نۆۋەتتىكى ئورنى:
باش بەت
>>
ئەدەبىي ئەسەرلەر
>>
كـــۆزلــــەر (شەبىنەم)
يوللىغان ۋاقىت:2010-06-02 11:33:49 يازغۇچى:شەبىنەم كىلىش مەنبەسى:
شەبىنەم
ئاۋاتلىقى:
0
[ مەنمۇ ئەسەر يوللايمەن ]
كىچىك
|
نورمال
|
چوڭ
بۇ كۆزلەر ماڭا قاچانلاردا تىكىلگەندۇ؟ بۇنى ھېچ بىلمىدىم. مەن بۇ كۆزلەردىن مەندىن نىمنىدۇر تەلەپ قىلغانلىقنى ھېس قىلاتتىم. كۈنلەر ئۆتتى ... ۋاقتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ مەن ئۇ كۆزلەردىن چاقناپ تۇرغان سۆيگۈ ئۇچقۇنلىرىغا بەرداشلىق بىرەلمەي قالدىم ، مەن ئۇ كۆزلەرگە قارىغىنىمدا جىسممىدا ئىللىق بىر ئېقىم ھاسىل بۇلۇپ چەكىسز ھاياجانغا چۈمەتتىم. ئۇ كۆزلەرنىڭ مەندىن ئەڭ پاك ، سەمىمى مۇھاببەت تەلەپ قىلۋاتقانلىقنى بىلىگىنىمدە يۈرەكلىرىم رىتىمىسىز سۇقۇپ دەرھال كۆزلىرىمنى يۇشۇراتتىم، ئەمما ئۇ ئۈمۈد بىلەن تولغان كۆزلىرنى ھەر ۋاقىت ماڭا ئاغدۇراتتى . مەن ئۇ كۆزلەرنى قەلىبىم بېتىنىڭ تۇنجى ۋاراقىلىرىغا نەقىش قىلىپ چەكتىم. ئۇ كۆزلەرنىڭ قانداقتۇر بىر مۇڭلۇق كۈينىڭ تۇنجى نوتىسىنى مىنىڭ كۆزلىرىمگە سىزۋاتقاندەك قىلاتتى.ئۇ لىرىك كۈيلەر ھەر ۋاقىت مىنى ئۆز مەيىلگە تارتاتتى ، مەنمۇ ئىختىيارسىز ھالدا ئۇ كۆزلەرنى ئىزدەيدىغان ، ئۇنۇڭىدىن ئۆزەمگە تەسەللى تاپىدىغان بولدۇم. ئۇ كۆزلەرنىڭ ماڭا مەنسۇپ بۇلۇشنى بەكمۇ خالايتىم. بىر كۈنى بۇ بىر جۈپ ئاشىق كۆزلەر تۇيۇقسىز
ئۇچۇر
شىپ قالدى.ئۇ كۆزلەردىن يانغان سىرلىق بىر ئۇچقۇن بۇ بىر جۈپ يۈرەكنىڭ ئەڭ چوڭقۇر جايلىرىغا سىڭىپ كىرىپ بۇ بىر جۈپ كۆزنى بىر-بىرگە باغلىدى. بۇ بىر جۈپ كۆزدىن « مەن سېنى سۈيىمەن» دىگەن ئۈنسىز خىتاپ كىلەتتى. مەنمۇ ئۇنۇڭغا ئاشىقلارچە تىكىلىدىم ۋە خىجىللىق ئىلكىدە يەرگە باقتىم ، ئۇ كۆزلەرگە « مەن سەن بىلەن بىر ئېقىن بۇلۇپ ئېقىشقا رازى» دىگەن جاۋابنى بەردىم. بۇ بىر جۈپ كۆزلەر بىر – بىرگە تويماي بېقىپ بەخىت ئىلكىدە چاقنىدى. قىسقىسى بۇ كۆزلەر ۋىسال شەربىتىدىن مەست بۇلۇپ ئەڭ گۈزەل مىلودىليەلەرنى ياڭراتتى. ئۇ كۆزلەر بىر جۈپ قۇش بۇلۇپ سايراش ئالىدىدا تۇرغىنىدا دەھشەتلىك چىققان قارا بوران ئۇلارنى ئايرىپ تاشلىدى. رەھىمىسز تەقدىر بۇ بىر جۈپ كۆزلەرنىڭ مۇڭلۇق كۈيلەرنى ئېيتىشقا ئىمكان بەرمىدى. مەن ئۇنىڭ ئۈچۈن يېنىپ تۇرغان كۆزلىرىمنى ئۇيۇپ تاشلاش قارارغا كەلدىم ، تۇيۇقىسز ئۇنىڭ « سېنىڭ كۆزلىرىڭ ماڭا ھاياتتىكى ئەڭ گۈزەل نەرسىلەرنى ئاتا قىلىدۇ» دىگەن سۆزلىرنى ئسىمگە ئېلىپ ئەلەم بىلەن تولغاندىم ، كۆزلىرىم ئاچچىق ھەسرەت تەپتىدىن نەمدەلىدى. مەن ئۇنىڭ بىلەن سايراشقا مۇيەسسەر بۇلالمىغان بولساممۇ، ئەمما بۇ قەلبىم ئۇنۇڭغا مەنسۇپ، بۇ غېرىپ كۆزلەر پەقەت ئۇنىڭ ئۈچۈن چاقنايدۇ. تەقدىر كۆزلەرنى ئايرىغان بىلەن قەلبنى ئايرىيالمايدۇ، شۇڭا بىز مەڭگۈ بىر – بىرمىز ئۈچۈن يېنىپ ، مەڭگۈ سۆيگۈ ناخشلىرىمزنى ياڭرىتىپ تۇرىمىز. مەن تەقدىرىگە شۇنداق دەيكى؛ « دۇنيادىكى كۆزلەرنىڭ ھەممىسى ئادەم بىلەن بىرلكتە يېنىپ ، بىرلكتە يۇمۇلسىمۇ، بىراق ئاشىق كۆزى ئۆچمەس سىمفونىيە ئورۇندايدىغان ئۆمۈرلۈك كۆزلەردۇر!!!!!!»
تورداش << شەبىنەم>> نىڭ باشقا تور ئەسەرلىرى
تېخىمۇ كۆپ ئەسەرلىرىنى كۆرمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى بېسىڭ
تور بېكەت ھەققىدە
|
شىركەت ھەققىدە
|
خېرىدارلىرىمىز
|
ھەمكارلىشىڭ
|
ئېلان بىرىڭ
| ئالاقىلىشىڭ |
پىكىر بىرىڭ
Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备09005194号 增值电信业务经营许可证 新B2-20050027号
ئالاقىلىشىش تېلېفۇن: 15999163133 ، 18999105493
互联网电子公告(BBS)服务资质
移动网信息服务业务资质
!تور بېكتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق فىلىم ۋە ناخشا مۇزىكىلار ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان، ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغان دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ