كەلگۈسى ئايالىڭىزنى قانداق تاللايسىز؟
بىر-بىرىنىڭ تەبىئەت ۋە خۇلقىنى ياقتۇرمىغان كىشىلەر ھەتتا بىر-ئىككى چاقىرىملىق يەرگىمۇ بىرگە بارالمايدۇ، شۇنداق ئىكەن بۇ دۈنيا سەپىرىدە بىر-بىرىگە ئۈمۈر يولدىشى بولىدىغان ئەر-ئايالنىڭ تەبىئىتى بىر-بىرىگە مۇۋاپىق بولمىسا ،دۈنيا سەپىرىنى قانداق داۋاملاشتۇرىدۇ،قانداق قىلىپ بىر جان ،بىر تەن بولالايدۇ؟شۇنىڭ ئۈچۈن سەپەرداش ،ئۈمۈر يولدىشى بولىدىغان ئايالنىڭ ھالىنى ئازراق بولسىمۇ بىلىش لازىم بولىدۇ.
بولغۇسى ئايال پاك نەسەبلىك ،گۈزەل ئەدەپلىك ،ئەقىللىق ،تىنى سالامەت،ئىشەنىچلىك كىشىلەرنىڭ ھوزورىدا تەربىيە ئالغان ،ئانىلار ۋە ئاياللارنىڭ زىممىسىدە بولغان ۋەزىپىلەردىن خەۋەردار،دۈنيانىڭ ئاق-قارا كۈنلىرىدە جۇرىسىغا ياردەم قىلىدىغان بولۇشى كىرەك.كىلەچەك كۈنلەرنىڭ مەئىشەتلىرىنى گۈزەل تەرتىپ بىلەن تۈزۈش ئىنسانلار ئۈچۈن زۈرۈر بولغىنىغا ئۇخشاش ،خۇتۇن ئېلىشتىمۇ بۇ تەرتىپتىن چەتكە چىقىش مۇۋاپىق ئەمەس.بالىلارنىڭ تەربىيىلىك ،ئىتائەتلىك بولىشىنى ئارزۇ قىلمايدىغان ئادەم بولمىسا كىرەك،بۇنىڭ ئۈچۈن تەربىيىدە پىشقان،ئىتائەتلىك بىر ئانا تاللاش كىرەك،چۈنكى تەربىيىسىز ئايالدىن گۈزەل خۇلىقلىق بالا چىقىشى ناتايىن.
تەربىيىلىك ئەقىللىق ئايال ئېرىنىڭ كۈڭلىنى ئۈزىگە رام قىلالايدۇ،ئەرلەر ئاياللاردىن رازى بولسا ۋە كۈڭلى ئۇلارغا باغلانسا بۇ ئىشتىن كىلەچەكتە زور مەنپەئەت ھاسىل بولىدۇ،كۈڭلى ئايالىغا باغلانغان ئەر قەيەرلەردە بولمىسۇن نۇمۇسسىزلىققا بىرىلمەيدۇ،ئۈز كۈڭلىدە ھۈرمەتلىك بولغان ئايالىغا خىيانەت قىلمايدۇ،ئۇنىڭ بارلىق راھىتى ۋە سەرپ- خىراجىتى ئۈز ئائىلىسىدىكى زۈرۈر نەرسىلەر ئۈچۈن بولىدۇ،،ئورۇنسىز يەرلەردە يۈرۈپ سالامەتلىكىنىڭ ئاساسى بولغان ئۇيقۇسىدىن قالمايدۇ ۋە بەدىنىنىڭ قۇۋۋىتىنىمۇ زايە قىلمايدۇ،شۇ سەۋەپتىن ئايالنىڭ گۈزەل ئىتىقادى ئېرىنىڭ ئالدىدا مەھكەم بولىدۇ،ھىمايىچىم ۋە پاكىز ئېرىم دىگەن ئىتىقادنى ئايالنىڭ كۈڭلىدە شەكىللەندۈرۈش لەززىتىنى ،ئىپپەتلىك ئەر بولماقلىقنىڭ ۋە ھامىيلىقنىڭ بۈيۈك بىر مەرتىۋە ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ،شۇنداقلا ساپ ھەم ئىپپەتلىك ھامى ئەر بولىدۇ.
مەنبە:«ئەدەپ ئەخلاق مېزانلىرى»ناملىق كىتاپ