قانچە كۈنلەر بولدى يار سەن توغۇرلۇق ئويلانغىلى،
ئازلا قالدىم ئويلىنىپ سەۋداغىلا ئايلانغىلى .
سەن چىققاتتىڭ ناخشا ئېيتىسام شورا ئاتلاپ غىپپىدە،
چىقىمىدىڭغۇ گاھى چىقساڭ ئالىدىرايسەن يانغىلى.
خۇددى توشقان ئۈركىگەندەك قاچىسەن كۆرسەڭ مېنى،
ئوينىشامسەن ، راستىمۇ ياكى باشلىدىڭىمۇ چانغىلى .
ئەسىلىدە سۆيگۈ-مۇھاببەت جۈپ يۈرەكنىڭ خاھىشى،
سۆيىمىسە بولمايدىغان، تاشنى تاياققا تاڭغىلى.