ۋاي قاندىغا قاندىغا ۋاي قاندىغا،
بايرىمىڭغا تەييارلىقىڭ قانداق ئۇكا.
ھەر يۇرىتتىن تەبرىك ئېلىپ كەلدىم ساڭا،
بۈگۈن بايرام كۈلىۋالغىن كۈلەي راسا.
بايرامغىغۇ جۇغۇ-جۇغۇ كەلدىم مانا،
ئۆز يۇرتۇمنىڭ تەبرىكىنى ئېلىپ ساڭا.
چوكا مۇزدىن 5-6 تال بەرگىن ماڭا،
ئۇسساپ كەتكەن تۇققانلىرىم بار تالادا.
ئۆزلەر ئامان تۇرلىمۇ تەنلەر تازا،
تۇرپان قۇمۇل ۋەكىللىرى بىز سالامدا.
بالىلار كۈلسۈن ئۆلىۋالسۇن گۈيتۇزىلار،
ئۆزلىرىدىن كەلسۇن ئويۇن باشلىماملا.
ئەمدى بۈگۈن بايراملىرىدۇر ماڭقايلىسلا،
قەشقىرىمدا سىلە ئۈچۈن سالدۇق ساما.
نەسلىدىن سەلەي چاققان ۋارىسى دەپ،
چوڭ بىلىدۇ ئۆز كۆڭلىدە بىزنىڭ باللا.
پو ئاتمىدىم باراي دېسەم بايرام تولا،
نۇرغۇن ئىشنى تاشلىۋەتتى ئەلى بابا.
40 ئوغرىغا تەقسىم قىلغان ئويۇن قېنى،
تامدىن سەكرەپ چۈشەلمىسەم سەندوڭبىغا.
سالام ئېيىتتى كىچىك بالام مەندىن ساڭا،
بىرەمىڭى تەڭ ئەگىشىپ كەلدى ماڭا.
ئۇدۇل دەۋەر ئويۇنلىرىڭ ئوخشىمىسا،
ياردەمدە بار ئوخشىتىدىغان باللار ساڭا.
ئەجەپ ئوينىغان ئىدۇق بىر چاغلاردا،
ساراڭ بولۇپ ئاقسۇ ئاۋات ئۈچتۇرپاندا.
بايرىمىڭغا تەييار بۈگۈن تاش قوچاقلار،
ئەلى دېگەن ئوينايدىغان قاراقچىڭ بار.
زاراڭزايۇ زاراڭزا ،
ئېچىلىپتۇ ھەر ياڭزا.
لايىقمىكىن بۇرۇتۇڭغا،
ئويۇنلىرىڭ بالاڭزا.