نۆۋەتتىكى ئورنى:باش بەت >> ئەدەبىي ئەسەرلەر >>
سۆيگۈ شۇنداق بىر ناخشا...
يوللىغان ۋاقىت:2010-06-02 11:09:52  يازغۇچى:شەبىنەم  كىلىش مەنبەسى:شەبىنەم  ئاۋاتلىقى:0   [ مەنمۇ ئەسەر يوللايمەن ]
كىچىك | نورمال | چوڭ             
سۆيگۈ- شۇنداق بىر ناخشا، خۇشاللىق بىلەن قايغۇ-ئازاپ، شادىلىق بىلەن دەرت-ئەلەم، كۈتۈش بىلەن تاقەت، ئىرىشىش بىلەن يوقىتىش، ۋىسال بىلەن جۇداللىق يىغىنچاقلانغان ناخشا...ئۇ ھەممە ئېيتقۇسى كىلىدىغان، لىكىن ھەممىلا ئادەم ئېيتالمايدىغان ناخشا... سۆيگۈ-نۇر، سۆيگۈ- گۈزەل كۈي، سۆيگۈ- چەكسىزلىك، سۆيگۈ- يۇرۇقلۇق ئىچىدىكى بارلىق... دۇنيادا مەشۇقى ئۈچۈن جان بەرگەنلەر بولغان، ئاشىقنىڭ تۇپىرقىنى گۈلگە ئوراپ، شۇ قەبىرىگە باش قۇيۇپ تۈننى تاڭغا ئۇلىغانلار بولغان، بىر ئۆمۈر مەشۇقنى ئۈن-تىنسىز ياد ئېتىپ ياشاپ، داۋانلار ئاشقان، جەسەتلىرى چۆل-جەزىرىلەردە قالغانلارمۇ بولغان، جۇداللىق ئازابىغا بەرداشلىق بېرەلمەي كۆكىركىگە قېلچ ئۇرغانلارمۇ بولغان، سۆيۈش ئۈچۈن تۇغۇلۇپ سۆيۈلۈشكە ئېرىشەلمەي ھەسىرەت ئىچىدە ۋىسالىسىز كەتكەنلەرمۇ بولغان. مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى سۆيگۈ... سۆيگۈ - شۇنداق بىر ناخشا، سۆيگۈ مۇھاببەتنىڭ چېكى يوق، ئۇنى ۋاقىتنىڭ ئۇزۇرشى بىلەن يىمىرۋەتكىلى، تام-توساقلار بىلەن تۇسۇپ قالغىلى ، دەريا-دېڭىزلار بىلەن ئايرىۋەتكىلى بولمايدۇ... سۆيگۈ - ئەنە شۇنداق ئۈزۈلمەس بىر ناخشا....
تورداش << شەبىنەم>> نىڭ باشقا تور ئەسەرلىرى
تېخىمۇ كۆپ ئەسەرلىرىنى كۆرمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى بېسىڭ
تور بېكەت ھەققىدە | شىركەت ھەققىدە | خېرىدارلىرىمىز | ھەمكارلىشىڭ | ئېلان بىرىڭ | ئالاقىلىشىڭ | پىكىر بىرىڭ
Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备09005194号 增值电信业务经营许可证 新B2-20050027号
ئالاقىلىشىش تېلېفۇن: 15999163133 ، 18999105493
互联网电子公告(BBS)服务资质       移动网信息服务业务资质
!تور بېكتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق فىلىم ۋە ناخشا مۇزىكىلار ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان، ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغان دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ