نۆۋەتتىكى ئورنى:باش بەت >> ئەدەبىي ئەسەرلەر >>
تىكىلگەندە كۆزلىرىڭ ماڭا
يوللىغان ۋاقىت:2010-06-02 10:03:30  يازغۇچى:يۇلغۇن1  كىلىش مەنبەسى:ئىجادىيەت  ئاۋاتلىقى:0   [ مەنمۇ ئەسەر يوللايمەن ]
كىچىك | نورمال | چوڭ             

 

تىكىلگەندە كۆزلىرىڭ ماڭا

 

تىكىلگەندە كۆزلىرىڭ ماڭا،

بىر لەززەتكە بولىمەن غەرق.

لەۋلىرىمدە مېھرىڭ شىرنىسى،

شادلىقلىرىم چىقىرار قىلىق.

 

تىكىلگەندە كۆزلىرىڭ ماڭا،

ئوت چاچىدۇ قارچۇقلىرىڭ يار.

بۇ ھوجۇمغا چىدالماي يۈرەك،

غال-غال تىترەپ،تەنلەر جۇغۇلدار.

 

تىكىلگەندە كۆزلىرىڭ ماڭا،

كۈلكە تۆكۈپ،ھاياجان تۆكۈپ،

تەلمۈرىمەن ئامرىقىم ساڭا،

ئەجەپ شىرىن ھىسلارغا چۆكۈپ.

 

تىكىلگەندە كۆزلىرىڭ ماڭا،

ئوت يۇتىمەن ئۇزۇندىن ئۇزۇن.

  كۆزلىرىڭدىن گۈل سۇنۇپ ماڭا،

بارلىقىمنى ئەيلىدىڭ مەپتۇن.

 

تىكىلگەندە كۆزلىرىڭ ماڭا،

بەخت قۇشى قونار بېشىمغا.

ئىرىپ كېتەر مۇزلىغان تىنىم،

ئوت ئاقىدۇ تومۇرلىرىمدا.

 

تىكىلگەندە كۆزلىرىڭ ماڭا،

يۈرەك ئەمەس باغرىمدىكى چوغ.

ساڭا بولغان سۆيگۈم كۆكسۈمدە،

ئۆمۈر بويى يىقىلماس بىر تۇغ.

 

تىكىلگەندە كۆزلىرىڭ ماڭا،

قانلىرىمنى قاينىتار پىراق.

نى-نى كۈنلەر ئۆتۈپ كېتىدۇ،

لېكىن سەنسىز كۈنلىرىم ئۇزاق.

***

يۈرىكىمدە ۋىسال غەلۋىسى،

ھوۋلاپ تۇرار ئۆچمەس بىر گۈلخان.

مەن شۇتاپتا سۆيگۈ تەلۋىسى،

ئاشىقلىقىم كۆتۈرگەن غەليان.

تورداش << يۇلغۇن1>> نىڭ باشقا تور ئەسەرلىرى
تېخىمۇ كۆپ ئەسەرلىرىنى كۆرمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى بېسىڭ
تور بېكەت ھەققىدە | شىركەت ھەققىدە | خېرىدارلىرىمىز | ھەمكارلىشىڭ | ئېلان بىرىڭ | ئالاقىلىشىڭ | پىكىر بىرىڭ
Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备09005194号 增值电信业务经营许可证 新B2-20050027号
ئالاقىلىشىش تېلېفۇن: 15999163133 ، 18999105493
互联网电子公告(BBS)服务资质       移动网信息服务业务资质
!تور بېكتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق فىلىم ۋە ناخشا مۇزىكىلار ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان، ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغان دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ