سۆيگەنمۇ بار ،سۆيۈلگەنمۇ ھەم بار ،
مۇھەببەتتە تەبىرى زادى نېمە بەخىتنىڭ ؟
شاتلىقتا ئۆلسەڭمۇ قالار مىڭ ئارمان ،
شاھ تونىنى كىيسەڭمۇ ۋىسال تەختىنىڭ.
سۆيۈلگەن بەخىت ،سۆيگەنمۇ ھەم بەخىت،
تەبىر بەرمەك قىيىن ئەمما كۆڭۈلگە .
ۋاپادىن تورەلسىمۇ ئادەم بولۇر ۋاپاسىز ،
دېمگىن:<< ۋەدىمىز ئەمەسمىدى مەڭگۈگە>>.
<<مەڭگۈ>> دېگەن قانچىلىك بىلمەيدۇ ھېچكىم ،
بىلگىنىڭدە <<تەقدىر>>دەپ چىقىپ قالار جاۋابمۇ .
ئاغرنمىغىن بىراۋدىن ،ياكى ئۇلۇغ تەڭرىدىن ،
سېنىڭ قەدىرىڭ ئۆتۈلگەندە يىغلايدۇ ئازابمۇ .