سۇ يىغلايدۇ
سۇ يىغلايدۇ قۇچاقلىشىپ سۇ بىلەن،
سۇ يىغلايدۇ سۇ باغرىدا بۇقۇلداپ.
سۇ يىغلايدۇ سۇ ئىچىدە ھۆكىرەپ،
كۆز ياشلىرى ئارمانلارنى قۇچاقلاپ.
سۇ يىغلايدۇ يىغىسىدا مىڭ ئارمان،
سۇ يىغلايدۇ تامچىلارنى باخاشلاپ.
ئۇخلاپ بولدى ئەڭ ئاخىرقى يۇلتۇزمۇ،
سۇ يىغلايدۇ دولقۇن ئارا بۇلدۇقلاپ.
سۇ يىغلايدۇ دولقۇندىكى زۇلمەتتە،
سۇ يىغلايدۇ خۇددى يامغۇر پەسلىدەك.
سۇ يىغلايدۇ جىمجىتلىقتەك سوزۇلۇپ،
ئۇزۇن-ئۇزۇن قارا باسقان كېچىدەك.
سۇ يىغلايدۇ بارخانلارغا تەلمۈرۈپ،
سۇ يىغلايدۇ قۇملۇقلارنى چۈشەكەپ.
قايغۇللىرى،دەردلىرىنى جۇغلاپ،
سۇ يىغلايدۇ ھەسرەت بىلەن ئۆركەشلەپ.
سۇ يىغلايدۇ ئېرىقلاردا تولغۇشۇپ،
كۈلۈمسىرەر ئۇسساپ كەتكەن بۇلۇتلار.
سۇ يىغلايدۇ ئۆستەڭلەردە قىستىلىپ،
كۆز ياشلىرى شۇنچە مۇڭلۇق، بىغۇبار.
سۇ يىغلايدۇ دەريالاردا موللاقلاپ،
سەۋرىسىنىڭ قاچىسى ئاھ، تىشىلگەن.
سۇ يىغلايدۇ دېڭىزلاردا داۋالغۇپ،
سۇنىڭ يېشى بۇلۇتلاردىن تۆكۈلگەن.
سۇ يىغلايدۇ كۆللەردە ئاھ، تۈنجۇقۇپ،
يىغلاۋىرىپ پۈتۈپ كەتكەن ئاۋازى.
سۇ يىغلايدۇ كۆز يېشىدا قىيامەت،
سۇ يىغلايدۇ ،ياش تۆكىدۇ يۈرىكى.
سۇ يىغلايدۇ ئۆركىشىدە بارخانلار،
كۆزلىرىدىن سىرغىپ چۈشەر ئېقىنلار...
ياشلىرىدىن ھاسىل بولار دەريالار،
سۇ يىغلايدۇ شۇڭا تۇزلۇق ئوكيانلار...