نۆۋەتتىكى ئورنى:باش بەت >> ئەدەبىي ئەسەرلەر >>
نۇقسانى بار ئايالنىڭمۇ ھۆرمىتىنى جايىدا قىل!(ئاۋازلىق)
يوللىغان ۋاقىت:2010-06-04 19:04:49  يازغۇچى:زىلال-1  كىلىش مەنبەسى:www.basbas.cn  ئاۋاتلىقى:2653   [ مەنمۇ ئەسەر يوللايمەن ]
كىچىك | نورمال | چوڭ             

ئەسەر ئاپتۇرى: تۇرسۇنئاي سادىقۇۋا

ئاۋازدا: زىلال-1

نۇقسانى بار ئايالنىڭمۇ ھۆرمىتىنى جايىدا قىل!!

ئەسلىدە قۇياش ئىككى! بىرى كۆكتە، بىرى بولسا <<ئايال >> نامى بىلەن زىمىندا ياشايدۇ .
ئايال -مەلھىمى دۇنيا !ئۇ-نۇر مەنبەسى!بۈتكۈل ئالامنى قۇياش ، ئادەملەر قەلبىنى ئايال ئىسسىتىپ تۇرىدۇ !دېمەككى كۆكتىكى قۇياش شۇ تۇرۇشىدا تېخى مۇكەممەل ئەمەس ، ئۇنىڭ مۇكەممەللىكى ئايال بىلەندۇر !
ئانىسىز ،ئاچا -سىڭىللارسىز ،ئۆمۈر يولداش ۋە مەھبۇبەسىز ،قىزىڭىزسىز،ھەدە-ھامماچىسىز ۋە ياكى قۇشنا مومىلارسىز قېلىشنى بىر تەسەۋۋۇر قىلىپ كۆرۈڭ -ھە!ئۈستىڭىزدە ئون قۇياش بولسىمۇ ، باھارىڭىز قىشقا ئايلىنىپ ، يازلىرىڭىز ئىزغىرىن بولغاي !
ئەردىن ھۆرمەت سورىلىشى ئايالنىڭ باھاسىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ياكى ئۇنىڭ <<زەئىپە>> ئاتالغىنى ئۈچۈن كۆڭلىنى كۈتۈرۈش مەنىسىدە ئەمەس ، بەلكى ئەركەكنىڭ ئۇنىڭدىن قەرزلىرى بىھەد كۆپلىكى ئۈچۈندۇر . ئەر كىشىگە ئۇدۇل بولغاندىن باشلاپ ، ئايالنىڭ باسقان ھار ئۈچ قەدىمىنىڭ ئىككىسى ئەزىيەتتۇر .ئەمما تەڭرى ئۇنى شۇ قىسمەتكە كۆندۈرۈپ قۇيغان .بۇ ھالەتنى ئۇ ئاددى ياشاش تەرزى دەپ بىلىدۇ .مىننەت قىلمايدۇ ،پىغان چەكمەيدۇ .ئايال ھېچقاچان ئۆزىنىڭ ھۆرمەت قىلىنىشىنى سورىمايدۇ !ھۆرمەت كۆرگۈدەك بولسا ھەيرەت ۋە ھاياجان بىلەن مۇكاپات تەرزدە قارشىلايدۇ !ئۆزىنى بۇ دەرىجىگە مۇناسىپ كۆرمەي .بەزى خىجالەت چىكىپمۇ قالىدۇ . ئۇنىڭ شۇ تۇرىشىنىڭ ئۆزى بۈيۈكلۈكقۇ، بۇرادەر!
<<ئەرنىڭ قەرىزدارلىقى>> دېگەن گەپ كىملەرگىدۇر ياقماس بەلكىم !ئەنە ئاشۇلارغا ئىككى ئېغىز سۆز ئىيتاي!
سىز ئايالغا بىپىسەنتلىكىك بىلەن قاراپ گۇناھقا پاتماڭ . ئەڭ كىچىك مىسالنى ئالايلى :
ھەر قېتىم ئايالىڭىز قۇلىڭىزغا سۇ قۇيۇپ ، ئىگىلىپ ئىۋرىق تۇتقان ۋاقىتلاردا بويىڭىز بىر گەز ئۆسمەمدۇ ؟سىزنى يۇقىرىغا ئۆتكۈزۈپ ، ئۆزى پەگادا خىزمىتىڭىزگە تەييار تۇرغاندا ئۆزىڭىزنى پادىشاھ سەزمەمسىز ؟گۈللەپ تۇرغان بادام نۇتىسىدەك بىر ئايالنىڭ ئىشىكىڭىزدىن باش ئېگىپ تۇرۇپ ، كۆزىڭىزگە تەلمۈرۈپ تۇرۇپ ، ھايات-ماماتىنى سىزگە بېغىشلاپ ، قاتتىق بوسۇغىڭىزغا باش قۇيۇپ ياشاشقا باشلىشىنىڭ ئۆزى سىزنى كۆكلەرگە كۆتەرمەمدۇ ؟!ئۆزىنىڭ نىمىلەرگىدۇر تارتىۋاتقان كۆڭلىنى قەيەرلەرگىدۇر كۆمۈپ قۇيۇپ ،تائامنىڭ سىزگە ياقىدىغىنىنى پىشۇرسا، سىز ئامراق چاينى دەملىسە ، سىزنىڭ دىتىڭىزغا ماسلىشىپ داستىخان بېزىسە !بۇ سىز ئۈچۈن ئاسمانىي مۇكاپات ئەمەسمۇ، بۇرادەر؟
<< بەرگەن خۇداغا يېقىپتۇ >> دېگەن نەقىل بار .ئايال ھۇزۇرىنى يوقىتىپ سىزگە ھوزور بېرىۋاتىدۇ .سىزنىڭ بۇ خۇسەنلىكىڭىزدىن تەڭرىمۇ خۇرسەن . ئەمما بەندىلەرنى رازى قىلش سىزنىڭمۇ يەلكىڭىزدىكى يۈك !ئۆزىڭىزمۇ ئايالىڭىزدەك مېھنەتلىرىگە يارىشا ئۇنى خوشھال قىلىشنى ھە ر قېتىم يۈرىكىڭىزگە تۈگۈپ قۇيۇڭ، بۇرادەر!
ئەھلى ئايالىغا ئىززەت-ئېكرام كۆرسىتىدىغان ئەرلەر ئىنتايىن كۆپ ، ئەمما ياخشى ئاياللارنىڭغىنا ھۆرمەتلىنىشى تېخى چوڭ ساۋاپ ئەمەس .<< كاسسىنىڭ تېگىدە يېرىم كاسسا>>دېگەندەك بىر ئىشارە،يەنى<<كۆڭۈلدىكىدەك بولمىغان ئايالنىمۇ ھۆرمەت قىلشنى بىل >>دېگەن مەنە ياتىدۇ ! تىلى يۈگۈرۈك ،پېئىلى تېزياكى تۇتۇمى يامان ئايال ئەڭ خۇنۈك ئايالدۇر .مېنىڭ ياكى باشقا كىمنىڭدۇر ئۇنى شۇنداق ئاتىشىمىز ،يامان كۆرۈشىمىز مۇمكىن .
ئەمما ھۆرمەتلىك ئەر ، سىز ھەرگىز بۇنداق قىلالمايسىز !ئىچىڭىزدە يامان كۆرۈپ تۇرسىىڭىزمۇ ، ئۇنىڭغا يامانلىق كۆرسەتمەيسىز . بۇ ئىنساپتىن ئەمەس ، تەڭرىمۇ رازى بولماس !سەۋەبى، خىرەلىشىپ قالغان كۆزنى ئۇيۇپ تاشلايمىز ، ئاقساۋاتقان ئاياغنى كېسىپ تاشلايمىز ، چۈكى ئۇلار شۇ تۇرۇشىدا سىزگە كېرەك .بۇ بىرىنچىسى .
ئىككىنچىدىن ، ئاياغلىرىڭىز گۈرسۈلدىگەن ،كۆزلىرىڭىز چاراقلىغان ئىدى ، ئۇلار سىزنىڭ خىزمىتىڭىزدە شۇنداق ھالغا كەلدى !سىزگە مەقبول بولماي تۇرغان ئايالىڭىزمۇ تىرىكىڭىز، سىز ئۈچۈن پىدا بىر جاندۇر .
ئىنچىكىلەۋەرسەك ، ئۇمۇ بىكارغا بەدپېئىل بۇلۇپ قالمىغان ! ئايال سىزگە ياقمىغان ئەلپازدىمۇ قازىنىڭىزنى ۋاژىلدىتىپ ،چىرىقىڭىزنى يېقىپ يۈرىۋېرىدۇ . ئوتۇڭىزدىن كىرىپ سۈيىڭىزدىن چىقىۋېرىدۇ . ئېغىر ئاياغ ھالىتىدىمۇ شۇنداق ، تىنىمى يوق.ئىچىدىكى بالىسى ئۇنىڭ ئۆپكە - جىگرىگە بۇدۇشقاقتەك يېپىشىپ ، باغرىدىكى بار مېغىزىنى شۈمۈرۈپ تۇرسىمۇ ، ئاياغلىرى بوشىشىپ ، <بىكارغا ئېغىر ئاياغ دىمەيدۇ > ، بېلى ئۈزۈلەي دىسىمۇ يېتىۋالمايدۇ .ئائىلىنىڭ ، سىزنىڭ خىزمىتىڭىزنى قىلىۋېرىدۇ!سىزنىڭچە ھۆرمەت ئۇنىڭغا بولماي كىمگە بولسۇن ؟! << كۆزى يورۇدى>> دەيدۇ ۋە بىكارغا ئۇنداق دىمەيدۇ .پەرزەنىت كۆرۈش جەريانىدا ئايال قاراڭغۇ گۆرنى كۆرۈپ قايتىدۇ ، << يا ھايات ،يا مامات>> دەپ قىلىچنىڭ بىسىدەك قىل كۆۋرۈكتىن ئۆتىدۇ .كۆزى يورىۋاتقاندا ، ئايال سۆڭەكلىرىنىڭ قىرىسلاپ سۇنىۋاتقىنىنى ئاڭلاپ ، گۆش تالالىرىنىڭ ئۈزۈلۋاتقىنىنى بىلىپ تۇرىدۇ .جېنى كۆز چانىقىدىن چىقاي دەپ تۇرسىمۇ ، << دوختۇر قاندا ق قىلىپ بولمىسۇن بالامنى تىرىك ئېلىڭ >> دەپ پەريات ئۇرىدۇ !ئۆزۈم نىمە بولىمەن دىيىش يوق !ئېيتىڭچۇ، بۇرادەر ،ھۆرمەت پەقەت ئۇنىڭغا بولماي كىمگە بولسۇن !بالا ئانىنىڭ ھەممە ئەزاسىدىن ئۈزۈپ -يۇلۇپ ئېلىنىپ شەكىلگە كىرگەن ۋۇجۇتتۇر !ئۇ تۇغۇلغاندا قوللىرى مۇش ھالەتتە بولىدۇ . قاراڭكى بالا چۈشتىمۇ ئانا قۇرسىقىنىڭ ئاغرىق نەملىرىنى چاڭگاللاپ چۈشىدۇ . يەنە بىر مۆجىزىنى كۆرۈڭ ،
ئەگەر بالا تۇغۇلغان ھامان ئانىسىنىڭ قۇرسىقىغا دۈ م ياتقۇزۇپ قۇيۇلسا ، تېخى كۆزلىرى ئېچىلماي تۇرۇپ ، سىلاپ سىپاپ ئانا كۆكسىنى ئۆزى تاپىدۇ ۋە ئەممەككە تۇتۇنىدۇ ! ئېيتىشلارغا قارىغاندا سۈت ئاق رەڭدىكى قان ئىكەن ، دېمەك بالا تۇغۇلغان ھامان ئانىنىڭ قېنىنى شوراشقا چۈشىدۇ ! پەرزەنتنىڭ <<شېرىن دۈشمەن >>ئىكەنلىكىنىڭ دەسلەپكى مىسالى شۇ!بالىنى ۋايىغا يەتكۈزۈش دېگەن جەڭگاھ ھەر بىر ئانىدىن ئۆزىنى قۇربانلىققا ئاتىۋېتىشنى سورايدۇ . قايىل بۇلۇڭكى ، بۇ يولدا ياخشى ئايالمۇ ، يامان ئايالمۇ جېنىنى بىردەك تىكىدۇ ! ھەزرىتى ئەركەك!ئايال سىزنىڭ پىلىكىڭىزنى كۆپەيتۈرمەن دەپ ۋەيرانىغا ئايلىنىدۇ !ئۇ سىزنىڭ نامىڭىزنى ئۈچۈرمەسلىك ئۈچۈن جېنىدىن كېچىشكە تەييار تۇرىدۇ !بۇ پىدائىي جان كەمچىللىكتە ئىشىپ -تېشىپ كەتكەندىمۇ ، مىڭ ئەمەس مىليون ھۆرمەتكە لايىق ئەمەسمۇ ؟!نۇقسانى بار ئايالنىڭمۇ ئاياللىق ھۆرمىتىنى جايىغا قويغان ئەركەك - يىگىتنىڭ ياخشىسىدۇر!تەڭرى رازىلىقى ئۈچۈنمۇ ئاسراڭ ئايالنى !بۇ خاكسار ئايالغا قاتتىق تەگمەكچى بولغان قوللىرىڭىزنى ئۆزىڭىز سوتلاڭ !ئۇنىڭغا ئازار بېرىدىغان سۆزلەرنى ئاتماقچى بولغان تىلىڭىزغا ئوتلارنى بېسىڭ !ئۇنىڭ تىنىنىڭ ساقلىقىنى ئويلىمىغان كۈننلىرىڭىزنى قارا دەپ ئاتاڭ ! ئايالىڭىزنىڭ تولماي تۇرغان كۆڭلىنى ۋە ئاغرىپ تۇرغان جېنىنى چۈشىنىشنى بىلىڭ .ئۇلۇغلىغىنىڭىز شۇ ، ئەزىزىم!!!! ئەڭ ئاخىرىدا تۈۋەندىكى سۆزلەر بىلەن بۇ تېمىنى ئاخىرلاشتۇرىمەن:
ئاياللار - ۋاپادار ئەر ئالدىدا ساداقەتمەنگە ، قاقباش ئەر ئالدىدا ھىيلىگەرگە ، نادان ئەر ئالدىدا سېھرىگەرگە ،ۋاپاسىز ئەر ئالدىدا جادۇگەرگە ئايلىنالايدىغان ،ئەرلەر رېژىسسورلىقىدىكى تۇرمۇش سەھنىسىدە ئىجابىي بەزىدە سەلبىي رول ئالالايدىغان كۆپ قىرلىق ماھىر ئارتىس . ئەرلەرنىڭ ئاياللار ئۈستىدىن قىلغان شىكايىتى ئۆزلىرى ئۈستىدىن قىلغان شىكايىتىدۇر.

 

تورداش << زىلال-1>> نىڭ باشقا تور ئەسەرلىرى
تېخىمۇ كۆپ ئەسەرلىرىنى كۆرمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى بېسىڭ
تور بېكەت ھەققىدە | شىركەت ھەققىدە | خېرىدارلىرىمىز | ھەمكارلىشىڭ | ئېلان بىرىڭ | ئالاقىلىشىڭ | پىكىر بىرىڭ
Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备09005194号 增值电信业务经营许可证 新B2-20050027号
ئالاقىلىشىش تېلېفۇن: 15999163133 ، 18999105493
互联网电子公告(BBS)服务资质       移动网信息服务业务资质
!تور بېكتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق فىلىم ۋە ناخشا مۇزىكىلار ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان، ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغان دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ