نۆۋەتتىكى ئورنى:باش بەت >> تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق >>
نىكاھ سىرتىدىكى مۇھەببەتىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش كىرەك؟
يوللىغان ۋاقىت:2010-06-04 16:28:04  يازغۇچى:بايۋەچچە  كىلىش مەنبەسى:www.basbas.cn  ئاۋاتلىقى:1312   [ مەنمۇ ئەسەر يوللايمەن ]
كىچىك | نورمال | چوڭ             

 نىكاھ سىرتىدىكى مۇھەببەتىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش كىرەك؟


كولومبىيە ئۈنۋېرسىتى كىلىنىكىلىق نىرۋا شۇناس پېراپىسورنىڭ قارىشىچە ،ئەرلەر مەغلۇپ بولسا،نىكاھ سىرتىدىكى مۇھەببەت بىلەن ئۆزىنىڭ كۈچىنى ئىسپاتلايدىكەن ،ئاياللار بالا تەربىلەش جەرياندا ،ھرىپ-چارچاپ كەتسە نىكاھ سىرتىدىكى مۇھەببەت بىلەن ئۆزىنىڭ جەلىپ قلىش كۈچىنى ئىسپاتلايدىكەن .مەيلى قانداق بولىشىدىن قەيئىنەزەر، جۈپتىنىڭ ۋاپاسىزىلىقى ئادەم ھاياتىدىكى ئەڭ زور زەربە بولۇپمۇ،ئاياللارغا شۇنداق.بەخىتسىزلىك بىشىغا كەلگەندە نۇرغۇن ئاياللار ئاچچىق ۋە غەزەپ سەۋەبىدىن ئەقىلىنى يوقىتىپ قويىدۇ،ئۇرۇشۇپ جىدەل قلىشىپ، نىكاھ مۇناسىۋىتىنىڭ تىخىمۇ يىرىكىلىشىپ كىتىشىىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

 تۆۋەندىكى مۇشۇ ئىشلارنى باشتىن كەچۈرگەن ئايالنىڭ بايانى


مەن ئىرىم بىلەن توي قلىغىلى 7 يىل بولدى،مەن ئائىلەمىنى ئىنتايىن ياخشى كۆرەتتىم،بۇ 7 يىلىدىن بىرى ئىرىم بىلەن مۇناسىۋىتىمىزمۇ ياخشى كىتىىۋاتاتتى،بىراق يىقىنىدىن بۇيان ئىرىمنىڭ مۇئامىلىسىنىڭ بۇرۇنقىغا ئوخىشىماي قالغانلىقىنى بايقاپ قالدىم، ئۇ ھەر كۈنى ئىشتىن چۈشكەندىن كىيىن،ۋاقتىدا ئىشتىن قايتىمايدىغان بولىۋالدى،دائىم خىزمىىتىم ئالدىراش،ئىسمىنا قوشۇپ ئىشلەيمەن دەپ كىچىكىپ كىلەتتى.گەرچە ئانا-بالا ئىككىمىزگە كۆڭۈل بۆلسىمۇ،لىكىن مەن ئۇنىڭ مەندىن بىر ئىشنى يوشۇرۋاتقاندەك ھېس قىللاتتىم.

ھەپتە ئاخىرى، مەن ئاتا-بالا ئىككەيلەنگە تاماق تەييارلاۋاتاتتىم،شۇ ۋاقتتا، ئىرىمغا تىلغۇن كىلىپ قالدى،ئىرىم تىلىغۇننى ئىلىپ،<< شىركەتتە ئازراق ئىشىم چىقىپ قالدى،سىلەر مىنى ساقىلىماي تاماقىنى يەۋىرىڭىلار>>دەپ قويۇپ چىقىپ كەتتى.
مىنىڭ گۇمانىم تىخمۇ كۈچەيدى،كىين مەن ئۇنىڭ قول تىلغۇنىنى ئوغۇرلۇقچە تەكشۈردۈم،تىلغۇن قىلىغىنى ئەسىلى ئۇنىڭ كاتىۋى ئىكەن،مەن ئۇنىڭ نىمىدىن دىرەك بىرىدىغانىلقىنى بىلەتتىم،ئىختىيارسىز كۆز يشى قىلىدىم،ئۇ ناھايتى ياخشى قىز ئىدى،بىز ئۇنىڭ بىلەن بىرگە تاماق يىگەن،ئۇ نىمشىقا؟ مەن غەيرەتكە كىلىپ ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشتۈم،بىز بىر قەھۋەخانىغا كىردۇق،مەن نىمە دىيشىمىنى بىلەلمەي،ھاڭۋىقىپ تۇرۇپ قالدىم. ئۇ ئاۋۋال ئىغىز ئاچتى.

--مەن سىزنىڭ چوقوم مىنى ئىزدەپ كىلىدىغانلىقىڭىزنى بىلەتتىم.

--بىلەمتىڭىز؟مىنىڭ نىمە دەيدىغانلىقىمنى بىلەمسىز؟

--بىلىمەن،منىڭچە مەن خاتالاشمىدىم،مەن سىزنىڭ بىر نەرسىڭىزنى تارتىۋالماقچى ئەمەس.

--بىراق سىلەر ھازىرمۇ بىللىغۇ؟
--توغرا،چۈنىكى ئۇ ماڭا مۇھتاج،مەنمۇ ئۇنى ياخشى كۆرىمەن،مەن ئۇنىڭغا ياردەم بىرىشنى ئويلايمەن،ئۇ شىركەتنىڭ باش دېركتورى، نۇرغۇن ئادەمىنى باشقۇرغان بىلەن ئۇنىڭمۇ نۇرغۇن ئازابى بار.سز ئۇنىڭ ئايالى،سىز ئۇنىڭ نىمىگە ئەڭ ئىھتىياجىلىق ئىكەنىكىنى بىلەمسىز؟ سز ئۇنىڭ كەيپىياتىنىڭ ياخشى بولمىغان ۋاقتتا،باشقىلارنىڭ تەسەللىسىگە مۇھتاج ئىكەنلىكىنى ئويلاپ باقتىڭىزمۇ؟ گەرچە سىز ھەر كۈنى ئائىلەم ،بالام،ئىرىم دەپ جاپا چىكىپ،ئاياللىق مەجبۇرىيتىڭىزنى ئادا قلىغان بىلەن ئىرىڭىزنىڭ ھازىرمۇ سىلەر توي قىلشتىن ئىلگىرىكى،ئىللىق مۇھەببەتكە مۇھتاج ئىكەنىلىكىنى ئويلاپ باقتىڭىزمۇ؟

--سىز مىنىڭ ئىلگىرى قانداق ئىكەنلىكىمىنى قانداق بىلسىز؟

--بۇنىڭ ھەممىسىنى ئىرىڭىز ئىيتىپ بەرگەن،ئۇ،سىزنىڭ بۇ بىر قانچە يىلىدىن بىرى بۇ ئائىلە ئۈچۈن قوشقان تۆھپىڭىزگە تەشەككۇر ئىيتىىدىكەن،لىكىن سىزنىڭ ئائىلە ئايالى بولۇپ قلىشىڭىزنى خالىمايدىكەن،ئۇ ئەزەلدىن ئانا-بالا ئىككىڭىلارنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدۇ،سىلەرنى تاشلىۋىتىشىنى ئويلاپ باقمىغان،ئۇ پەقەت كەيپىياتى ناچار ۋاقتتىلا مىنى ئىزدەپ مەن بىلەن پاراڭلىشىدۇ،چۈنىكى ئۇنىڭ كۆڭلىدىكىنى مەنلا بىلىمەن،مەن سىزنىڭ مىنى ئىزدەپ كىلىدىغانلىقىڭىزنى،مىنىڭمۇ ئىرىڭىزنى تارتىۋىلىش نىيىتىمنىڭ يوقىلىقنى بىلىمەن،پەقەت ئۇنىڭ ياخشى تۇرمۇش كەچۈرىشىشىنى تىلەيمەن،مەن بۇنىڭدىن كىيىن سىزنىڭ تۇرمۇشىڭىزغا پاراكەندىچىلىك سالمايمەن.

ئۇ شۇنداق دەپلا چىقىپ كەتتى.
ئەسلىدە مەن خاپا بولىشىم كىرەكىتى،لىكىن مەن ئۇنداق قىلالىمىدىم،چۈنكى ئۇنىڭ دىگەنلىرى توغرا ئىدى،مەن ھەققىقەتەن ئائىلە ئۇچۈن نۇرغۇن قان-تەرىمىنى سەرىپ قىلغان بولساممۇ،لىكىن، ئىرىم بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ باقماپتىمەن،مەن ئۆزۈمىنىڭ ئۇسۇلى بىلەن ئۇنىڭغا يىمەك-ئىچمەك،كىيىم-كىچەكنى تەييارقىلىپ بىرىپتىمەنۇ لىكىن ئۇنىڭغا روھى جەھەتتتىن تەسەللى بەرمەپتىمەن.
مەن ئىرىمىنىڭ ئاشنىسىدىن قانداق خوتۇن بولۇشىنى ئۆگىنىۋالدىم.

شۇنىڭىدىن باشلاپ،مەن ئىرىمغا بولغان مۇئامىلەمىنى،ئۇسۇلۇمنى ئۆزگەرتتىم ئىرىممۇ مىنىڭ يىنىمغا قايتىپ كەلدى.
ئاياللار بۇنداق ئىشلارغا دۇچ كەلگەن ۋاقىتتا،چوقۇم سالماق بولۇپ بىر تەرەپ قىلىشى،تۆۋەندىكىدەك ئەھۋالغا چۈشۈپ قالماسىلىقى كىرەك.
1.ئىرىنىڭ ئاشنىسى بارلىقىنى باشقىلارغا ئىيتىش
ئەگەر سىلەرنىڭ مۇناسىۋىتىڭلارنى ساقلاپ قلىش ئىمكانىيىتى بولسا،سىز ئۇ ئىشلارنى باشقىلارغا ئىييىتسىڭىز،كىيىنىكى تۇرمۇشىڭلارغا ئاۋارىچىلىك تۇغدۇرىدۇ.  
2.ئۆزىمۇ ئاشنا ئىزدەش
ئامىرىكىلىق مەسىلھەتىچى مۇتەخەسىس ئۆچ ئىلىش جاراكتىرلىك نىكاھتىن سىرىت مۇھەببەتلىشىشتىنمۇ قورقۇنچىلىق ئىش بولمىسا كىرەك دىگەن.ئۇ خىل ئۆچ ئىلش ئارقىلىق ئۆزىىنى رازى قىلش ئاخرىدا بۇزغۇنىچىلىق خاراكتىرلىك ئاقىۋەت ئىلىپ كىلىدۇ.
3.ئىرنىڭ خىزمەت ئورنىغا بىرىپ غەلۋە قىلىش
بۇنداق قلىش-بەلىكىم ئىرىڭىزنىڭ خىزمىتى ،ئابرويىنى يوقىتىپ،ئاخرىدا نىكاھىنىڭ مەڭگۈلۈك بۇزۇلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مومكىن .
4.ھەممىدىن ئىشەنچىسىنى يوقىتىش
بۇنداق قىلىش-ئازابنى تىخمۇ ئىغىرلاشتۇرغانغا باراۋەر،سز ھەرگىز باشقىلارنىڭ خاتالىقى سەۋەبىدىن ئۆزىڭىزنى ئازابىلىماسىلىقىڭىز كىرەك.
تەربىيە كۆرگەن ئەقللىق ئاياللار ئىرنىڭ تاپتىن چىقىپ كىتىش مەسلىسىنى ئەقىل بىلەن، ئىغىر بىسىقىلىق بىلەن ھەل قىلىشى كىرەك،بۇ نىكاھىنى قوغداش جەريانىدا قوللىنىلىدىغان ئەقلى تاللاش.

 

تورداش << بايۋەچچە>> نىڭ باشقا تور ئەسەرلىرى
تېخىمۇ كۆپ ئەسەرلىرىنى كۆرمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى بېسىڭ
تور بېكەت ھەققىدە | شىركەت ھەققىدە | خېرىدارلىرىمىز | ھەمكارلىشىڭ | ئېلان بىرىڭ | ئالاقىلىشىڭ | پىكىر بىرىڭ
Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备09005194号 增值电信业务经营许可证 新B2-20050027号
ئالاقىلىشىش تېلېفۇن: 15999163133 ، 18999105493
互联网电子公告(BBS)服务资质       移动网信息服务业务资质
!تور بېكتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق فىلىم ۋە ناخشا مۇزىكىلار ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان، ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغان دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ