نۆۋەتتىكى ئورنى:باش بەت >> مەدەنىيەت - تارىخ >>
ئـــاتىلـــلا
يوللىغان ۋاقىت:2010-06-02 12:57:21  يازغۇچى:ئىدىل  كىلىش مەنبەسى:www.basbas.cn  ئاۋاتلىقى:0   [ مەنمۇ ئەسەر يوللايمەن ]
كىچىك | نورمال | چوڭ             

ئاتىللا

( قىسقىچە تەرجىمىھالى)

 

394 – يىلى مەشھۇر ھونلار پادىشاھى ئاتىللا تەۋەللۇت بولىدۇ .

 ئاتىللانىڭ ئون توققۇزىنچى بوۋىسى مەتە باتۇر 156 – يىلى ئۇرۇشتا ھالەك بولىدۇ . مەتەنىڭ ئون بەشىنچى ئەۋلاد نەۋرىسى بالام– ئىر  400 – يىلى ۋاپات بولىدۇ . ئۇنىڭ ئوغلى— ئۇلدۇس ، ئۇلدۇسنىڭ ئوغلى — قاراتون ، قاراتوننىڭ ئوغلى — مانچۇك : بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆز زامانىسىدا تەڭرىقۇت بولۇپ  تەختتە  ئولتۇرىدۇ . مانچۇك  ئارال  دېڭىزى ، جەنۇبىي ئورال ، دىنېپىر بويلىرىدىكى پۈتۈن خەلقنى  بىرلىككە  كەلتۈرۈپ ، 434 –يىلى  ۋاپات  بولىدۇ . مانچۇكتىن  ئاتىللا ھەم بوتا ئىسىملىك ئىككى ئوغۇل قالىدۇ .

مانچۇك ئۆلگەندىن كېيىن  ، تەخىتكە 40 ياشلىق ئاتىللا ۋارىسلىق قىلىدۇ . 434– يىلدىن باشلاپ ، ئاتىللا ئىدىل بويىدىن تارتىپ دوناي دەرياسىغا قەدەر بىپايان زىمىندا ھۆكۇمراىلىق قىلىپ پادىشاھ بولىدۇ . 440– يىلى ئۇ پىيونىيەنى( ماجارستان — ۋېنگرىيەنى) بېسىپ ئالىدۇ . 447– يىلى بالقان ئارىلىنى ، رىمنى تىز پۈكتۈرىدۇ . گېرمانىيە ، فرانسىيە يەرلىرىنى بويسۇندۇرىدۇ . بۇ چاغدا ئاتىللانىڭ ئەسكىرى 100مىڭغا يېتىدۇ .  

رىم ھۇكۇمرانى لېئون پاپا پۈتكۈل خرستىيان  دۇنياسىدىن 200 مىڭ  ئەسكەر  توپلاپ ، ئاتىللاغا قارشى چىقىدۇ . 451 يىلى20– ئىيوندا ئىككى تەرەپ رەسمىي ئۇرۇش قاينىمىغا كىرىدۇ .  ئىككى  يۈزمىڭ  خرستىيان ، يۈز مىڭ مەجۇسىي ئەسكىرى — ھەممىسى  ئۈچ يۈز مىڭ ئەر ۋە ئۈچ يۈز مىڭ ئات — ئالتە يۈز مىڭ جان ئىگىسى يىگىرمە تۆت سائات بويى بىر – بىرىسىنى چېپىپ – چەيلەپ ، قانغا بويايدۇ .ئىككىنچى كۈنى خرستىيان ئەسكەرلىرى يېڭىلىپ قېچىشقا باشلايدۇ . ئاتىللا قوشۇنى ئۇلارنى قوغلاپ ، قىرىپ ، رىم شەھىرىگە قەدەر باستۇرۇپ بارىدۇ .

رىم پادىشاھى  لېئون  پاپا  ئاتىللاغا  يالۋۇرۇپ ، شەھەرنى ۋەيران قىلماسلىقنى تىلەيدۇ . ئاتىللا كۆپ ئالۋان – ياساق ئېلىش شەرتى بىلەن رىمغا كىرمەيدۇ ، شەھەرنى ۋەيران قىلمادۇ .

453–يىلى ئاتىللا  خرستىيان  جاسۇسلىرى  تەرىپىدىن  قەستكە ئۇچىراپ ، ۋاپات بولىدۇ . ئاتىللا كۆپ خوتۇنلۇق بولغاچ ، بالىلىرىمۇ جىق بولىدۇ . ئاتىللانىڭ ئەڭ سۆيۈملىك خوتۇنىنىڭ ئىسمى كەركە بولۇپ ، ئۇنىڭدىن  ئىللاق ، تىڭچىق ( دېڭىزچىق ) ئىسىملىك ئوغۇللىرى  تۇغۇلىدۇ .

ئاتىللا ئۆلگەندىن كېيىن ، ئۇنىڭ كۆپ خوتۇنلىرىدىن توغۇلغان بالىلىرى ئارىسىدا قاتتىق غوۋغا كۆتۈرىلىدۇ . ئاخىرى ، ياۋروپا ھۇن پادىشاھلىقى شۇنىڭ بىلەن يىمىرىلىدۇ .

 

ئەسكەرتىش : ھازىر بۇ ھون تەڭرىقۇتىنىڭ ئىسىمى " ئاتىللا " ۋە "ئاتتىلا " دەپ ئىككى خىل ئېلىنىۋاتىدۇ . تارىخىي مەنبەلەردىمۇ شۇنداق ئىكەن .مەن كۆپرەك ئومۇمىلاشقان ئىسىمى " ئاتىللا " نى قوللاندىم .

تورداش << ئىدىل>> نىڭ باشقا تور ئەسەرلىرى
تېخىمۇ كۆپ ئەسەرلىرىنى كۆرمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى بېسىڭ
تور بېكەت ھەققىدە | شىركەت ھەققىدە | خېرىدارلىرىمىز | ھەمكارلىشىڭ | ئېلان بىرىڭ | ئالاقىلىشىڭ | پىكىر بىرىڭ
Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备09005194号 增值电信业务经营许可证 新B2-20050027号
ئالاقىلىشىش تېلېفۇن: 15999163133 ، 18999105493
互联网电子公告(BBS)服务资质       移动网信息服务业务资质
!تور بېكتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق فىلىم ۋە ناخشا مۇزىكىلار ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان، ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغان دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ