مەن كۆزلىرىڭىگە تىكىلىپ قارىسام، سەن خىجىل بولغانىدەك كۆزلىرڭىنى مەندىن قاچۇردۇڭ، ئەسىلىدە قارچۇقلىرىڭىدىكى باشقىلارنىڭ ئەكسنى كۆرۈپ قېلىشىمدىن ئەنسىرىگەن ئىكەنسەن.... مەن پۇشايمان قىلىش ئارقىلىق ئۆزۈمنى قاتتىق ئەيىپلىدىم، بۇ چاغدا ھېس-تۇيغۇلىرىم ئازاپقا ھۆكۈم قىلىندى. ئەسىلىمە ئىچىدىن چىقىپ رىئاللىقنى مەھكەم قۇچاقلىدىم. ئۆزۈمنى ئىنتايىن سەمىمى ئادەم ھېسابلايتىم، ئەمما مەندىنمۇ سەمىمى ئادەمنىڭ بارلىقنى كۆرگىنىمىدە بولسا ئالدىمدىكى يول تېخىمۇ ئۇزاردى... مەن شىرىن خىياللىرىمدىن سۆيۈندۈم، لىكىن ئۇلار مېنىڭ ئىرىشەلمىگەن نەرسىلىرىم ئىكەنلىگىنى بىلىگىنىمىدە ، ئۆزۈمنىڭ ناھايتى ئەخمەقلىقنى ھېس قىلىدىم... سەن ماڭا سۆيگۈ ئىزھار قىلغاندا خىجىلىقتىن ئەمەس بەلكى سۆيگۈنىڭ ئوتلۇق ھارارىتىدىن قىزاردىم، قوللۇرۇمنى مەھكەم تۇتقىنىڭىدا گالۋاڭلىقتىن ئەمەس بەلكى ھاياجاندىن تىتىردىم، سەن بۇلارنى بىلگەن چېغىڭىدا سۆيگۈمگە قايل بۇلۇپ مېنى مەھكەم باغىرىڭىغا باستىڭ... |